كۆرۈش: 16966|ئىنكاس: 11

مارالبېشىدىكى تارىخي ئىزلار(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
توغراق
تىللا
420
تۆھپە
76
UID
95
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-15 17:08:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مارالبېشىدىكى تارىخي ئىزلار1

توققۇزساراي قەدىمىي شەھەر خارابىسى



    توققۇز ساراي قەدىمىي شەھەر خارابىسى مارالبېشى ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 51- تۈەندىكى «توققۇز ساراي كەنتى»گە جايلاشقان بولۇپ ، بۇ كەنتىنىڭ نامى قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىكى توققۇز ساراي، ئۆينىڭ نامىدىن كەلگەن . بۇ ئىز خەن-تاڭ سۇلالىرى دەۋرىگە تەئەللۇق قەدىقكى خارابە بولۇپ، شەھەر خارابىسى، بۇدخانا خارابىسى، ئۆي خارابىلىرى، ئاتەش تۇر، قەدىمىي قەۋرە قاتارلىق بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەھەر خارابىسى ئىچكى شەھەر، تاشقىرىقى شەھەر ۋە چوڭ تاشقىرىقى شەھەرگە بۆلۈپ ياسالغان بولۇپ، شەھەر سېپىل تاملىرىنىڭ كۆپ قىسمى بۇزۇلغان،ئىچكى شەھەر تاملىرى تاغ قاپتىلىنى بويلاپ ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 756مىتىر، تاشقى شەھەر تېمى ئىچكى شەھەر تاملىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تاغ چوققىسىغىچە ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 1008مىتىر، چوڭ تاشقىرىقى شەھەر سېپىلى تاشقىرىقى شەھەرنى قورشىغان ھالدا جەنۇب تەرەپ تاغ باغرىغا سوزۇلغان،ئۇزۇنلىقى 1668مىتىر، ئۆي خارابىلىرى ۋە قەدىمىي قەۋرىلەر تاغنىڭ ئاستىغا جايلاشقان،بىر قىسىم قەۋرىلەر كولانغان، ئاتەش تۇرلار تاغ چوققىسىغا جايلاشقان،تاغ ئۈستى ۋە تاغ قاپتىلىدا بۇدخانىلارنىڭ قىسمەن قالدۇق ئىزنالىرى بار. خارابە دائىرىسىدىن ئىلگىرى خەن- تاڭ دەۋرىگە تەۋە بولغان تەڭگىلەر، رەڭلىك ساپال، توقۇلما بويۇملار، بىراخما يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلەر، لايدىن ياسالغان بۇت ھەيكەللەر، ۋەسىقىلەر، قەدىمقى تارشا پۈتۈكلەر،قەدىمقى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە خەتلەر يېزىلغان قەغەز پارچىلىرى ھەمدە زىرائەت ئۇرۇقلىرى، كىۋەز چىگىتى، مىۋە ئۇرۇقچىلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان،تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلار خەن-تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت ۋە يىپەك يولىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد،مەدەنىيەت، دېھقانچىلىق ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭدەك شەر-غەرب ئالاقە ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.  

توققۇز ساراي قەدىمىي شەھەر خارابىسى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى بولۇپ، نۆۋەتتە توققۇز ساراي قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان 4000پارچىدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ، 400پارچىدىن ئارتۇقى مارالبېشى ناھىيەلىك مۇزىيدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئىلمىي ئارخىلوگىيەلىك قىممىتى بار بولۇپ، توققۇز ساراي قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى ئېچىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ناھىيە تەۋەسىدىكى بۇددا دىنىي مەدەنىيىتى، تارىخىي مەدەنىيەت بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى، تۇمشۇق شەھىرىدە ياسىلىش ئالدىدا تۇرغان ئايرۇدۇرۇمىنىڭ تۈرۈتكىسىدە زور مىقداردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ جايغا كىلىپ ساياھەت قىلىشىغا تۈرۈتكە بولۇپ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، مارالبېشىنى قەشقەرنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ  ساياھەت كوزۇرىغا ئايلاندۇرىدۇ.

     سۈرەتتە: توققۇز ساراي قەدىمىي شەر خارابىسىدىن كۆرۈنۈش.

     سۈرەتتە: شاڭخەي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى توققۇز ساراي قەدىمىي شەھەر خارابىسىدا.

توغراق فوتۇسى


吐尔洪江 259 副本.jpg
9.15 006 副本.jpg
吐尔洪江 270 副本.jpg
吐尔洪江 266 副本.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1240
تۆھپە
987
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 10:48:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما يۇللاپسىز،ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
888
تۆھپە
357
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 11:20:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك يوللانما ئىكەن، مارالبىشىدىكى قەدىمىي ئىزلارنى بېرىپ كۆرگەندەك بولدۇم،رەخمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
743
تۆھپە
456
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 11:21:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇ بارغاندا تۇقۇز ساراينى كۇرەيلىچۇ تۇرغۇنجان


Rank: 4

ئىسىمى
توغراق
تىللا
420
تۆھپە
76
UID
95
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 11:24:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىرجان ۋاقىتلىرى چىقسىلا ئېزىز دىيار بارچۇققا كەلسىلە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تارىخىي ئىزلار، ساياھەت نوقتىلىرى بار، سىلىنى ئايلاندۇرۇپ كىلىمەن. لىكىن شۇ كىلىپلا كىتىمەن دەيدىكەنلا ئەمەسمۇ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2345
تۆھپە
1225
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 11:34:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بېرىپ سۇرەت تارتىپ كىلىدىغان يەرلەر ئىكەن  چۇقۇم بارىمىز


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 4

ئىسىمى
توغراق
تىللا
420
تۆھپە
76
UID
95
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 11:36:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nargiz سىز ۋە بارلىق مۇنبەرداشلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!!!قەدەم تەشرىپ قىلاسىز؟؟؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1401
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:01:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىي ئىزلارغا بەكمۇ قىزىقىمەن .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1662
تۆھپە
795
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:07:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇنجان قەدىمىي توغرالىق بار ئىكەن ،توغراق بايرىمىغا تەكلىپ قىلسىڭىز،سۈرەت تاتىپ كەلسەك.


Rank: 1

ئىسىمى
ئابدۇلئەزىز كېرىم
تىللا
44
تۆھپە
17
UID
15290
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 00:11:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Barcelona يوللىغان ۋاقتى  2012-2-16 20:01
تارىخىي ئىزلارغا بەكمۇ قىزىقىمەن .

ئەستا،مېنىڭ ھازىرلا بارغۇم كېلىپ كەتتىيا!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 15:30, Processed in 0.084535 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991