• ئەڭ ياخشى دورا سۇ

    2009-04-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37711408.html

    سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى. يەر شارىدىكى ھاياتلىق سۇدىن ئاپىرىدە بولغاي، سۇ ئادەم بەدىنىگە تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلارنى يەتكۈزىدىغان ۋاسىتىچى بولۇپ، ھەر ۋاقىت سالامەتلىكنى قوغدايدۇ. سۇ ئادەمنىڭ ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 60
    پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يىلىكتىكى ئېگەلىگەن نىسبىتى %22. يۈرەكتە ې80، بۆرەكتە %83. مېڭىدە %85، فاندا ي83 بولىدۇ. شۇڭا ئادەمنى سۇدىن ياسالغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئادەم يېمەكلىك يوق شارائىتتا 40
    كۈن ئەتراپىدا ياشىيالايدۇ، ئەمما ئۇچ كۈن سۇ ئىچمىسە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ. قەدىمكى تېببىي كىتابلاردا سۇ بارلىق دورىلارنىڭ پادىشاھى،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ مەنبەسى دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ر، دورىدىن يېمەكلىك ياخشى،يېمەكلىكىنى سۇ ياخشى دېيىلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇ توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.
    ئامېرىكىلىق داڭلىق تېببىي دوكتور باتمان پۈتۈن زېھنىنى سۇنىڭ داۋالاش رولىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان. ئۇ ھېچقانداق دورا ئىشلەتمەي، پەقەت سۇ بىلەن 3000 دىن ئارتۇق بىمارنى داۋالاپ ساقايتقان. ئۇ يازغان "سۇ ئەڭ ياخشى دورا ،،
    دېگەن كىتاھ 992ا - يېلى ئامېرىكىدا تۇنجى نەشر قېلىنغاندىن باشلاپ نا ھازىرغىچە 35 قېتىم نەشر قىلىنغان ، 6ا خىل تىلغا تەرجىمە قېلىنغان ، بۇكىتاب دۇنياۋى شۆھرەت تاپقان ساغلاملىق كىتابى بولۇپ قالغان . ئېنىڭدىن كېيىن ، ئۇ سۇنى مۇنداق ئىچسىڭىز كېسەل ساقىيىدۇ دېگەن ئىككىنچى كىتابىنى يازغان .باتمان كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ : بىز ئۇسسغانلىقىمىزنى ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا ، بەدەن سۇغا ئېھتىياجلىق بولغان بولىدۇ ، بۇ چاغدا سۇ ئىچىش كېرەك . لېكىن ئەمەلىيەتتە بەدەنگە سۇ جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاندا ئۇسسۇغىنىمىزنى ھېس قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن سۇسىزلىنىدۇ . ئەگەر بەدەن ئۇزۇن ۋاقىت سۇسىز لىنىش ھالىتىدە تۇرسا بەل ئاغرىش ، باش ئاغرىش ،بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىش ، رېماتىزم قىلىش خاراكتېرلىك يارا ، ئاشقازان ياللۇغى ، ئۈچەي ياللۇغى ، قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىنتى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، زىخقا كېسىلى ۋە زىيادە سېزىمچانلىق ،دىئابېت كېسىلى ، سەكتە ، يۈرەك كېسىلى ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى ، ئاق قان راكى ، لىمفا ئۆسمىسى ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ،قەۋزىيەت ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش ، . . . قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ .كىشىلەر دائىم بەدەن جىددىي سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا ، چاي ، قەھۋە ۋە سانائەتتە ئىشلەپچىقىرىلغاس ئىچىملىكلەرنى ئىچىدۇ ، بۇ كىن تەبىئىي ساپ سۇ ئىچمەيدۇ . يۇقىرىقى ئچىملىكلەر تەركىبىدە سۇ ۋە مول مىنېرال ماددىلار
    بار بولۇش بىلەن بىللە ، يەنە كۆپ مىقداردا بەدەننى سۇسىزلاندۇرغۇچى ماددىلارمۇ بار بولۇپ ، بۇ سۇسىزلاندۇرغۇچى ماددىلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ، بەدەندىكى سۇنى چىقىرىش بىلەن بىللە ،بەدەندە زاپاس ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان سۇنىمۇ بىللە
    چىقىرىۋېتىدۇ . شۇڭا چاي . قەھۋە ۋە سانائەت ئىچىملىكلەرگە ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغاندەك قىلغان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇرالمايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، ئادەمنىڭ سۇسىزلىقنى ھېس قىلىشى سېزىمى
    تۆۋەنلەپ ، يەنە ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارمۇ قالايمىقانلىشىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ، بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدا سۇسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ .سۇنڭ بەدەنگە بولغان رولىنى تۆۋەندىكى 26 خىلغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ.
    1. بەدەننىڭ قىسمەن يېرىدە سۇسىز لىنش كۆرۈلسە ، ئالدى بىلەن بەدەننىڭ مەلۇم. فۇنكسىيە
    تورمۇزلىنىدۇ .
    2. سۇ بەدەننى ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ .
    3. سۇ ھۈجەيرە تۈزۈلۈشىنى قۇرغۇچى يېپىشقاق ماددا .
    4. سۇ گېنىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    5. سۇ يىلىك ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ، شۇنداقلا بەدەننىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
    6. سۇ بارلىق يېمەكلىك ، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ئاساسلىق ئېرىتكۈچىسى.
    7. سۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىش ، سۇمۈرۈلۈشى ۋە ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۇرۇشكە ياردەم بېرىدۇ .
    8. سۇ بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى زەھەرلىك ، كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلايدۇ .
    9. سۇ بوغۇملارنى سىلىقلاشتۇرۇپ، بوغۇم ياللۇغى ۋە گەجگە ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ .
    10. سۇ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
    11. سۇ يۈرەك كېسەللىكى ۋە سەكتىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىمالىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ .
    12. مۇ يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرىنىڭ توسۇلۇپقېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
    13. سۇ چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
    14. سۇ بارلىق گورمونلارنى تەڭشەيدۇ .
    15. سۇ ئادەمنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشكەياردەم بېرىپ، بۇ ئارقىلىق خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
    16. بارلىق ئىچىملىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ، سۇئەڭ ياخشى ئىچىملىكتۇر.
    17. سۇ روھىي بېسىم ، تەشۋىشلىنىش ۋە قايغۇرۇشنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
    18. سۇ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ .
    9ا. سۇ تېرىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
    20. سۇ كۆزنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ .
    21. سۇ گلاۋكوما كېسىلى (كوز بېسىمى ئېشپ كېتىش كېسىلى) نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم قىلىدۇ.
    22. سۇ يىلىكنىڭ قان ئىشلەپ چىقىرىش مېخانىزمىنى نورماللاشتۇرۇپ، ئاق قان كېسىلى ۋە لىمفا ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم قىلىدۇ .
    23. سۇ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، يۇقۇملىنىشقا ۋە راك ھۈجەيرىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا
    قارشى تۇرىدۇ .
    24. سۇ قاننى سۇيۇقلاشتۇرۇپ، قان ئۇيۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
    25. سۇ بىلەن ئورۇقلاش ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ ، بەزىدە قورساق ئاچقاندا سۇ ئچىش ئارقىلىق كۆپ
    تاماق يېيىشنى توسقىلى بولىدۇ .
    26. سۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قۇسۇش ئەھۋالىنى ئازايتىدۇ .
    27. سۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆرۈلىدىغان ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش ، دېۋەڭلىك كېسىلى ،
    كوپ ئورۇنلۇق قېتىشىش كېسىلى ، پاركىنسوس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ .
    ئادەم تېنىدە ھەر 24 سائەتتە ئايلىنىپ تۇرىدىغان سۇنىڭ مىقدارى 40 مىڭ ئىستاكان سۇغا باراۋەر بولىدۇ . بەدىنىمىز ھەركۈنى 6 ~ 10 ئىستاكان سۇنى خورىتىدۇ ، شۇڭا ھەركۈنى خورىغان سۇنى تولۇقلىغاندىن باشقا ، يەنە شۇنچىلىك سۇنى
    ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەك . شۇنداق قىلغاندا بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . لېكىن
    سۇنى قالايمىقان ئىچىشكە بولمايدۇ ، چوقۇم توغرا ئىچىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك:
    1. ئېغىز قۇرۇغاندا بىراقلا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك لازىم . ئۇسسۇزلۇق ئالامىتى ئادەتتە تەنھەرىكەت قىلغان ۋە ئۇزۇن ۋاقىت سۇ ئىچمىگەن ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ . بۇ چاغدا ھۈجەيرە ئىچى -سىرتىدىكى سۇيۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان بولىدۇ .
    شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا بىر قېتىمدا كۆپ سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ ، بەلكى ئاز مىقداردىن كۆپ قېتىم ئىچىش لازىم . مۇشۇنداق بولغاندا ئاشقازان سۇنى تولۇق سۈمۈرەلەيدۇ ۋە بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ . ئۇنداق بولمىغاندا
    سالامەتلىككە خەۋپ يېتىدۇ .
    2. تەنھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن مەلۇم مىقداردا سۇ ئىچىش لازىم ، ئەگەر ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا ھەرىكەت ئارىلىقىدا سۇ ئىچىش لازىم . مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇلغان سۇ ئىچىش لازىم . چۈنكى ھەرىكەت جەريانىدا
    تەرلىگەندە كۆپ مىقداردىكى ناترىي ئىئونى خورايدۇ ، ئەگەر تۇز تولۇقلانمىسا ناترىينىڭ ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ ، سۇدىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    3-تاماقتىن كېيىنلا سۇ ئىچمەسلىك لازىم .ئىككى سائەتتىن كېيىن سۇ ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . 4. ئۇزۇن قاينىغان سۇنى ئىچمەسلىك لازىم .ئۇزۇن ۋاقىت قاينىغان سۇ تەركىبىدە ئانئورگانىك تۇزنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرىلاپ كېتىدىغان بولغاچقا ،
    بۇ خىل سۇنى ئىستېمال قىلغاندا ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نىترات كىسلاتا تۇزلىرى ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ .
    5. ئەتىگەن ئورۇندىن تۇرغاندا ئاچ قورساققا لا20 س لا30 ئەتراپىدىكى قايناق مۇ ئىچسە ، ئۇخلاش جەريانىدا يوقالغان سۇنى تولۇقلىغىلى ۋە ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ . 6. قاينىمىغان سۇنى ئىچمەسلىك لازىم .
    چۈنكى قاينىمىغان سۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا باكتېرىيە ، پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، كېزىك ،
    تولغاق كېسىلىنىڭ تاياقچە باكتېرىيىلىرى سۇدا بىر ئايدىن ئارتۇق ياشىيالايدۇ ، بۇ مىكروبلار ئادەم بەدىنىدە ئاشقازان ئاغرىش ، ئۈچەي ياللۇغى ، تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەدەندىكى سۇ يېتەرلىك بولغاندا يېمەكلىكلەر تولۇق پارچىلىنىپ ، بەدەنگە تولۇق سۈمۈرۈلىدۇ شۇڭا سۇ ئىچكەندە مىقدارىغىلا كاپالەتلىك قىلىپ !قالىماي ،
    سۇ ئىچىش ۋاقتىغىمۇ كاپالەتلىك. قىلىش كېرەك . شۇنداق بولغاندا سۇدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ .
    كېچىدە ئۇخلىغاندا ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى يەنىلا ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرغاچقا كۆپ مىقداردىكى سۇ خورايدۇ . شۇڭا ئورۇندىن قوپۇپ ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇنى بىرلا قېتىمدا ئىچىۋېتىش لازىم . بۇ ، بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، كېچىدە خورىغان سۇنى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ . ئەتىگەندە ۋاقىت ئالدىراش ، كەيپىياتى جىددىي بولىدىغان بولغاچقا ، بەدەندە سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا ئىش ئورنىغا بېرىپلا ياكى سائەت
    سەككىز يېرىم ئەتراپىدا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش لازىم . ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئىشخانىلارنىڭ ھاۋاسى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ . شۇڭا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئورۇندىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش ، يەنى سائەت توققۇز ئەتراپىدا ئۈچىنچى
    ئىستاكان سۇنى تولۇقلاپ ئىچىش لازىم . بۇنىڭدا تېرە ۋە بەدەن يوقاتقان سۇنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ ۋە خىزمەت بېسىمىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ،چۈشلۈك تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن ئازراق سۇ ئىچىش لازىم . بۇ بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن ، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
    چۈشتىن كېيىن ، يەنى سائەت ئۈچ ئەتراپىدا بىرئىستاكان مىنېرال سۇنى روھلاندۇرۇش ئىچىملىكىنىڭ ئورنىدا ئىچىش كېرەك . بۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ، پىكىر قىلىش سەزگۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئىشتىن چۈشۇشتىن
    بۇرۇن ، يەنى سائەت بەش يېرىم ئەتراپىدا يەنە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش لازىم . بۇ ، قورساقنى تويغۇزۇپ ، كەچلىك تاماقنى جىق يېيىشتىن ساقلايدۇ .كەچتە ئۇخلاشتىن بىرەر - يېرىم سائەت ئىلگىرى،يەنى سائەت توققۇز ، ئون ئەتراپىدا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش لازىم، لېكىن بۇ ۋاقىتتا سۇنى ھەرگىز كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ، بۇ كېچىدىكى ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر
    يەتكۈزىدۇ ، شۇنداقلا كۆز خالتىسى ھاسىل قىلىپ قويىدۇ .يۇقىرىقىلاردىن باشقا ، تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇنمۇ چوقۇم سۇ ئىچىش لازىم. بۇ ھەزىم قىلىش يولنىڭ خىزمەتكە كىرىشىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان
    ياللۇغى ، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، چوڭ ئۈچەي ياللۇغى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كتىدىغان ھەزىم قىلىش . ناچارلىشش كېسلى بارلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ . ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلغان ھامان دەرھال سۇ
    تولۇقلاش لازىم.
    سۇ ئىچىشتىمۇ ئىلمىيلىك بولمىسا سۇدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇدىن زەھەرلىنىشنىڭ خەتىرى بىرقەدەر چوڭ ، شۇڭا ،ئۇسسىغاندا سۇنى ئاز - ئازدىن ئىچىش، ھەرگىزمۇ بىر قېتىمدا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك ھەم
    مۇۋاپىق مىقداردا تۇز تولۇقلاش لازىم

    分享到: