• ئادەتتە بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمىز مېڭىمىزگە كىرگەن سان-ساناقسىز ئۇچۇرلارنى بىر ئەلگەكتە ئۇن تاسقىغاندەك تاسقاپ، «كېرەكسىز» دەپ قارىغانلىرىنى تاشلىۋېتىپ تۇرىدۇ. مېڭىمىزگە كىرىدىغان ئۇچۇرلار ھەددە-ھېساپسىز كۆپ بولغاچقا، يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئېتىبار بېرىپ ئۇلگۇرەلمەيدىغان بولۇپ، «موھىم ئەمەس» دەپ قارىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى «ئارقىسىغا قايتۇرىۋېتىدۇ».
    مەسىلەن، سىز بىر رېستۇراندا تاماق يەۋاتقاندا ياكى پويېز بېكىتىدەك ئادەملەر ناھايىتى كۆپ يىغىلغان بىر ئورۇندا تۇرغاندا، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقى، قانداق ئىش ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقانلىقى كاللىڭىزغا ئانچە كىرىپ كەتمەيدۇ. ھەمدە سىزگە قىلچە تەسىرمۇ قىلمايدۇ.