
مەن بۇ رەسىمگە بۈگۈنگىچە ئىنچىكە دىققەت قىلماپتىكەنمەن، بۈگۈن ياراتقۇچىدىن يەنە بىر قېتىم كۆپ مىننەتدار بولۇپ كەتتىم.
چوقۇمكى، تاكسىنىڭ موتوسىكىلىتىنى يان تەرىپىدىن سوققان جاي ماشىنانىڭ ھازىرقى تۇرغان ئورنىنىڭ سەل ئارقىدا، ماشىنانىڭ تورموز ئىزى كوچا ئېغىزىغا كىلىشتىن 4، 5 مېتىر بۇرۇن باشلانغان، تورموز ئىزىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 8 يېرىم مېتىر، موتوسىكىلىتنىڭ يىقىلغان جايى بىلەن ماشىنانىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشتىكى ئارىلىقى 8، 9 مېتىرغا بارىدۇ، ئادەمنى تېخىمۇ ئويغا سالىدىغىنى، ماشىنانىڭ ئالدى توسقۇسى موتوسىكىلىتقا تىگىپ، موتوسىكىلىتتىنىمۇ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن، ۋەقەنىڭ كۆرۈنىشى ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇق، ئايالىم مۆجىزە يۈزبىرىپ، باش قىسمىدا 2 ئورۇن ئامۇتتەك ئۆرلەپ چىقىپ، ئازىراق قانىغان، پۈتۈن بەدەن موسكۇلى زەخمىلەنگەن، ئەمما سۇنۇش، قان ئېقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەي، سالامەت قالغان، ئايالىمنىڭمۇ، شوپۇرنىڭمۇ ۋە ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭمۇ تەلىيىمىز باركەن دەپ ئويلاپ، تەقدىر بىكىتكۈچىدىن كۆپ مىننەتدار بولىۋاتىمەن.
ئايالىم ساقىيىپ بولۇپ، شوپۇردىن ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى سورىغاندا، «پىشىم نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئالتۇن مەسچىتكە كەلگەنتىم، ماشىنانى توختۇتۇپ تۇرسام 4 خىرىدار يىقىنلا بىر يەرگە بارىدىغانلىقىنى دىۋىدى، نەپسانىيەتچىلىك ئازدۇرغانمۇ، ئۇلارنى ئېلىپ، نامازغا ئۈلگۈرۈپ كىلىش ئۈچۈن، تىزراق مېڭىپ قاپتىمەن، تورموزنى قاتتىق تۇتسام بەلكىم سىلىنى سوقاپ سالماس ئىدىم، ئەمما ماشىنادىكى ئادەملەر دەرىزىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، نەچچە ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى، ئاۋۇ يەردە قاتناش چىرىغى بولغان بولسىمۇ، قىزىل چىراق ياكى سىلىگە ياناتتى ياكى ماڭا ياناتتى، بەلكىم بۇ ئەھۋالمۇ يۈز بەرمەستى، قانداقلا بولمىسۇن، ئىككىلىمىزنىڭ تەلىيى باركەن، خۇدايىم ساقلىدى....»