مارالبېشىدىكى تارىخي ئىزلار(2)
دۇلدۇل ئىزى تېغى
توققۇز ساراي قەدىمىي شەھىرىدىن 10كىلومىتر يىراقلىقتا دۇلدۇل ئىزى تېغى بار بولۇپ، دۇلدۇل ئىزى توغرىسىدا ئىككى خىل رىۋايەت تارقالغان، بىرى- ئىسلام دىنىدىكى تۆت چارىياھنىڭ بىرى بولغان ھەزرىتى ئېلىنىڭ ئەينى چاغدا مىنگەن دۇلدۇلنىڭ ئالدى پۇتىنىڭ تۇياق ئىزى مۇشۇ يەردە، كەينى پۇتىنىڭ تۇياق ئىزى ئاقسۇ ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆكتە پەرۋاز قىلغان دۇلدۇل رىۋايىتى شەكىللەنگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە بۇ دۇلدۇل ئىزى غەرپكە نوم ئېلىش ئۈچۈن ماڭغان تاڭ راھىپى شۈەن زاڭنىڭ مىنگەن ئېتىنىڭ تۇياق ئىزى بولۇپ، رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە تاڭ راھىبى غەرپكە نوم ئېلىش ئۈچۈن ماڭغاندا مۇشۇ يەردىن ئۆتكەن بولۇپ، يىراقتىن توققۇز ساراي قەدىمىي شەھىرىنى كۆرۈپ، مۇشۇ يەردە ئاتتىن چۈشۈپ ئارام ئالغان، ئېتىنىڭ ئالدى تۇيۇقىنىڭ ئىزى بۇ يەردە ھازىرقى دۇلدۇل ئىزىنى شەكىللەندۈگەن. دۇلدۇل ئىزى تېغى ئەتراپىدا 1000يىللىق توغراق بولۇپ، توغراق غولىغا ئالتە ئادەم بىرلەشسە ئاران قۇچىقى يىتىدۇ، دەرەخ ئۈستىگە خىلمۇ-خىل لاتىلار ئارتىلغان، چىگىلگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرىغا نەزىرە- چىراق، دۇئا- تەگبىر قىلىدىغان، دۇئا قىلىپ بەخىت تىلەيدىغان سېھىرلىك جايغا ئايلانغان.
سۈرەتتە: دۇلدۇل ئىزى تېغىدىن كۆرۈنۈشلەر
