-
ئالتۇن تىللالىق ھېكمەتلىك سۆزلەر
2009-04-28
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38582954.html
* بوراننىڭ گۈركىرشىگە تاغ تەۋرىمەس (ماقال).
* بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.
* قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.
* قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.
* دوستۇڭ دوسىت بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.
* چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.
* بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.
* ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
* چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
* ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.
* ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
* موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.
* ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.
* ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
* تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن.
* باللىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.
* كۆز قورققاق ،قول باتۇر.
* ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.
* ئورۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان.
* ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
* باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
* دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
* دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
* پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.
* كېيىنكى پۇشمان ئۆزىگە دۈشمەن.
* ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
* ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.
* پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما،ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.
* بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.
* يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمكدىن.
* سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
* زاغرا نان قېتتىققا ياخشى،قېرى كالا پېتىققا ياخشى.
* ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرۋالار.
* بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.
* بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.
* ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.
* پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.
* گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.
* كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.
* مىڭ پىراقتىن بىر ئەلمىڭ يامان.
* پىشقان قوغۇن ساپقىدا تۇرماس.
* بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
* پىلانسىز ئىش يوق ئىش.
* پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.
* ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.
* ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
* خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.
* ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.
* توخۇنى تاخ دېمە،مۈشۈكنى پەش دېمە.
* نادان قازانغا قارايدۇ،تادان ئوچاققا .
* قىش ئوچىقى تار،قوپ ئۆيۈڭگە بار.
* تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
* ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
* كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.
* ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
* بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس،باش تارىغان بىلەن خوتۇن.
* ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.
* بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.
* تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر ، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر.
* ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .
* دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاغ .
* تاقىسىز ئېشەك تاش يۈرەلمەس .
* ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي ، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي .
* بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ .
* ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار .
* تاما - تاما كۆل تۇلار .
* پۇل - پىششىق تاماق .
* تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .
* تامغىلىق مال يۇقالماس .
* ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ .
* تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار .
* ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق .
* ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .
* ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق .
* ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .
* ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .
* ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .
* تەدبىرىڭ قانداق بلسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار .
* ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن .
* ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما ، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا .
* تەرگىسەڭ تېرىق بۇلىدۇ ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق .
* كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس .
* تامچە سۇ تاشنى تېشەر .
* بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .
* تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .
* تاز باشقا يېشىل تەقىيە .
* سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە .
* گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار .
* باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە .
* ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .
* تەڭ تېڭى بىلەن ، تېزەك قېپى بىلەن .
* تەن ساقلىق - تەڭدىشى يوق بايلىق .
* مەن قىلارمەن ئوتتۇز ، تەڭرى قىلار توققۇز.
* تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان .
* قورققان مۇش تەڭلەر .
* كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە ، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە .
* تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر .
* غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
* چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.
* قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى.
* تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
* توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
* ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ،توقۇمىدىن ئايرىلما.
* توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.
* پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
* ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا.
* قېرى دوڭغاق كېلەر،سوغوقتا توڭغاق كېلەر.
* توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.
* ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
* ئوڭ ئايا،سول ئاياغ،بىزنى قىلدىڭ تومتاياق.
* تونلۇققا كۆپ سوغوق ، تونسىزغا ئاز سوغوق.
* توي-تونلۇقنىڭ، ھېيىت ئاتلىقنىڭ.
* بېخىل باي بولسا، ئانسىنى تومۇماس.
* ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك،ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك.
* سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى يەر.
* تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر.
* ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن،توينى ئوينا تويچى بىلەن.
* يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر.
* تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن.
* كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
* كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
* گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار.
* تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
* گالدا نان تۇرسا،سۇغا يۈگۈر،گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر.
* ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
* تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.
* سۇ كەلگۈچە تۇغان سال.
* تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
* چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكلىكنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەمچەكلىكنى ئال.
* تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس.
* توخۇ سەمرىسە،تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس.
* سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
* چالا توڭچى ئادەم ئۆلتۈرەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ توللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بوياقلىقى يامان.
* جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
* ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ،ھايۋان تۇياقتىن.
* تۆشۈك قۇلاق نىمىنى ئاڭلىماس.
* يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر،چۆمۈچ قازاندىن.
* تۆشۈك مونچاق يەردە ياتماس،يەردە ياتسا توپا باسماس.
* قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا.
* ئون تال يىڭنىنى سوقسا،بىر تال تۆمۈنە بولماس.
* تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ.
* تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.
* مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن.
* تۈتۈننىڭ ئاچچىقنى مورا بىلەر.
* ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
* تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.
* ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
* دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان،ئىچى قۇرۇق،ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان،مېغىزى يوق.
* بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.
* دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
* ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.
* ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
* قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.
* بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭ شۇ.
* يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.
* پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس.
* مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.
* ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.
* ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
* ئاغزى قايماق،كۆڭلى مايماق.
* غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.
* مەردنى مەيداندا سىنا.
* مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.
* كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.
* <<تۇر تۇر>> كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
* مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
* چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.
*ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.
* يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.
* تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.
* سەن ئۆل مەن تىرىلەي.
* مەنمەنلىك-شەيتانلىق.
* ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
* قۇرساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر.
* ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتگە قارا.
* ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.
* ئۇستا باردا قولۇڭنى تارىت،موللا باردا تىلىڭنى تارت.
* قازى بىلەن قالامسەن،مۇپتى بىلەن كېتەمسەن.
* يازدا توڭلىغان قىشتا مۇزلايدۇ.
* مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.
* مۇساپىر بولمىغۇچە،مۇسۇلمان بولماس.
* مۇسۇلمانچىلىق ئاستا ئاستا بۇلىدۇ.
* مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.
* ئاش بەرگەنگە ، مۇشىت بېرىپتۇ.
* ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرىت ھەر مۇقامدا يورغىلار.
* بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش دېمە.
* مۇھەببەتنى سېتۋالغىلى بولماس.
* ياشلىقىڭدا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك.
* بىر مۈدۈرگەن ئون مۈدۈرەر.
* ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۆڭگۈز ئېشىپ كېتەر.
* ئىت دېسەڭ قۇيرۇقى يوق، ئۆچكە دېسەڭ مۆڭگۈزى يوق.
* ياۋاشنىڭ مۆڭگۈزى ئىچىدە.
* ياخشى مۈلۈك ھېكىمنىڭ، بۇزۇلغاندا ھېچكىمنىڭ.
* چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن مېكياننىڭ ئەمچىكى يوق.
* مېۋىسىز دەرەخنى قاقما.
* بىلىمسىز ئادەم- مېۋىسىز دەرەخ.
* ئاتا كەسپى بالىغا مىراس.
* مىھنەتتىن قاچما،مىننەتتىن قاچ.
* ئىشلەپ يىگەن لەززەتلىك، تىلەپ يىگەن مىننەتلىك.
* قىز بالنىڭ يىغلىغىنى- نازلىغىنى.
* تاپقىنى ناماقۇللۇقتىن ئاشماپتۇ.
* قىز چوڭ بولسا گەپ تۇلا، ئوغۇل چوڭ بولسا نەپ تۇلا.
* ۋالاقتەگكۇر گەپ بەرمەس،سۇنۇق كەپكۈر نەپ بەرمەس.
* دوسىتقا مۇھەببەت،دۈشمەنگە نەپرەت.
* ئاش نەرخى ئاسمان.
* بىر ئاتا ئون بالنى بېقىپتۇ،ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماپتۇ.
* ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر.
* نەزرى ئۈستۈن نەرخى پەس.
* نەقتىن ھەسەل چىقتى،نېسىدىن كېسەل .
* يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
* ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەپتۇ.
* ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق ،تىلنىڭ سۆڭكى.
* نوختىلانغان ئات يېتلەككە ماڭار.
* ئەرگە بىر نۆۋەت ،يەرگە بىر نۆۋەت.
* ئانسى ناننى نىپىز ياقىدۇ،بالسى تويماي قوشلاپ يەيدۇ.
* نېسى يىمەڭ گۆشنى ، يېرىپ چىقىدۇ تۆشنى.
* ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نىمە قىلار.
* قاسساپ تۆت سەركەم بار دەپ ئۆلەر، جۇۋىدار نىمئششەك كىم دەپ ئۆلەر.
* يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك، ھاجىلىققا ھەرەم.
* غالجىر خۇدانى بىلمەس، ئىت ھارامنى.
* يول يۈرگەندە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا ئايالىڭ ئۆلمىسۇن.
* قارىغۇ ھاسسىنى بىر قېتىم يۇقىتار.
* ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
* ئۇنچى ھاكچىنى كۆرەلمەپتۇ.
* قاراڭغۇ دەپ ھاڭۋاقما، يورۇقلىقنى ئىزلەپ تاپ.
* بار بارى بىلەن، يوقى ھالى بىلەن.
* دۈشمىنىڭگە ھال ئېيىتما، كۈلگىسى كېلىدۇ، دوستۇڭدىن سىر ئايىما،بىلگۈسى كېلىدۇ.
* ھالىڭغا بېقىپ ھال تارىت ،خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارىت.
* ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام،كۈچى ھالال.
* تەر - قىلغان -ئەتكەننى ھالاللايدۇ.
* جاپاچەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق.
* بورىچى ھالۋىچى بولسا كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ.
* ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە،ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ.
* ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما،ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
* كىشىدىن ھايا كەتسەئورنىغا بالا كېلەر.
* ھايا يوق يەردە ئىمان يوق.
* ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا.
* ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن،جايلايدۇ ھەرباب بىلەن.
* ھەركىم باتۇرغا باتۇر.
* بولسا ھەرنىمە ئوخشايدۇ.
* قورقۇنچاق ھەسەتخور بۇلار،نامەرد قەسەمخۇر بۇلار.
* تىلى ھەسەل،دىلى زەھەر.
* داۋاسىز دەرد بولماس،ھەسرەتسىز قېرى.
* مەن بارالماي ھەلەك،ئۇ بارمايمەن دەپ ھەلەك.
* يەر ھەيدىسەك كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمسەڭ يۈز ھەيدە.
* ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار.
* يولۋاسقا يۇلۇقما،يۇلۇقساڭمۇ ھولۇقما.
* ھورۇن ئېشەك يۈكنى ئېغىر كۆتۈرەر.
* سەھەردە ھۇۋلىغان ئىتتىن قورق.
* بۇلبۇل گۈل بار يەردە، ھۆرمەت دوسىت بار يەردە.
* كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قۇلىدا.
* ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
* ھۈنرى بار قول ئۆلمەس.
* گۆھەرلىك بۇلۇشتىن،ھۈنەرلىك بۇلۇش ئارتۇق.
* كۆپنى بىمىگەن ئازنى ھېچ بىلمەس.
* ئۆچكىنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئېچىلىپ قالسا ھۇيىت-ھۇيىت.
* كاۋا ھېچقاچان قوغۇن بۇلالماس.
* يالغانچىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرسىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەس.
* ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ.
* پۇل تاپقۇچە ھېساب تاپ.
* ياندا ھېسىپ بولسا يېگىلى ياراپتۇ.
* گەپ قىلسا ۋالاقتەگكۇر دەيدۇ،گەپ قىلمىسا مۆرىمەس دەيدۇ.
* نېسى ئېلىشتا ھاي-ھاي، پۇل بېرىشتە ۋاي-ۋاي.
* ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن.
* ھۆسنىخاننىڭ ئون كۆڭلىكى بار، بىر كۆڭلەكچىلىك ۋەسلى يوق.
* بۈدۈنەمنىڭ ماكانى يوق،نەگە بارسا ۋىتۋالاق.
* قوغۇنغا ئوغرى كەلسە، يا پىششىقنى قويماس،يا خەمكىنى قويماس.
* ياتنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ ساقلى كۆيۈپتۇ.
* ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي،يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ.
* يات يۇرىتتا تورغاي سايرىماس.
* قىزىمنىڭ ئۆزلۈكى بار ،كۈيئوغلۇمنىڭ ياتلىقى بار.
* ئالدىرغاننىڭ ئېشىكى يېتۋاپتۇ.
* ياتار قۇرساق كېتەر قۇرساق.
* رەھىمىسى يوق ئادەمدىن، رەھىمىسى بار ئىت ياخشى.
* ياشلىقىڭدىن ياخشى بول.
* ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن،يامان بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن.
* يامان كۈنلەر ياخشى بۇلۇر، يامان ئادەم ياخشى بولماس.
* ياخشىلىق يېنىپ تۇرغان چىراغ.
* يامىننى ئېيىتماي ياخشىلىق يوق.
* ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يولدا.
* يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار يوق.
* يار ئوتىنىڭ يارسى يوق، ياردىن باشقا دورىسى يوق.
* بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللا كۇدىن يار كەتتى.
* يامان كالا ياردا مۇزلاپتۇ.
* جاھاندا بار بولساڭ يار بول.
* ئۆلمەسنى خۇدا ياراتماس.
* يارتىش خۇدادىن - يارلىش ئۆزۈڭدىن.
* مەن پۇتۇمنى ياراتمايمەن، پۇتۇم مېنى ياراتمايدۇ.
* ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس،يارىغىم يالغانچى.
* ئىككى يارتا-بىر پۈتۈن.
* ياماق ياماپ،يارماق تاپ.
* بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار،بىلىمسىز نادان قىممىتى يوق يارماق.
* ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ.
* ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنۇڭنى يارار.
* ئېشىنى يەپ بېشىنى يېرىپتۇ.
* ئۆستەڭ يارشىقى تال،قىزنىڭ يارشىقى خال.
* خانغا يارىغان ئېشىم تازغا يارىماپتۇ.
* ئېشى يارىسا قاچىغا قارىما، قىزى يارىسا،ئانسىغا قارىما.
* كېپىنەك پەرۋانە بولماس، ياسانچۇق مەردانە بولماس.
* ياساش قىيىن بۇزۇش ئاسان.
* ياش ۋاقىتتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك.
* ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.
* ئادەمنى ئۈمىد ياشتىدۇ،غەم قاقشىتىدۇ.
* ياشلىقىڭدا ئىشلە، قېرىغاندا چىشلە.
* كۆپ ياشىغان نىمە بىلەر، كۆپ كۆرگەن شۇ بىلەر.
* ياغاچ قۇلاققا گەپ ئۆتمەس.
* ياغسىز تائام ئېغىزغا تېتىمايدۇ.
* قولۇڭ ياغلانسا دوستۇڭغا سۇۋا.
* ياغ ئالسىمۇ ياغلىق قاپاق، ياغ ئالمىسىمۇ ياغلىق قاپاق.
* يامغۇر ياغدى-ياغ ياغدى، قار ياغدى نان ياغدى.
* پوقاققا ياقا ياراشماس.
* ئاتسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق.
* ئىت ئېتەكتىن ئالار خوتۇن ياقىدىن.
* مالنى تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن.
* ئەلگە ياققان خار بولماس.
* بەرگەن ئالغانغا يېقىپتۇ، بەرمىگەن دەريادا ئېقىپتۇ.
* قولۇمدىن كەلگىنى كۆڭلۈمگە ياقماس، كۆڭلۈمگە ياققىنى قولۇمدىن كەلمەس.
* كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق،كېچىسى گەپ قىلساڭ قولاقنى قولاققا ياق.
* ناننى تونۇرغا ياق،ئاتنى ئوقۇردا باق.
* تام ياقلىساڭ تام باسار.
* قازانغا يۇلۇقساڭ قارسى يۇقار،يامانغا يۇلۇقساڭ يالىسى.
* يالاقچى يالاق بىلەن ماڭىدۇ، تىجمەل تاياق بىلەن ماڭىدۇ.
* ئون خۇجايىندىن بىر يالاقچى يامان.
* ياڭ ئاياغ سۇدىن قورىقماس.
* يالغانچى يالجىماس،ئوغرى بېيىماس.
* ئالدىرغان قىز ئەردە يالجىماپتۇ.
* يالجىمىساڭ يەر يۆتكە.
* كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ ، قۇلاق ئاڭلىغان يالغان.
* يالغان راسىت بولماس،راسىت يالغان بولماس.
* يالغانچىنىڭ راسىت سۆزىمۇ يالغان.
* يالغۇز خىش تام بولماس.
* يالغۇز ئوتۇن يانمايدۇ، يالغۇز قويۇن ئىسسىمايدۇ.
* يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس،دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس.
* يالغۇزلۇقتا يەر ياخشى.
* ياغ يەپ يالىڭاچ يات.
* ھەممە كىشى ئانىدىن يالىڭاچ توغۇلغان.
* كاللىلار سۇ ئىچسە،موزايلار مۇز يالايدۇ.
* قېتتىق ئىچكەن قۇتۇلدى،تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى.
* بېخىل سىقىمىنىڭ ئىچنى ئايايدۇ، تېشىنى يالايدۇ.
* تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا،ئىچىڭ كۆيسى مۇز .
* ئاغزىمدىن چىقتى ،ساقلىمغا ياماشتى.
* ياخشى سۆزگە قۇلاق سال،يامان سۆزگە ياماق سال.
* يامان ياماندىن قورقار،كەتمەن ساماندىن.
* بارچە ياخشى ،مەن يامان،بارچە بۇغداي مەن سامان.
* ئۆزۈم تاپقان بالاغا ،نەگە باراي دەۋاغا.
* يۈز دوسىتتىن بىر دۈشمەن يامان.
* ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىشىنىڭ ئىشىدۇر، يامانلىققا يامانلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر.
* پەشنى كېسىپ،يەڭنى ياماپتۇ.
* نامراتنىڭ نېنى يانچۇقدا.
* ئۇغرىنىڭ دوستى يانچۇقچى.
* ياخشىغا يانداش،ياماندىن قاچ.
* ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس.
* ئەتتىگەنكى مۇشىتتىن يانما.
* بىر ياماندىن قورق،بىر ياۋاشتىن قورق.
* مېھمان قويدىن ياۋاش.
* يىتىمنىڭ ئاتسى يەتتە.
* يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.
* كۆپ بولسا كېتەر،ئاز بولسا يېتەر.
* ئەزمە ئويلانغۇچە،تەۋەككۇلچى مەقسىتگە يېتىپتۇ.
* يەر كىشىنى يەيدۇ،كىشى يەرنى يەيدۇ.
* ئەرنىڭ ئېرى بار، يەرنىڭ يېرى بار.
* كۈندۈزى مەندەك ئەر يوق، كېچسى ياتىدىغان يەر يوق.
* ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
* يەرسىز ئىدىم،يەرلەندىم،توقماق ئىدىم،پەملەندىم.
* يەكچەشمىنىڭ يۇرتىغا بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسۋال.
* ئېرى يەكلىگەننى ئېلى يەكلەر.
* مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
* يولنى يۈرگەن يېڭىدۇ.
* چېچەكلەرنىڭ ئېتى يامان،قىزىلنىڭ يىلى يامان.
* ياخشى بىلەن دوسىت بولساڭ ،ئېچىلار چېچەكلىرىڭ.
يامان بىلەن دوسىت بولساڭ،يېرىلار يۈرەكلىرىڭ.
* ئادەمنىڭ يۈزىگە قارىما،سۈزىگە قارا.
* ئاينىڭ يۈزدىمۇ داغ بار.
* يۈزۈم قېلىن، كۆڭلۈم نازۇك.
* ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا،ئاياغ يۈگۈرىكى ئاشقا.
* يېپىشقان خوتۇندىن قاچ،قاچقان خوتۇننى قوغلا.
* ياغمىغان يامغۇرغا چەكمەن يېپىنما.
* كەتمىننى مەن چاپسام،يېتىپ يەيدۇ خان غۇجام.
* يىتىم بۇلۇڭدا،تېرىق تۇلۇمدا.
* ئورۇقلۇققا كالا ئۆلمەس،يېتىملىككە بالا ئۆلمەس.
* خەت-يېرىم دىدار.
* ئات ئورۇق بولسىمۇ يېغىر بولمىسۇن،گۆش سۆڭەك بولسىمۇ بېغىر بولمىسۇن.
* جەينەك يېقىن بولسىمۇ چىشلىگلە بولماس.
* ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن ئال،خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال.
* ئەللىك يىلدا ئەل يېڭلىنار،يۈز يىلدا قازان.
* يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس،كىيمى يوقنىڭ قوپقۇسى كەلمەس.
* توخۇنى ئوغۇرلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمنى يىگەنمۇ ئوغرى.
* توڭگۇز تېرىسى سېسىقلغدىن ئاش يېمەس، ئادەم تېرىسى ئۇلۇغلىغىدىن ئاش يىمەس.
* يەرنىڭ يېمى ئوغۇت،ئانىنىڭ غېمى تۇغۇت.
* قۇشنى يەم بىلەن ئالدايدۇ،كىشىنى گەپ بىلەن.
* يورغا مىنگەن يولدىشدىن ئايرىلار، كۆپ ياشىغان تەڭتۇشىدىن ئايرىلار.
* ئۆچەر چىراغنىڭ يورۇقى يوق.
* ئىشلىگەننىڭ يۈزى يۇرۇق،ئىشلىمگەننىڭ يۈزى چورۇق.
* باش كىچىك تۇماق يوغان، بەل كىچىك،غىلاپ يوغان.
* ئۇمۇ يوق،بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق.
* كىيىك ئوقسىزغا يۇلۇقار،بالا يوقسۇزغا.
* يوقسۇللۇق مەردنىڭ قولىنى باغلايدۇ.
* ئۆي تۇتمىغاننى ئۆيۈڭگە يۇلاتما.
* يولدىن چىقما،خاندىن قورىقما.
* يوغاننى يۇنۇپ يە،كىچىكنى شىلىپ يە.
* تىلنى چىشلىۋالغان چىشنى يۇلۇۋەتمەس.
* سۇ يەتتە يۇملىسا ھالال.
* يېتىمنىڭ كۈنى قانچىدۇر،چىۋىنگە مۇنارنى يۈلەتكىنچىدۇر.
* قوشنا بولساڭ يۆلەك بول،بولمىسا بۆلەك بول.
* يولۋاسنىڭ ئارقىسدىن يۈرسەڭ يۈر،خوتۇننىڭ ئارقىسدىن يۈرمە.
* مېھماننى ئۆيگە چىللاپ،ئۆزى يۈرەر ئەر سوراپ.历史上的今天:
بىر ئانىنىڭ ئۆمرىدىكى سەككىز يالغان سۆزى 2009-04-2870چوڭ گۇناھ 2009-04-28ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ 2009-04-28خەجلە خائىنلار خەجلە 2009-04-28QQ سىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن 2009-04-28