• «چاتاقچى پۇقرا»نى «چاتاقچى ئەمەلدار» يېتىشتۈرەمدۇ؟

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189121653.html

    «چاتاقچى پۇقرا»نى «چاتاقچى ئەمەلدار» يېتىشتۈرەمدۇ؟


    سەندوڭلۇق ليۇ ئەپەندىنىڭ مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قىزىق لېنىيىسىگە ئىنكاس قىلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى مەكتەپتىن تۇيۇقسىز قوغلىنىپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قوغلانغانلاردىن يەنە 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بارىكەن، قوغلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۇلو بازىرى گوبېيكو كەنتىدىن ئىكەن. مەكتەپتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دەرسخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ توپلىغاندا پۇل تاپشۇرمىغان ئىكەن.
    گۇلو بازارلىق مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن ئەپەندى مۇنداق دەپتۇ: «بۇ بىر تۆھمەت، مەبلەغ توپلاش دېگەن قانداق گەپ؟ بىر توپ چاتاقچى پۇقرا ئىكەنلىكى ئېنىق. ئاشلىق ياردەم پۇلى بەرسە، گۈل-قەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئۈچۈن بىر سنت چىقىرىشقا كۆزى قىيمايدۇ. » قىزىق گەپ بولدى-دە، ئاشلىق ياردەم پۇلىنى دۆلەت بېرىۋاتسا، مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى باردۇ؟ دېھقانلار بۇنىڭدىن رازى بولىۋاتسا، چېن ئەپەندى نارازى ئوخشىمامدۇ؟ نارازى بولسىمۇ نېمە چارە؟ بەزى يەرلىك ئەمەلدارلار ئاشلىق ياردەم پۇلىنى يۇتىۋېلىشقا پېتىنالمىغاندەك تۇرىدۇ، بۇ پۇلنى تۇتۇپ قېلىشقا ئامالسىز قالغانمۇ ئوخشايدۇ، بولمىسا بۇنچىلا چالۋاقاپ، ئاچچىقلىنىپ كەتمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىشمۇ بىھۇدە. ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار ياردەم پۇلى ئالسا، «قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونجۇڭغا» دېگەندەك، بۇ يەنىلا ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتكە پايدىلىق بولىدۇ، سىز نېمىگە چېچىلىسىز؟
    ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا پۇل چىقىرىش دېگەن قانداق گەپ؟ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىدا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا دۆلەت ئىگە بولىدىغانلىقى، مالىيە خىراجىتى ئارقىلىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. قانۇندا بۇنى دېھقانلار ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنمىگەن تۇرسا، دۆلەت ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى مەسئۇلىيىتىنى مائارىپ مۇدىرى نېمىگە ئاساسەن دېھقانلارغا ئىتتىرىپ قويماقچى بولىدۇ؟ مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ھويلا تام قۇرۇلۇشى دېگەنلەرنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇنى قانداقمۇ دېھقانلار ئۈستىگە ئالسۇن دېگىلى بولىدۇ؟ بۇنداق «پاراۋانلىق»نى دېھقانلار ئۈستىگە ئالسۇن دەيدىغان بولسا، شۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارمۇ بۇنداق «پاراۋانلىق»قا ھەمشېرىك بولار؟ ھېلىقى مائارىپ مۇدىرى يانچۇقىدىن قانچىلىك چىقارغاندۇ؟
    «بىر توپ چاتاقچى پۇقرا» دېگىنىنى قاراڭلار. پۇقرا قانداق چاتاق تېرىپتۇ؟ ئالۋاڭ-ياساقنىڭ ئېغىرلىقىدىن، مەبلەغ توپلىغاندا پۇل چىقارمىغانلا ئىشى بارىكەن، يېزا-كەنت كادىرلىرىغا چاتاق تېپىپتۇمۇ؟ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلىۋەتكەنلىكنىڭ ئۆزى چاتاق تېرىغانلىقتۇر. مائارىپ قانۇنىنى توغرا ئىجرا قىلماي تۇرۇپ، «سەن تاز دېگىچە، مەن تاز دەۋالاي» دېگەندەك ئىش قىلىش مۇتتەھەملىكتۇر، دېھقانلارغا «چاتاقچى پۇقرا» دەپ بۆھتان چاپلاش قەبىھ-رەزگىلىكتۇر. ئاۋام-پۇقراغا مەجبۇرىي سېلىق چېچېپ، ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەنلەر چاتاقچى ئەمەلدارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ دېھقانلارنى «چاتاقچى پۇقرا» دەيدىغانغا نېمە ھەققى بار؟
    بۇ جاھاندا ئەسلى «چاتاقچى پۇقرا» يوق ئىكەن، «چاتاقچى ئەمەلدار»لار كۆپۈيۈپ كەتكەنلىكتىن، ئاتالمىش «چاتاقچى پۇقرا» پەيدا بولغان ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنى پۇل ئىئانە قىلىشقا قىستىغان بۇ ۋەقە «چاتاقچى پۇقرا»نى «چاتاقچى ئەمەلدار» يېتىشتۈرىدىغانلىقىنى كەم-كۈتىسىز ئىسپاتلايدۇ.
    چاتاقچى ئەمەلدارلا پۇقرانى چاتاقچى دەيدۇ، ئېيتسا تىل كۆيۈدىغان قانچىلىك چېرىكلىك ئۇنىڭ كەينىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقاندۇ؟ مەكتەپ قۇرۇلۇشى راسخۇتىدىن قانچىلىكى قىسىپ قېلىنىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ «پاراۋانلىقى» بولۇپ كەتكەندۇ، بۇنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.

    مەنبە: خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشقۇرىشىدىكى جىڭچۇ تورى

    ئاپتورى: لى جېنجوڭ

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us