• ھەممە كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ھېكمەتلەر

    2009-04-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38249310.html

    ھەممە كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ھېكمەتلەر

    1. ساخاۋەتنى ھەممە كىشى پەزىلەت دەپ بىلسىمۇ، بەزىدە ئۇ شۆھرەتپەرەسلىككە ئوخشاپ قالىدۇ.
    2. قەھرىمانلارنىڭ ئاددى ئادەملەردىن پەرقى ئۇلارنىڭ شۆھرەتكە بېرىلمىگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.
    3. ئۆزۈڭنى تەقدىر تەتۈر باققان چاغلاردىكىدىن كۆرە ئامەت كۈلۈپ باققان چاغلاردا تەمكىن تۇتۇش قىيىنراقتۇر.
    4. بىزدە نۇقسان بولمىسا ئىدى، يېقىنلىرىمىزدىكى نۇقسانلارنى كۆرۈپ بۇنچە خۇش بولمىغان بولاتتۇق.
    5. تەكەببۇرلۇق ھەممە ئادەملەرگە خاس ئىللەت، پەرقى شۇ يەردىكى، كىشىلەر ئۇنى ھەر خىل تەرزدە نامايەن قىلىدۇ.
    6. مەنپەئەتپەرەسلىك ھەممە تىللاردا سۆزلەيدۇ، ھەر خىل روللارنى ئىجرا قىلىدۇ، بىغەرەزلىك رولىنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
    7. ئۇششاق ئىشلارغا ھەددىدىن زىيادە كىرىشىپ كېتىدىغان ئادەم چوڭ ئىشلارغا يارىماس كېلىدۇ.
    8. ئادەمنىڭ بەختى ۋە بەختسىزلىكى ئۇنىڭ كەچمىشلىرىگە قانچىلىك باغلىق بولسا، ئۇنىڭ خۇلقىغىمۇ شۇنچىلىك باغلىقتۇر.
    9. ئەگەر مۇھەببەت بار بولسا، ئۇنى ھەر قانداق ھىيلە-نەيرەڭ بىلەنمۇ يۇشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەگەر مۇھەببەت  بولمىسا، ئۇنى ھەرقانداق مۇغەمبەرلىك بىلەنمۇ نامايەن قىلغىلى بولمايدۇ.
    10. ئەگەر مۇھەببەت توغرىسىدا ئۇنىڭ ئادەتتىكى كۆرۈنىشىگە قاراپ پىكىر يۈرگۈزۈلسە، ئۇ دوستلۇققا قارىغاندا كۆپرەك دۈشمەنلىككە ئوخشاپ كېتىدۇ.
    11. ھەممە ئادەم خاتىرىسىدىن شىكايەت قىلىدۇ، لېكىن ھېچكىم ئەقلىدىن شىكايەت قىلمايدۇ.
    12. كۈندىلىك ھاياتتا بەزى قۇسۇرلىرىمىز پەزىلەتلىرىمىزدىنمۇ يېقىملىقراق كۆرۈنىدۇ.
    13. ھەر قانداق شۆھرەتپەرەسلىك دەۋاسى يەڭگىلى بولمايدىغان توساقلارغا دۇچ كەلسە كۆزدىن غايىپ بولىدۇ.
    14. بۈيۈك نامغا مۇناسىپ ياشىيالمىساڭ، ئۇ ساڭا خورلۇق ئېلىپ كېىلدۇ.
    15. بىرەر تاسادىپىيلىق بىلەن ئەقىللىق ئەمەس، بەلكى ئەقىلنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىدىغان، ئۇنى بىلىشكە قۇربى يېتىدىغان ۋە ئۇنىڭ نېسىۋىسىدىن زوقلىنالايدىغان ئادەم ئەقىللىقتۇر.
    16. ئەتراپىمىزنى قورشاپ تۇرغان دۇنيانى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنى بىلىش كېرەك. بىراق بۇ تەپسىلاتلارنىڭ چېكى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بىلىمىمىزمۇ ھەمىشە مۇكەممەل ئەمەس.
    17. كىشىلەر دۈشمەنلىرى ئالدىسا ياكى دوستلىرى خىيانەت قىلسا قاتتىق قايغۇرىدۇ، بىراق ئۆزىنى ئۆزى ئالدىسا ياكى ۋەدىسىگە خىيانەت قىلسا، كۆپ ھاللاردا بۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
    18. ئادەملەر بىرەر مەنپەئەت تەگمىسە ئۆزگىلەرنى ماختاشنى ياقتۇرمايدۇ. ماختاش _ ماھارەت بىلەن قىلىنغان خۇشامەتتۇر. ئۇ خۇشامەت قىلغان ئادەمگىمۇ، قىلىنغان ئادەمگىمۇ ياقىدۇ. خۇشامەت قىلغۇچى بۇنى ئۆزىنىڭ زېرەكلىكىنى كۆرسەتكۈچى دەلىل سۈپىتىدە پەش قىلىدۇ، خۇشامەت قىلىنغۇچى بۇنى ئۆز پەزىلەتلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپات دەپ بىلىدۇ.
    19. ئاجايىپ خىسلەتلەرگە ئىگە بۇلۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى بىلىش كېرەك.
    20. ھەشەمەتخور كىشىلەر پەزىلەتنىڭ ئۆزىدىن كۆرە ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىنى كۆپرەك قەدىرلەيدۇ.
    21. خاتالىقلىرىمىز پەقەت ئۆزىمىزگىلا مەلۇم بولسا، ئۇنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىمىز.
    22. ھەممىدىن ئەقىللىق بۇلۇش خاھىشىدىن باشقا زور ئەخمەقلىق يوق.
    23. بەزىلەرگە ئۇلارنىڭ قۇسۇرلىرىمۇ يارىشىدۇ، بەزىلەرگە ھەتتا پەزىلەتلىرىمۇ ياراشمايدۇ.
    24. ھەر قانداق بىر ئادەم كىم بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇئەييەن بىر قىياپەتتە ئۆزىگە نىقاب تاقىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئېيتىش مۇمكىنكى، جەمئىيەت سانسىزلىغان نىقابلاردىن تەشكىل تاپقان.
    25. ئاشق- مەشۇقلار بىرگە بولسا زېرىكمەيدۇ،چۈنكى ئۇلار داۋاملىق ئۆزلىرى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ.
    26. ئۆزىمىز توغرىسىدا ھۇزۇرلىنىپ سۆزلەۋاتقىنىمىزدا، بىزدە سۆھبەتدىشىم بۇ گەپلەردىن ھۇزۇر ھېس قىلىۋاتامدۇ - قانداق، دېگەن ئويمۇ بۇلىشى كېرەك.
    27. بەزىلەر ھەممە مەسىلىلەردە پىكرىنى توغرا تاپىدىغان ئادەمنىلا ساغلام پىكىرلىك ئادەم دەپ قارايدۇ.
    28. ياخشى ئىشلاردىن سەمىمىيلىك بىلەن سۆيۈنۈش - شۇ ياخشى ئىشلارغا مەلۇم دەرىجىدە ھەسسە قوشقان بىلەن باراۋەردۇر.
    29. يىللار ئۆتكەنسىرى كۈچىيىپ بارىدىغان جۇشقۇنلۇق تەنتەكلىككە يېقىنلىشىپ قالىدۇ.
    30. ئەگەر بارلىق ئەيىبلەر بىر تەرەپنىڭلا زىممىسىدە بولغاندا، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ماجىرالار ئۇزاق داۋام قىلمىغان بولاتتى.
    31. خاتىرجەملىكنى ئۆز قەلبىدىن تاپالمىغان ئادەم باشقا ھېچ يەردىن تاپالمايدۇ.
    32. مۇغەمبەرلىك - ئەقىلدە چولتىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
    33. ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى - باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاساسىدۇر.
    34. ھەممە ئادەم باشقىلارنىڭ كىملىكىنى تۇلۇق بىلىشنى خالايدۇ، ئەمما ئۆزىنى تۇلۇق ئاشكارىلاشنى قەتئىي خالىمايدۇ.
    35. دەپنە مۇراسىملىرىنىڭ ھەشەمەتلىكى مەرھۇملارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەسلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر.

    分享到: