بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ھىس قىلغان ئىدىم ، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى بولۇپ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمدا تونۇشقان يىگىتىم فرانسىسكا مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى، قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. مەن تەكەببۇر قىز، ئەتراپىمدا مېنى قوغلىشىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن بويان يېنىمدىكى يىگىتىمنى توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇردۇم، ئەمما فرانسىسكا باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇ مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى، ئۇ دىگەن ھەر قانداق ئىشنى بۇيرۇقتەك ئىجرا قىلاتتىم، مېنىڭچە پەقەت فرانسىسكالا مەن ھەقىقىي سۆيگەن ئادەم ، ئۆمرۈمدە پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا ئۆتۈشكە نىيەت قىلغان ئىدىم، ئەمما ئاران بىر يىل بولغاندا ئۇ مەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى.
مەن قاتتىق ئازاپلاندىم، تاماق يىگۈم كەلمەيدىغان، كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ياتاقداشلىرىم ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى، ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ مېنى خوشال قىلماقچى بولۇشاتتى، ئەڭ ئاددىسى پىكرىمنى چېچىپمۇ باقتى، ئەمما بارلىق ئاماللار مەغلۇپ بولدى. بۇ دەل مەن 20 ياش ۋاقىتلىرىم بولۇپ، مەن قاتتىق ئازاپلانغان ھەتتا زامان ئاخىرى بولغاندەك ھىسياتقا كېلىپ قالغان ئىدىم.
ھەر كۈنى ئازاپلانغاندىن باشقا، كەچتە ئۆيۈمگە تېلىفون بېرىپ، ئاپامنىڭ ھىسداشلىقى، تەسەللىسىگە نائىل بولۇپ كەلدىم. ئائىلىمىزدە ئاپام ئىككىمىزنىڭ دىيىشمەيدىغان گېپىمىز ، دادام ئىككىمىزنىڭ بولسا دىيۈشكىدەك گېپىمىز يوق ئىدى، پاراڭ تېمىمىز پەقەتلا دادا بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئادەتتىكى ئەھۋاللىشىشلا ئىدى خالاس. ھەر قېتىم تېلىفون ئۇرغىنىمدا دادام ئۆگىنىش ئەھۋالىمنى، پۇلۇمنىڭ خەجلەشكە يېتىدىغان يەتمەيدىغانلىقىنىلا سورايتتى. ئىچ سىرىمنى بولسا ئاپامغىلا تۆكۈپ بېرەتتىم، ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا كۆڭۈل بۆلەتتى، نېمە دەرس ئۆتكەندىن تارتىپ، تاماقخانىدا قانداق يېڭىلىقلارنى ئاڭلىغان، قانچە دوستۇمنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانداق قىزىقىشلىرى بارلىقىنى، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمچىلىك سوراپ كېتەتتى، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەمما ئاپامنىڭ ئۇنى « تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەس» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ سېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، چۈنكى مەن فرانسىسكانى ھىلىھەم ياخشى كۆرەتتىم. بەختىمگە يارىشا ئاپام ئۇنداق پاراڭلارنى قىلىپ يۈرمىدى، ھەر قېتىم مېنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دەرت تۆكۈشلىرىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ماڭا ئىلھام ۋە تەسەللى بېرەتتى. بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. كەيپىياتىممۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ئاپام ماڭا بەك ئەخمەقلىق قىپسەن، ئۆزۈڭنى ئۇنچىلىك قىينىمىساڭ بولاتتى، دىدى. دەل شۇ چاغدىلا ئاپامنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئېسى يادىمنى ئۆگىنىشكە قاراتتىم. بېرىلىپ ئوقۇغاندىن باشقا مەكتەپنىڭ ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتناشتىم. ئاپام تۇرمۇشۇمنىڭ بارا-بارا بىر ئىزغا چۈشىۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن بولۇپ، ئۆزىمۇ خاتىرجەم بولدى. دادام بولسا مېنىڭ مۇھەببەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقىم توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆزلەپ قويمىدى. ئەمما كۆڭلۈمگە ئايانكى مېنىڭ ھەممە ئىشىمنى دادام بەش قولدەك بىلەتتى، گەرچە ئۇ ھىچنىمە دىمىگەن بولسىمۇ، مەن ئازاپلانسام ئۇمۇ ئازاپلىناتتى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، دەرستىن چۈشۈپ ياتىقىمغا كىرىشىمگە، بىر ياتاقدىشىمنىڭ ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ تازا كۈلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. چوڭ بىر دەستە گۈل ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئۈستەل ئۈستىدە تۇراتتى. «سېنىڭكى ئىكەن» دىدى ياتاقدىشىم ھەييارلىق بىلەن. يۈرەك سوقۇشۇم تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالدى، كاللام شۇ دەقىقە ئىچىدە «فرانسىسكا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ مەن بىلەن يارىشۋالغۇسى بار ئوخشايدۇ»نى ئويلىدى. مەن ئاستا بېرىپ گۈلنى قولۇمغا ئالدىم ۋە ئىچىدىكى ئاتكىرتكىنى ئېچىپ كۆزلىرىم « 20 يىلدىن بېرى سېنى چوڭقۇر سۆيۈپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر ئەردىن» دىگەن خەتلەرگە چۈشكىنىدە، مەن يىغلاپ كەتتىم، ياتاقدىشىم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدى.
- دادام سوۋغا قىلغان ئىكەن،- دىدىم ئۆكسۈپ يىغلىغىنىمچە.
- داداڭما ؟ نىمىشقا ساڭا گۈل سوۋغا قىلىدۇ؟- دىدى ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرغاچ.
ئۇنىڭغا ئاتكىرتكىنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم، ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
- داداڭ بەك ئۇماقكەن،- دىدى.
- بىلىمەن،- دىدىم مەن.
ئاپامنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن دەردىمنى ئاڭلىشى يارامدىكى قاننى توختاتقان بولسا، دادامنىڭ ئۈنتۈنسىز كۆيىنىشى بۇ يارامنى ساقايتقان ئىدى.
نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى، توي قىلىپ قىز پەرزەنتلىكمۇ بولدۇم. دادام پىنسىيىگە چىقىش، ئاغرىپ قېلىشلارنى بېشىدىن كەچۈردى، ئەمما مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇ ھامان ئائىلىمىزنىڭ مۇھاپىزەتچىلىك رولىنى ئويناپ كەلدى. ئاغرىپ قالغىنىدا، بىزنىڭ ھالىمىزدىن ئىلگىركىدەك خەۋەر ئالالمىغانلىقىدىن خىجىل بولاتتى. ئەمما قەلبىمىزدىكى دادامنىڭ مۇھەببىتى ئەزەلدىن سۇسلىشىپ قالغىنى يوق.
قاتتىق ئازاپلانغان، ئۈمىدسىزلەنگەن ھەتتا دادامنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان گۈللىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان بىر كۈنى كونا ئالبوم قېتىدىكى ھېلىقى ئاتكىرتكىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ياشلىرىم يەنە بىر قېتىم كۆزلىرىمنى خىرەلەشتۈردى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن «ئاتىلار بايرىمى» بولۇپ، كاللامغا تۇيۇقسىز بىر ئوي كېلىپ قالدى.
«ئاتىلار بايرىمى» كۈنى دادام قولۇمدىن ئەتىرگۈلنى ئېلىۋېتىپ ھەيران بولدى. ئۇ بۇنداق سوۋغىلارنى ئاز ئالىدىغانلاردىن ئىدى، ئۇ ئاتكىرتكىنى ئېچىپ كۈلۈپ كەتتى. مەن « تۇغۇلغاندىن تارتىپ سىزنى چوڭقۇر سۆيۈپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر ئايالدىن» دەپ يازغان ئىدىم. مەن دادامنى قۇچاقلىغىنىمچە بوشقىنا ئاۋازدا:
- ھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟- دەپ سورىدىم.
- ئېسىمدە،- دىدى دادام.
«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ayberchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-15 21:42