• بۇ رەسىملەرنى ئاۋىستىرالىيىلىك داڭلىق تارىخشۇناس George Ernest Morrison(1862_1920) 1910-يىللىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىدە تارتقان بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋە يۇرتىمىزنىڭ قىياپىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .

  • غۇرۇر ئىنتايىن غەيرى نەرسە: ئاسسىمىلاتسىيەدە (مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىدە) ھەممىدىن جاھىلى غۇرۇردۇر، يەنى ئاسسىمىلاتسىيە "تىل"دىن باشلىنىپ، "مەدەنىيەت" جەھەتتىكى نۇرغۇن توقۇنۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، "غۇرۇر"نىڭ جاھىللىقىدا ئۇزۇن يىللار سۆرۈلۈپ، مىڭبىر جاپادا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن --- پەقەتلا مۇمكىن (يەھۇدىلارنى دەل ئۇلاردىكى جاھىل غۇرۇر ئۇلارنىڭ تاشلىۋەتمەي ئەپكەلگەن مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ ساقلاپ قالغان)؛ دىسسىمىلاتسىيەدە (مىللەتنىڭ پارچىلىنىشىدا) ھەممىدىن راۋانى يەنە شۇ غۇرۇر --- گەرچە دىسسىمىلاتسىيەمۇ ئوخشاشلا "تىل"دىن باشلانسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقتلاردا يۈرۈش قەدىمى ھەممىدىن تېز بولىدىغىنى "غۇرۇر"دۇر، بۇ جەريانلارنى "مەدەنىيەت" ھەتتا سەزمەيلا قېلىشىمۇ مۇمكىن. (بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغىنى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى بولسا كېرەك.) غۇرۇر خۇددى بىر ماگنېت تاياقچىسىغا ئوخشايدۇ: ئىككى قۇتۇبى بار، ئەگەر ماگنېت تاياقچىسى مەلۇم بىر جايدىن ئۈزۈلسە، يېڭىدىن شەكىللەنگەن ھەر ئىككى پارچە ماگنېت تاياقچىسىدا دەرھاللا قۇتۇپ ھاسىل بولىدۇ --- ھەر بىر تال تاياقچە مۇستەقىل ماگنېتقا ئايلىنىدۇ، بۇ ئىككىسىنى قايتا بىرلەشتۈرۈش بولسا ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس --- ئىككىسى بىرگە تۇرالىغان تەقدىردىمۇ قارىمۇ-قارشى ھالەتتە تۇرىدۇ.

  • 1.  1-1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، جەمئىي ئۈچ كۈن؛2. چاغان: 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە، جەمئىي 7 كۈن؛ 2-ئاينىڭ 20-كۈنى(شەنبە)، 21-كۈنى(يەكشەنبە) نورمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ.3. چوكانتال بايرىمى: 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، جەمئىي 3 كۈن؛4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، جەمئىي 3كۈن؛5. تاڭزۇڭزا چاغىنى: 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، جەمئىي 3 كۈن؛ 6-ئاينىڭ 12- ۋە 13-كۈنلىرى نورمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ.6. تاۋۇز چاغىنى: 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، جەمئىي 3كۈن؛ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋە 25-كۈنى نۇرمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ.7. دۆلەت بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، جەمئىي 7كۈن؛ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋە 10-ئاينىڭ 9-كۈنى نۇرمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ.