كۆرۈش: 15368|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1987
تۆھپە
1149
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 17:16:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، شەكلى ھەر خىل ۋە رەڭگارەڭ.
      بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئارخېئولوگىيىلىك تېپىندىلار ۋە ھەر خىل يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ تۈرلىرىنى، تاش كىيىم، ئىچ كىيىم دەپ ئىككى تۈرگە؛ شەخسىنىڭ پائالىيەت ئېھتىياجىنى چىقىش نوقتىسى قىلغان ھالدا، ئۆيئىچىلىك كىيىم، تالالىق كىيىم، ئەمگەك كىيىمى، كەسپىي كىيىم ۋە مۇراسىم كىيىملىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
       ‹ قۇتادغۇبىلىك› بىلەن ‹ تۈركىي تىللار دىۋانى› دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرى ھەققىدە خېلى ئەتىراپلىق مەلۇماتلار بار. مۇشۇ مەنبەگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قاراپ، تېرە كىيىم، يۇڭ كىيىم، يىپەك كىيىم ۋە پاختا رەخت كىيىم دەپ تۆت خىلغا بۆلۈشگە بولىدۇ.
      ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك ئەنئەنىسىدە، گۈللۈك يىپەك رەخت كىيىملەر چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر خىل گۈللۈك ۋە كەشتىلىك يىپەك رەخت كىيىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ.
       ئەر-ئاياللارغا قارىتا ئىش تەقسىماتى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق، گۈزەللىك تەلىپى ۋە پىسخولوگىيىلىك ھالەت جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،  قەدىمدىن تارتىپ ئەر ۋە ئايالنىڭ كىيىنىش ئادىتىدىمۇ روشەن پەرق بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ئادەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى گۈللۈك رەختلەردىن ئۇزۇن كۆڭلەڭ ۋە ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىشتان، كۆڭلەك ئۈستىگە تىك ياقىلىق چىلىتكە، ياكى تاۋار جىلىتكە، ئىزمىلىك كەمزۇل چاپان قاتارلىق گۈللۈك كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن؛ ئەرلەر بولسا، گۈلسىز سىدام رەختلەردىن (كۆپرەك ئاق، قارا، قاراكۆك، كۈل رەڭ) تىزىنى بېسىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تونچە كۆڭلەك، ياكى ئەستەرلىك  تونچە چاپان، ئۇزۇن ئىشتان، كاشا (تۆگە يۇڭىدا توقۇلغان بەش - ئون سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى بەلباغ) ياكى رەخت بىلەن بېلىنى باغلاپ،سول يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ. بالىلار ۋە ياشلار كۆپىرەك تىلە، ياكى بۆرەك ياقىلىق خالتا كۆڭلەك ۋەكەمزۇل چاپان كىيىدۇ. كۆڭلەكنىڭ ياقىسى ۋە ئالدى پىشىگە مىللىي ئۇسلۇبتا رەڭلىك يىپ بىلەن كانۋا ئىشلىگەن كۆڭلەكلەرنى ياشلار تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
      كىيىنىش ئادىتى تارىخىيىۋىلىككە ئىگە بولۇپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىيىم - كېچەكتىمۇ نىسبي ھالدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ. جۈملىدىن، جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن، كىيىم - كېچەك جەھەتتىمۇ بەزى پەرقلەر پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كىيىنىش ئادىتى بىلەن ئۆتمۈشتىكى كىيىنىش ئادىتى، شەھەردىكىلەر بىلەن يېزىدىكىلەرنىڭ كىيىنىش ئادىتى مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە.
      كىيىم – كېچەكلىرىمىز
باش كىيىم
     ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيىلىك شەرت - شارائىتى، دىنىي ئىتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە روشەن مىللىي پەرق كېلىپ چىقىدۇ.
      ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىنىش ئادىتىدە، باش كىيىمىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. ئويغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بېشىغا ياغلىق سېلىشقا، ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن.
      ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى شەكىل جەھەتتىن ئومۇمەن قىشلىق تېرە تۇماق، سىدام دوپپا ۋە گۈللۈك دوپپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە يەرلىك رايۇن پەرقى روشەن گەۋدىلىنىدۇ.
      تۇماق ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى بولۇپ، ئاساسەن تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. نۇسخا جەھەتتىن ئاق تۇماق، سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلا تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيە تۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق، سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ.
      دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستىتېك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىم ھىسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى نوسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى، ھۈنەر - سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.
      ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ: بادام دوپپا، تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا، مەنپۇ دوپپا، تۈگۈچ مەنپۇ دوپپا، ئۈنچە دوپپا، كالۇتۇن دوپپا، ئىلمە گۈللۈك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان باسقان دوپپا، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ.
      ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقىنى بادام دوپپا. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.
تەلپەك
     تەلپەك پەقەت كىرىيە ئاياللىرىغىلا خاس بىر خىل باش كىيىم بولۇپ، باشقا رايۇنلارغا ئاساسەن تارقالمىغان.
      كىرىيە ئۇيغۇرلىرى پۈتكۈل ئويغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە كىيىنىش ئادەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹كېرىيە ئاياللىرىنىڭ پەرەنجىسى ۋە تەلپىكى›› ھەممىدىن تىپىك كۆرۈنۈشكە ئىگە.
      كىرىيە ئاياللىرى ئاق ياغلىقنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكتىن بىرنى قوندۇرۇپ كىيىۋالىدۇ. بۇنداق كىچىك تەلپەكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاستىنقى دىئامېتىرى ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ - تۆت سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ.
      كېرىيە ئاياللىرى ئەسلىدە بۇ كىچىك تەلپەكنى ئۆزىنىڭ <جۇۋان تويى> بولغان كۈندىن ئىتىبارەن كىيىشكە باشلايدۇ. تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ. شۇڭا تەلپەكنى <جۇۋانلىق دەۋرىنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل بەلگىسى> دىيىشكە بولىدۇ.

بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
ھايات
تىللا
370
تۆھپە
56
UID
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 17:53:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېرىيەنىڭ كىچىك تەلپىكى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ھە!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
ھايات
تىللا
370
تۆھپە
56
UID
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 18:17:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1111111111111111111111111111111111111111111


ماڭا نېمە تىلىسەڭ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىككىسىنى ساڭا بەرسۇن

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2718
تۆھپە
1484
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 10:02:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىپ، ئەنئەنىمىزگە ۋارىسلىق قىلايلى!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1370
تۆھپە
802
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 12:15:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مىللى كىيم-كىچەك سەنئتىمىزنى يەننىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ،شۆھرىتىنى دۇنياغا تۇنىتايلى!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇرباننىياز
تىللا
1444
تۆھپە
864
UID
5191
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:06:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مىللى كىيم-كىچەكمەدەنىيىتىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ،شۆھرىتىنى دۇنياغا تۇنىتايلى!


غەلىبە كىشىنى توختىتىپ قويىدۇ، مەغلۇبىيەت بولسا ئالغا ماڭدۇرىدۇ

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
20122
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 12:59:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
658
تۆھپە
147
UID
17623
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 17:42:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شۇ كىيىملەرنىڭ رەسىملىرى  بولغان بولسا  نىمىدىگەن  ياخشى بولار ئىدى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:23, Processed in 0.079850 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991