• خەجلە خائىنلار خەجلە

    2009-04-28

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38619042.html

    خەجلە خائىنلار خەجلە

     

     خەجلە خائىنلارەي،خەجلە، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە،

    يېتىشمەي قالىسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە.

     

    خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە، بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە،

    تالان- تاراجىدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە.

     

    دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى، دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى،

    سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلام. ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە.

     

    كۆلدە بېلقى كۆپ دەپ، يەر ئاستى بايلىق كۆپ دەپ،

    قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھىيلە، ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە.

     

    پالانى ئاقچىدۇر-كۆكچى، بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى،

    دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى، سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.

     

    1949-يىلى 8- يانۋار، ئۈرۈمچى

     

    华吧,叛徒者,花吧

     

    当看到为新疆伪政府官员而制定的1949年度支出预算时

    花吧!叛徒者,花吧!把人民的财产花光

    如果这还不够就把他们的生命当钱花光.

     

    为夫人的奥斯玛,丈夫的腰带把钱花光,

    把掠夺剩下的散碎的馕块当钱花光.

     

    让农民开垦荒地,让作坊把粗布衣织上,

    把摊派增加百倍,把他们的五脏当钱花光.

     

    说它的湖里鱼多,底下还有无穷宝藏,

    每迈一步都有上千条诡计,把矿开出来花光.

     

    说某某人这长那短,这吾提库尔也不是省油的灯,

    把民族分裂出卖良心的钱也花光

     

    1949年1月8日乌鲁木齐

     

    بۇ شېئىر ۋە ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان ئۇيغۇرچە خەنزۇچە< ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى> ناملىق كىتابتىن تەييارلاندى.بۇ كىتابتىكى بارلىق شېئىرلارنى شائىر، ئەدىبىي تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان.ئۇيغۇرچىسى مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمى 36-بەتتە، خەنزۇچىسى مەزكۇر كىتابنىڭ خەنزۇچە قىسمى 31-بەتتە.

    分享到: