تورغا چىقىشتىكى مەخسىتىڭىز نىمە؟ تورغا چىقىشتىكى مەخسىتىڭىز نىمە؟ مەلۇم بىرسى تورغا چىقىشتىكى مەخسىتىڭ نىمە؟........ دەپ سورىسا نۇرغۇن تورداشلار ‹‹ بىلىم ئىگەللەپ ئونۋېرىسال ساپايىمنى ئۇستۇرۇش ئۈچۈن ››دەپ جاۋاپ بېرىشى ۋە ياكى ‹‹ كۇڭلۈمنى ئارام ئالدۇرۇپ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ›› ياكى..........دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن ئەيتاۋۇر ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر تورغا ئەزا بولۇپ كېرىش مەخسىدى بولىدۇ ئۇزەمنى ئېلىپ ئېيتسام مەن تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە ئەزا بولۇشتىن بۇرۇن بىرەر تورغا ئەزا بولۇپ باقمىغان، تورغا چىقاتتىم بىردەم ئۇ تورغا كىرىپ باقاتىتىم، بىردەم بۇ تورغا ئاساسى جەھەتتىن ناخشا مۇزىكا تورلىرىغا كۆپرەك كىرەتتىم ئانچە -مۇنچە قىزىقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈپ ئويۇنلارنى ئويناپ قوياتتىم....ئۇندىن باشقا ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىدا خەتمۇ ئۇرالمايتىم ..... نېمە ؟ نېمىشقا بىرەر تورغا ئەزا بولمىغان دېدىڭىزما؟......چۇنكى مەن ۋاقىت ئىسراپچىلىغى ياكى.......دەپ قارايتىم. بىر كۈنى مەلۇم بىر تور بەتتىن مىللىي يېزىق توغرۇلۇق يېزىلغان بىر ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم ئۇنىڭدىكى قاراشلار مېنى راستلا قايىل قىلغان ئىدى. ..شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولدۇم نۇرغۇن دوست ۋە قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇپ بۇندىن بۇرۇن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ خۇددى يېقىن سىرداش شۇنداقلا مۇنبەرداش بولۇپ كېلىۋاتىمىز. تەڭرىتاغ مۇنبىرى ھازىر مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بوپ قالدى .ئەمدى مېنىڭ تورغا چىقىشتىكى مەخسىدىم بولسا: بىلمىگەننى بىلىش ئارقىلىق ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جۈملىدىن تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىلمىگەننى ئۆز-ئارا بىلدۈرۈشۈپ،تونۇشمىساق تونۇشۇپ ، قەلبىمدىكى جۇشقۇنلۇق ۋە شىجائەتنى ئويغۇتۇش . سىزنىڭ تورغا چىقىشتىكى مەقسىدىڭىز نىمىكىن؟ نېمىلا بولسۇن ئىنكاس شەكلىدە دەپ باقامسىز؟ مەنبە:قاپلان 19
|