• نومۇس تۇيغۇسى نەگە كەتتى؟

    2009-04-09

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37686845.html

              بەزى ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ،ئادەتتە كىتاپخانىلارغا بىرەر قېتىم كىرىپ باقمىغانلىقىدىن،دىبا،ۋاڭبالاردا يۈرگەنلىكىدىن نومۇس قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىشسىزلىقىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، كەسپ ئىگەللەڭ دەپ  ياتاقلىق تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا  ئاپىرىپ بەرسە ياخشى ئۆگەنمەي  مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇشتىن نومۇس قىلمايدۇ.بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ-يۇ(ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملار)،ئۇيغۇر تىلىنى،ئۆرپ-ئادىتىنى بۇزۇپ يۈرگەنلىكىدىن نومۇس قىلمايدۇ.
               بەزى ئوغۇللار قارا ئىش قىلىشتىن ياكى ئېتىزغا چىقىپ ئىشلەشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ،ئىشسىز ھالەتتە بىر پۇلغا زار يۈرۈشتىن،ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ يانچۇق كولاشتىن نومۇس قىلمايدۇ.بەزى قېرى يىگىتلەر ئۆزىنىڭ يېشى ئۆتۈپ كىتىۋاتسىمۇ توي قىلماي يۈرگىنىدىن نۇمۇس قىلىدۇ-يۇ،كۈندە قىز قوغلۇشۇپ يۈرگىنىدىن نومۇس قىلمايدۇ.ئالى مەكتەپتىكى بەزى ئوغۇللار دېھقان ئاتا-ئانىسىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، شۇ ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلغا ھاراق ئىچىپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمايدۇ.
               بەزى قىزلار ئاشخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيۇپ ئايلىق مائاشقا ئىشلەشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، ھە دېسىلا ئاتا-ئانىسىغا كىيىم غەلۋىسى قىلىشتىن نۇمۇس قىلمايدۇ.باشقىلارنىڭ بالىسىنى بېقىپ بېرىشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، باشقىلارغا«ھەمرا خېنىم»بولۇپ بېرىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. كېۋەز ئوتاش،كېۋەز تىرىش قاتارلىق ئىشلاردىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، بەزمىخانىلاردا،ساتىراچخانىلاردا «پۇل تېپىش»تىن نومۇس قىلمايدۇ. ئالى مەكتەپتىكى بەزى قىزلار دېھقان ئاتا-ئانىسىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ،شۇ ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلغا گىرىم بويۇملىرى سېتىۋېلىپ، يۈزلىرىنى مايمۇندەك بوياپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمايدۇ.
              قىسمەن كادىرلىرىمىز ئىئانىگە پۇل بېرىڭ دىسە قاخشايدۇ-يۇ،قاتار چايلارغا،قاۋاقخانىلارغا دادىللىق بىلەن پۇل خەجلەيدۇ.خىزمەت بېسىملىرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قاقشايدۇ-يۇ،كەسپى كىتاپلارنى كۆرمەيدۇ،خىزمەتنى ئەستايدىل ئىشلىمەيدۇ.يېزا-كەنتلەردە سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈشنىڭ تەسلىكىدىن قاقشايدۇ-يۇ،دېھقانلارغا تەشۋىقنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكىدىن نومۇس قىلمايدۇ.
              ئىلگىرىكى ئەرلەر ئات ئۈستىدە يۈرۈپ، جەسۇرلۇقنى شەرەپ دەپ بىلگەن،مەرتلىكنى ئۆزىگە پەزىلەت قىلىپ يېتىلگەن.تۇتۇشۇپ قالسا بىرگە بىر، روبىرو تۇرۇپ ئېلىشقان،يىقىلغاننى ئۇرماي يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ تۇرۇپ گەپ سورىغان.يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرسە بېرىپ بىللە مىھمان بولۇشۇپ دوست بولۇشقان.يىگىتلەر قىزلارنى بولسا ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىغا،قەيسەرلىكىگە تايىنىپ تەسىرلەندۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن.ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك يىغلامسىراپ تەلەپ قويۇپ،بىچارىلەرچە يالۋۇرۇپ ھەتتا كۆز يېشى قىلىپ يۈرۈپ كەلتۈرگەن ئەمەس،بەزىلىرى ھەتتا ئەل ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ  قىزلارنىڭ قايىللىقىنى كەلتۈرگەن.چوڭ-كىچىكلەر،ئەر-ئاياللار،ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى پەدىشەپنى قاتتىق ساقلاپ نومۇس تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان.
               كېيىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە پۇلغا يۈرۈش قىلىپ،«پۇل ھەممىگە قادىر»دەيدىغان قاراش كۆپلىگەن ئەرلەرنىڭ كاللىسىدا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلاپ،ئەخلاق،نومۇس دىگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ،بارلىق ئاماللار بىلەن پۇل تېپىشقا تۇتۇندى.« پۇلى كۆپنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ»،«ساراڭ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دەپ قارالدى.ئاقىۋەتتە پۇل تېپىش ئۈچۈن قىسمەن ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر،ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى بەزى نازۇك پەدىشەپلەر بۇزۇلۇشقا،ئىلگىرى نومۇس دەپ قارىلىدىغان بەزى ئىشلار ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىشقا باشلىدى.مەسىلەن،ئايالىنى ھاراق دۇكىنى ئېچىشقا يول قويۇش،تېخى توي قىلمىغان ئوغلىغا پۇلى،مائاشى بار دەپ بالىسى بار ياكى توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن چوكانلارنى مەجبۇرى ئېلىپ بىرىش،تېخى توي قىلمىغان كىچىك قىزىنى پۇلى ياكى خىزمىتى بار دەپ ۋە ياكى ئەمىلى بار دەپ بۇ قىزدىن ياشتا خېلى بەكلا چوڭ،بىر ياكى بىرنەچچە بالىسى بار، ئاتىسى دېمەتلىك كىشىگە ياتلىق قىلىش،پەرزەنتلىرىدىن تاللىغان لايىقىنىڭ«خىزمىتى بارمىكەن،ئاتىسى باشلىقمىكەن،بايمىكەن...» دىگەنلەرنى ئەيمىنمەيلا سوراش ھەم شۇنداق بولۇش تەلىپىنى قويۇش...قاتارلىق نومۇسسىز قىلمىشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇرنقى مەرت كىشىلەرنىڭ قىسمەن ئەۋلاتلىرى سەل نامەرتلەشتى، بۇ نامەرتلەرنىڭ قىسمەن ئەۋلاتلىرى ئەمدىلىكتە بولسا نومۇسسىزلاشتى.بۇرۇنلاردا بولسا باشقىلاردىن  ئۆز مەھەللىسىنىڭ يامان گىپىنى ئاڭلىسىمۇ نارازلىق بىلدۈرۈپ،ئۆكتە قوپىدىغان كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئەۋلاتلىرى بولسا، يۈزىدىن يۈزىگە ھاقارەت قىلىنسىمۇ لام-جىم دىمەي تۇرىدىغان قورقۇنچاقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.«غۇرۇر،ۋىجدان،نومۇس تۇيغۇسى دىگەنلەرگە قوساق تويامتى؟»دىگەندەك گەپلەرنى ھېچ نومۇس قىلمايلا دىيەلەيدىغان بولدى.شۇ تاپتا مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئىچىم ئۆرتىنىپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ كەتتىم.بىزدىكى نومۇس تۇيغۇسى زادى نەگە كەتتى؟! تويماس نەپسىمىزگە تېگىشىۋەتتۇقمۇ؟

    分享到: