-
سائەتنى كومپاس ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
2009-04-10
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37711464.html
سائەتنى كومپاس ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
ھېچكىم كېيىن بېشىمغا ئېغىر كۈنلەر چۈشمەيدۇ دېيەلمەيدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، شۇنداق بىر ئېغىر كۈنلەر كېلىپ، چۆلدە يالغۇز ئېزىپ قالىدىغان، باشقا بىر شەھەرلەرگە بېرىپ قېلىپ، يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلمەي «بېشىمىز تۆرۈپ قالىدىغان»، قىبلىنى تاپالمايدىغان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشلىرىمىزمۇ مۇمكىن..
... دەرد-ئەلەملەر كېلىدۇ
ئوغۇل بالىنىڭ باشىغا...
ئەمەسمۇ؟ شۇنداق چاغدا قولىڭىزدا سائەت بولسىلا، يۆنىلىشنى بىمالال پەرقلەندۈرەلەيسىز. سائىتىڭىزگە قاراپ، شۇ يەر ۋاقتى قانچە بولغان بولسا، شۇنى ئىككىگە بۆلىسىز.
چىققان ساننى قۇياشقا ئۇدۇل قىلىسىز..
شۇنىڭ بىلەن «12» ئىستېرىلكىسى كۆرسەتكەن تەرەپ _ شىمال بولىدۇ.
شىمال ئېنىق بولغاندىن كېيىن، «ئالدىم شىمال، كەينىم جەنۇب، ئوڭۇم شەرق، سولۇم غەرب» بويىچە قالغان تەرەپلەرنى ئېنىقلايسىز.
مەسىلەن: سائەت 10 بولغان بولسا، ئىككىگە بۆلسىڭىز 5 بولىدۇ. سائەت تەخسىسىدىكى 5 رەقىمنى قۇياشقا توغرىلىسىڭىز، 12 رەقىمى كۆرسەتكەن تەرەپ شىمال بولىدۇ...
.
چۈشتىن كېيىن بولۇپ قالسا، 24 سائەتلىك بويىچە ھېسابلايسىز. مەسىلەن: ھازىر چۈشتىن كېيىن سائەت 6 بولدى. بۇ 18 دېگەن گەپ. ئىككىگە بۆلسەك، 9 بولىدۇ. 9 رەقىمنى قۇياشقا توغرىلىساق، 12 رەقىمى كۆرسەتكەن تەرەپ شىمال بولىدۇ..
قېنى سىناپ بېقىڭلار历史上的今天:
ھەركەتچان خەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كودى 2009-04-10توردا رادىئو ئاڭلاش كودى 2009-04-10بۈگۈنكى چىسلا ۋە ۋاقىتنى كۆرسىتىش كودى 2009-04-10بىلوگغا زىيارەت سىتاتسىكا كودى قوشۇش ئۇسۇلى 2009-04-10