• تەربىيە كۆرگەن ئادەم مۇنداق بولىدۇ...

    2009-04-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38247008.html

    تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرنىڭ پەزىلەتلىرى


    1.تەربىيە كۆرگەن ئادەم ۋاقىتقا رىئايە قىلىدۇ.
    توي-تۈكۈنگە ،چاقىرغان ھەم ۋەدىلىشىپ قويغان يەرگە كىچىكمەي بارىدۇ،قەستەن كىچىكىشنىڭ ۋاقتىدا كەلگەن مېھمانلارغا نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
    2.تەربىيە كۆرگەن ئادەم سۆھبەتدىشىنىڭ سۆزىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالىدۇ.
    باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە سۆزىنى بۆلىۋەتمەيدۇ،ئۇلار ھەمىشە قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇدۇ،چۈنكى كۈڭۈل بىر يەردە بولمىسا ،قارشى تەرەپنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
    3.تەربىيە كۆرگەن ئادەم باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدۇ.
    باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلمىسىمۇ ،ھەرگىز " بىكار گەپ "،" ئېغىزغا كەلگەننى جۆيلۈش"دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلمايدۇ،بەلكى ئۆزىنىڭ قارشى پىكىرىنى سالماقلىق بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇدۇ.
    4.تەربىيە كۆرگەن ئادەم ۋەدىسىدە تۇرۇدۇ.
    ھەرقانداق ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچۇرۇشىدىن قەتئىنەزەر،ۋەدە قىلغان ئىشىنى كۈچىنىڭ بېرىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇدۇ،ناۋادا ئورۇندىيالماي قالسا ،ئورۇنلۇق كەچۈرۈم سورايدۇ،ئۆزىنى ئاخلاپ باھانە كۆرسەتمەيدۇ.
    5.تەربىيە كۆرگەن ئادەم كەمتەر بولىدۇ.
    كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى باردى-كەلدى ئۆز-ئۆرنىنى كۆز-كۆز قىلمايدۇ،ئۈستۈنلۈك تالاشمايدۇ.
    6.تەربىيە كۆرگەن ئادەم ھىسداشلىق تۇيغۇسىغا باي كىلىدۇ.
    باشقىلار بەخىتسىزلىككە ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغاندا ،ھەرگىز قول قوشتۇرۇپ تۇرمايدۇ،كۈچىنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىدۇ.

    分享到: