• بىر ئانىنىڭ ئۆمرىدىكى سەككىز يالغان سۆزى

    2009-04-28

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38623370.html

     ئوغۇل كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى نامرات بولۇپ، دائىم تويغۇدەك تاماق يىيەلمەيىتتى. ئانا تاماق قاچىسىدىكى تاماقنى بالىلارغا بۆلۈپ بەردى ۋە باللىرىم تىزرەك يەڭلەر، مىنىڭ قورسىقىم ئاچىمىدى دىدى. بۇ ئانىنىڭ بىرىنچى يالغان سۆزى ئىدى.
    ئوغۇل سەل چوڭ بولغاندىن كىيىن، تىرىشچان ئانا ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنىلىرى شەھەر سىرتىغا چىقىپ بىلىق تۇتۇپ كىلىپ بالىلارغا پۇشۇرۇپ بىرەتتى. بىلىق گۆشى ناھايىتى تاتلىق، بىلىق شورپىسىمۇ ناھايىتى مەزىلىلىك ئىدى. ئەمما ئانا بىلىق يىمەي، بىلىقنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجايتتى. تىلى بىلەن سۆڭەكلەرنىڭ ئارىسىدا قالغان گۆشلەرنى چىقىرىپ يەيتى. ئوغۇلنىڭ ئانىغا ئىچى ئاغرىپ قاچىسىدىكى بىلىق گۆشىنى ئانىسىغا ئىلىپ بەردى. لىكىن ئانىسى بالام ئۆزۇڭ يە، مىنىڭ خوشۇم يوق دەپ يەنە بالىسىنىڭ قاچىسىغا سىلىپ قويدى. بۇ ئانىنىڭ ئىككىنچى يالغان سۆزى ئىدى.
    ئوغۇل تولۇقسىزغا چىققاندا ئانا ئوغۇل ۋە ئاكا ئاچىللىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى غەملەش ئۈچۈن تىككۈچىلىك ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئانا يەنە سەرەڭڭە قىپى ئىشلەيدىغان زاۋۇتتىن قەغەز ئىلىپ كىلىپ كەچىلىرى ئۇنى يەملەپ ئازراق پۇل تاپاتتى. كىچىسى ئويغۇنۇپ كەتكەن ئوغۇل ئانىسىنىڭ چىراق نۇرىدا بەللىرىنى ئىگىپ سەرەڭگە قىپى يەملەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ <ئانا بولدى ئۇخلاڭ، ئەتە يەنە ئىشلەيسىز ئەمەسمۇ دىدى؟> ئانا: <بالام ئۇخلاۋەرگىن، مىنىڭ ئۇيقۇم كەلمىدى.> دىدى. بۇ ئانىنىڭ ئۈچىنچى يالغان سۆزى ئىدى.
    ئوغۇل ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشقان ۋاقىتتا ئانا ھەر كۈنى قىززىق ئاپتاپتا جاھىل ئانا بىر نەچچە سائەت ساقلاپ تۇراتتى. ئىمتاھاندىن چۇشۇش قوڭغۇرىقى چىلىندى. ئانا قىنىق دەملەنگەن چاينى ئوغلىغا سۇندى. چاي قىنىق ئىدى، مۇھببەت چايدىنمۇ قىنىق ئىدى. ئوغۇل ئانىسنىڭ يىرىلغان كالپۇكلىرىغا، تەرگە چۆمۈلگەن پىشانىلىرىگە قاراپ ئىستاكاننى قايتۇرۇپ ئانىسغاسۇندى. ئانا سەن ئىچكىن ئوغلۇم، مەن ئۇسسۇمىدىم دىدى. بۇ ئاىنىڭ تۆتىنچى يالغان سۆزى ئىدى.
    ئوغۇلنىڭ ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئانا ھەم دادا ھەم ئانا بولدى. ئانا ئۆزىنىڭ تىككۇچىلىك كارخانىسىدىن كىلىدىغان كىچىككىنە كىرىمى بىلەن بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتى، ئۇلارنى ئوقۇتاتتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىن ئىدى. كوچا ئىغىزىدىكى سائەت ئوڭشايدىغان قوشنىسى ئەمەت بىلگەندىن كىيىن ئۇلارغا دائىم ياردەم بەردى. ئۇلارنىڭ كۆمۇرىنى ئەكىلىشىىپ بىرەتتى، سۇ تۇشۇشۇپ بىرەتتى. يەنە ئۇلارغا ئۇن-ياغ ئىلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بىرەتتى. قوشىنىللىرى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ئانىغا قايتا توي قىلىۋىلىش توغرىسدا تەكلىپ بەردى. لىكىن جاھىل ئانا ئۇنىمىدى. ئۇ مىنىڭ قايتا توي قىلغۇم يوق دىدى. بۇ ئۇنىڭ بەشىنچى يالغان سۆزى ئىدى.
    ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئوغۇلنىڭ ئاكا ئاچىللىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كىيىن، ئىش ئورنىدىن قالغان ئانا كوچا ئىغىزىدا بىر كىچىك يايما ئىچىپ تۇرمۇشىنى قامدىدى. خىزمەتكە چىققان بالىلار دائىم ئۇنىڭغا پۇل ئەۋەتىپ تۇراتتى. لىكىن ئۇ پۇللارنى ئالىغىلى ئۇنىمايتى، ھەم پۇلنى قايتۇرىۋىتىپ مىنىڭ پۇلۇم بار دەيىتتى. بۇ ئۇنىڭ ئالتىنچى يالغان سۆزى ئىدى.
    ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلىپ قىلىنغان ئوغۇل ئىككى يىلدىن كىين يەنە ئامرىكىدىكى داڭلىق بىر مەكتەپتە ئوقۇش پۇرستىنى قولغا كەلتۇردى. ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن ئۇ ئاشۇ يەردىكى بىر تەتقىقات ئورنىدا ئىلىپ قىلىندى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى باياشات ئىدى. ئۇ ئانىسىنىمۇ ئىلىپ كىلىپ بۇ باياشات تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمان بولماقچى بولىدى. ئەمما ئانا رەت قىلىپ مەن كۆنەلمەيمەن دىدى. بۇ ئۇنىڭ يەتتىنچى يالغان سۆزى ئىدى.
    خىلى يىللاردىن كىين ئانا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالدى. يىراق ئوكيانلارنىڭ نىرىسىدىكى ئوغۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەندە ئوپراتىسيدىن چىققان ئانىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرى قالغان ئىدى. ئوغۇل ئانىنىڭ كىسەك ئالۋاسىتىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئاران قالغان ئانىغا قاراپ كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزدى. ئەمما ئانا يىغلىما ئوغلۇم، مەن ھىچ ئىش بولمىدى دىدى. بۇ ئانىنىڭ ئاخىرقى يالغان سۆزى ئىدى.

    分享到: