• بىز قايەرگە كىتىپ بارىمىز

    2009-04-09

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37686718.html

    بىز زىدىيەتلىك بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بىزنىڭ بىنا- ئىمارەتلىرىمىز بارغانسىرىئىگىزلىمەكتە، ئەمما بىزدىكى كەڭ قورساقلىق بارغانسىرى ئازايماقتا؛ بىزنىڭ يوللىرىمىز بارغانسىرى كېڭەيمەكتە، ئەمما بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىز بارغانسىرى تارايماقتا؛ بىزنىڭ سەرىپ قىلغىنىمىز كۆپ، بەھىرلەنگۈنىمىز ئاز بولماقتا. بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز چوڭ، بىراق ئائىلىمىز تۇلىمۇ كىچىك؛ قاتنىشىمىز بارغانسىرى قولايلاشتى، ئەمما ۋاقتىمىز بارغانسىرى قىسلاشتى؛ ئۈنۋانىمىز بارغانچە چوڭايدى، بىراق سەزگۈمىز بارغانچە ناچارلاشتى؛ بىلىمىمىز كۆپەيگەن بولسىمۇ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز تۈۋەنلىدى؛ مۇتخەسىسلەر كۆپەيدى، مەسىللەرمۇ كۆپەيدى؛ مېدىتسىنا تەرەققى قىلدى، ئەمما بىز بەھىرلىندىغان پاراۋانلىق بارغانچە ئازلىدى.
      يەپ- ئىچىشىمىز ھەشەمەتلىك،ئاقىۋىتى بىلەن ھېساپلاشماي خىراجەت قىلغان بولساقمۇ، كۈلگەن چاغلىىمىز ئاز، ئەمما ئاسانلا ئاچچىقلىندىغان بولدۇق؛ كېچىلەپ ئۇخلىمايمىز، ئەتىسى ھارغىن تۇرىمىز؛ ئوقىغان كىتاپلىرىمىز ئاز، كۆرگەن تېلۋۇزۇرلىرىمىز كۆپ. سۆزلىگەنلىرىمىز كۆپ، ئاڭلىغانلىرىمىز ئاز؛ مۇھاببىتىمىز ئاز، ئاداۋەتلىرىمىز كۆپ؛ بىز قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئۆگەنگەن بولساقمۇ، لىكىن قانداق ياشاشنى ئۆگەنمىدۇق.
      گەرچە بىز ئايغا چىقىپ- چۈشكەن بولساقمۇ، بىر كۇچىدىن ئۆتۈپ يېڭى قوشنىمىز بىلەن تونۇشۇشنىخالىمايمىز؛ بىز ئالەمنى بويسۇندۇردۇق، بىراق كۆڭۈلنى بويسۇندۇرالمىدۇق؛ بى نورغۇن ئىشلارنى قىلدۇق، لىكىن تېخىمۇ ئوبدانراق ئىشلارنى قىلالمىدۇق.
      بىز ھاۋانى ساپلاشتۇردۇق، ئەمما روھىمىزنى بۇلغۇدۇق؛ بىز ئاتومنى پارچىليالىدۇق، لىكىن بىر تەرەپلىمە قاراشتىن قۇتىلالمىدۇق؛ يازغانلىرىمىز كۆپ، ئەمما ئۆگەنگەلىرىمىز ئاز بولدى؛ پىلانلىرىمىز كۆپ، ئەمما ئورۇنلىغىنىمىز ئاز بولدى.
        بىزئالدىراشنى ئۆگەندۇق، لىكىن ساقلاشنى ئۆگەنمىدۇق؛ كىرىملىرىمىز ئاشماقتا، بىراق بىزنىڭ ئەخلاق ساپايىمىز بارغانسىرى تۈۋەنلىمەكتە. بىز تېخىمۇ كۆپلىگەن كومپىيوتىرلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ساقلاپ، ئەسلىدىكىدىنمۇ كۆپ نۇسخىلانما بويۇملارنى ئىشلەپ چىقىرمىز، ئەمما ئالاقىمىز بارغانسىرىئازايماقتا؛ سان جەھەتتە ئىرىشكەنلىرىمىز كۆپەيدى، بىراق سۈپەت بارغانسىرى چۈشمەكتە.
      بۇ دەۋىردە ئەر- ئاياللارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ كىرىمى بار، ئەمما ئاجىرشىدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە؛ بىزنىڭ چىرايلىق ئۆيلىرىمىز بار، بىراق ئائىلىلەر يىمىرىلمەكتە.
        بۇ دەۋىردە بىز دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىنى ساياھەت قىلالايمىز، ئەخلاقنى يوقۇتۇپ، بىر كېچىلك ئىشقىۋازلىق قىلالايمىز؛ زىيادە سىمىز بەدەنلەرگە ئىرىشەلەيمىز، ئادەملەرنى كۈلدىرەلەيمىز، تىنىچلاندۇرالايدىغان ۋە ئۆلتۈرەلەيدىغان دورا- كوملاچلارغا ئىرىشەلەيمىز...  ئەمما بىز زادى نەگە كىتىۋاتىمىز؟

    分享到: