كۆرۈش: 10795|ئىنكاس: 10

30يىل مائارىپ سېپىدە ئىشلىگەن خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نالىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
5572
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 18:21:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      ئوتتۇز يىل مائارىپ سېپىدە ئىشلىگەن خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نالىسىنى
ئاڭلايدىغان كىشى يوقمۇ ؟


ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى. ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش ھەر بىر كىشىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بۇرۇچلىرىدىن بىرى .مەيلى ئالىم ،مەيلى دوختۇرمەيلى تىجارەتچى مەيلى ساقچى  ئىشقىلىپ  كىملا بولمىسۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىىدە ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىنىدۇ،ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىنىدۇ ،شۇڭا ئاتا بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا ئوقۇتقۇچىلارنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن،ئۇلارنى ئەڭ يېقىملىق سۆزلەر بىلەن مەدھىيلەپ كەلگەن،ئۇلارنى ھەتتا ئاتا-ئاناسىدىنمۇ چارە كۆرۈپ ھۆرمەتلەپ كەلگەن.ھالا بۈگۈنكى كۈندە كەلگەندە ئەھۋال باشقىچە بولۇپ قالدى ،بىر ئوقۇتقۇچىنى يەنە بىر ئوخشاش كەسىپتىكى ،ھەتتا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ رەھبىرى بولغان نائەھلى كەسىپداش تۇرۇپ قول ئاستىدىكى بۇ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرۇپ روھىي كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ قويغان ،تۆۋەندە مەن مۇشۇ ئەھۋاللارنى قىسقىچە بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي :
     بۇ ئىش قەشقەردىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى نامەلۇم بىلەن شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھۆرىگۈل خانىم ئارىسىدا  يۈز بەرگەن .
     خىزمەتكە قاتناشقان 30يىلدىن بېرى ئىزچىل سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ،ياش نوتىلار ئۈچۈن ئۈن- تىنسىز يۈرەك قىنىنى سەرپ قىلغان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ھۆرىگۈل خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ئىزچىل «ئىلغار خىزمەتچى »،«ئىلغار سىنىپ مۇدىرى » قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشىپ كەلگەن،مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ھالدا ياخشى بولۇپ كەلگەن ،ئاتا-ئانىلارمۇ بۇ ئوقۇتقۇچىدىن شۇنداق رازى بولۇپ كەلگەن ،30يىللىق خىزمەت جەريانىدا مەكتەپتىكى بىرەر ئوقۇتقۇچى ياكى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن سەن -پەن دېيىشىپ قالمىغان .لېكىن يىقىنقى 10يىلدىن بېرى بۇ مەكتەپكە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ كەلگەن نامەلۇم بىلەن چىقىشالمىغان ،شۇنچە يىلدىن بېرى ھىچكىمنىڭ دىلىغا چىۋىننىڭ قانىتىچىلىك ئازار بەرمەي ھەممىنى رازى قىلىپ كەلگەن بۇ ئوقۇتقۇچى نىمە ئۈچۈن بۇ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ ؟ بۇنىڭدا زادى قانداق سەۋەب بار ؟ بۇلارنىڭ ئارىسىدا نىمە ئۈچۈن تالاش-تارتىش تۈگىمەيدۇ ؟ ياكى ئۇلارنىڭ باشقا ئۆچ-ئاداۋەتلىرى بارمۇ ؟ زادى نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ ؟
      مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى. مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجراچىسى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ياكى تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى باش جاۋاپكار. مەكتەپنىڭ مالىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرغۇچى، تەرتىپكە سالغۇچى. مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە بىۋاستە قۇماندانلىق قىلىپ، مالىيە، ئارقا سەپنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىكى باش قۇماندان. قانۇن بويىچە ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىسى.  ئەلۋەتتە ، بەش قول تەڭ ئەمەس ،ھەر بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشى ناتايىن ،«شامال ئۆتمەيدىغان تۆشۈك يوق » دېگەندەك ،تۇراق قاسىمدەك بەزى خىيانەتچى ،پارىخورلارمۇ يوق ئەمەس. «ئۆزىگە بىر چاپان ئالسا ماڭىمۇ بىرنى قوشۇپ ئالسا ، ئۆزىگە بىر كۆينەك ئالسا ماڭىمۇ قوشۇپ ئالسا ، ئەڭ ئاددىيسى ئۆزىگە پايپاق چاغلىق كىچىككىنە نەرسە ئالسىمۇ ماڭىمۇ قوشۇپ ئالسا ،كەچقۇرۇنلىرى ئۆيۈمگە داستىخان ئاپارسا ،مەن نېمە دېسەم شۇ توغرا دېسە ،نېمە قىل دېسەم شۇنى قىلسا ،دېگەن سىزىقىمدىن چىقمىسا ،مەكتەپكە نەچچە كۈن سەۋەپسىز كەلمىسىمۇ ،مۇنبەردە دەرس سۆزلىمىسىمۇ شۇ ئوقۇتقۇچى ياخشى ،مۇنەۋۋەر ،ئىلغار بولىدۇ ، مېنىڭ دېگىنىمنى قىلمىسا ،ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇنىڭ قىلغان خىزمىتى نۆل ،ئۈنۈم مۇئاشى بېرىلمەيدۇ »دېگەن  شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ،بىرىنچى ئوقنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان ھۆرىگۈلغا قاراتقان . چۈنكى بۇ ئوقۇتقۇچى تۇراق مۇدىرنىڭ نۇرغۇن قانۇنسىز ئىشلىرى(ھاراق ئىچىپ سىنىپقا كىرگەن،مەكتەپنىڭ دەل-دەرەخلىرىنى ساتقان ،قىمار ئويناپ،ئۆيلىرىنى ھەتتا بالا-چاقىلىرىنى ئۇتتۇرىۋىتىپ،ئۈرۈمچىدە15كۈن قىچىپ يۈرگەن،ھۆكۈمەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسسىنىشى ئۈچۈن بەرگەن كۆمۈرنى سېتىپ خەجلىگەن......) نى پاش قىلغان ،بىرنى بىر دېگەن ،ئىككىنى ئىككى دېگەن ،ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغان ،ياماندىن قورقمىغان ياۋاشنى بوزەك قىلمىغان ،باشقىلاردەك خۇشامەتچىلىك قىلىپ مۇدىرنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ چوڭ سۆزلەپ يۈرمىگەن،شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك  ئۆچ ئېلىش باشلانغان ،جىڭغا توختىغۇدەك بىرەر سەۋەبى بولمىسىمۇ ھەر قېتىملىق يىغىنلاردا دارىتما گەپ سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن،تىللىغان،ھەممە ئوقۇتقۇچىلار بار يەردە غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلغان..ھە دېسە «يەنە مەن بىلەن گەپ تالاشساڭ ،خىزمەتتىن بوشىتىۋىتىمەن ،مۇئاشىڭنى بەرمەيمەن،يوغان بولساڭ ئەرز قىل» دېگەندەك گەپلەر بىلەن قوقاق سېلىپ نەچچە قىتىم ئۇرۇشقان .يىغىن ئاچسىلا دارىتمىلاپ تىللاش يىغىنى ئاچقان ،زادى يىغىن ئاچسا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تىل-ھاقارەتلەنمەيدىغان ۋاقتى بولمىغان،مەن بىلەن تەڭ تۇردۇڭ دەپ كۆپ قىتىم ئۈنۈم مۇئاشىنى ناھەق تۇتۇپ قالغان ،بۇ ئوقۇتقۇچى گەرچە 50ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ بىر سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ،ئىككى سىنىپنىڭ ئەدەبىيات ۋە ماتىماتىكا پەنلىرىنى ئۆتۈش ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ كەلگەن، بۇ ئوقۇتقۇچى شۇنىڭ تىلىنى ئاڭلىماي دەپ ھەر كۈنى مەكتەپكە باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىن يېرىم سائەت بۇرۇن كېلىپ ،بىر سائەت كېيىن قايتىپ،كېچىكتىڭ ،بالدۇر قايىتتىڭ دېگەن بەتناملاردىن قۇتۇلغان ،تەتىل مەزگىلىدە،مەكتەپكە ئۆيى يىقىن بولغان گۇناھتەك ، ھەر ھەپتىدە بەش كۈن دىجۇرنىلىككە قويۇپ قويسىمۇ ،بوپتۇ دېگەن،شۇنىڭ ئاغزىغا چىققۇدەك بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىسىمۇ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ،مەكتەپتىكى يالاقچىلىرى بىلەن بۇ ئوقۇتقۇچىنى روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازابلىغان،مەكتەپتىكى باشقا سەل ئاق-قارىنى پەرق قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار كۆپ قېتىم ئاتالمىش مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ ئىشىغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ،رەزىل مۇدىر ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن بۇلارنىڭمۇ ئەدىپىنى بەرگەن ۋە ئۇلارغا «قايسىڭ ھۆرىگۈل خانىمغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشىدىكەنسەن ياكى بىللە مېڭىپ قالدىكەنسەن ،كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمەن »دېگەندەك گەپلەر بىلەن ،بۇ ئوقۇتقۇچىنى مەكتەپتە يالغۇز قويغان ،بۇ ئىش بۇ ئوقۇتقۇچىغا تېخىمۇ ھار كەلگەن،لىكىن بەزى ياخشى نىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار نۇرغۇن گەپلەر بىلەن كۆڭلىنى ياساپ روھىي جەھەتتىن كىچىككىنە بولسىمۇ ئوزۇق ئاتا قىلغان.  يۇقىرىدىكىلەرمۇ گىلى ياغلاقلىق بولغاچقىمۇ بۇ ئىشنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغان .
       قىلچە ئىلمىيلىكى يوق ،ئاغزى كۆيمىسە دەۋزەخنىڭ ئوتىنىمۇ يەيدىغان بۇ ئاچكۆز مۇدىر ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا قىلچە كۆڭۈل بۆلۈب باقمىغان،كۈنلىرى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىغان ھۆرىگۈلدەك ئوقۇتقۇچىلاردىن قۇسۇر ئىزدەش بىلەن ،ئۆچ ئىلىش ۋە ياكى ئىشخانىسىدىكى كومپىيۇتىردا ئويۇن ئويناش ،كىنو كۆرۈش  بىلەن ئۆتكۈزگەن.
      دەل مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ھۆرىگۈل خانىم ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن بىر ئىش يۈز بېرىدۇ .
       يۇقىرىدىن ئوقوغۇچىلارغا  تاماق ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى ،ھەر سىنىپتىكى ئوقۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ،ئائىلە ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلار تولدۇرىلىدىغان بىر جەدۋەل چۈشىدۇ ، جەدۋەل خەنزۇچە تولدۇرىلىدىكەن ،ھۆرىگۈل خانىم مەكتەپتە ئوقۇغان 70~60يىللاردا ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ،خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىش ئانچە مۇھىم دەپ قارالمايدىغان ، مەكتەپلەردىمۇ خەنزۇتىلى دەرسىگە ھازىرقىدەك يۇقىرى ئۆلچەم قويۇلمايدىغان ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ خەنزۇتىلى سەۋىيىسىگە ئانچە تەلەپ قويۇلمايدىغان چاغلار ئىدى ، كىيىن قوش تىل مائارىپى يولغا قويۇلۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىگە مەلۇم چەكلەر قويۇلغاندىن كىيىن ۋەزىيەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئازدۇر كۆپتۇر تىرىشىپ خەنزۇتىلىنى  ئاز تولا  ئۆگەنگەن، ئەمدى شۇ ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشقا سېلىپ ،بىلەلمىگەنلىرىنى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تولدۇرىدۇ ، ئادەم دېگەن سەۋەنلىك سادىر قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدىكەن ،ياش 50 تىن ئاشقاندا ،زېھنى ئانچە ياخشى بولمايدۇ ،كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ ، ھۆرىگۈل خانىم ئۆزى دىققەت قىلالماي قالدىمۇ ياكى ھېلىقى بىرلىكتە تولدۇرۇشۇپ بەرگەن ئوقۇغۇچى دىققەت قىلالماي قالدىمۇ بىر ئوقوغۇچىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى خاتا يېزىلىپ قالىدۇ . نەچچە يىللىق كۈرەشلەردە قۇيرۇقىنى مەكتەپ مۇدىرى دېگەن بۇ ئاچ بۆرىگە تۇتقۇزۇپ قويماي كەلگەن ھۆرىگۈل خانىم بۇ قېتىم قاپقانغا چۈشۈپ قالىدۇ ،مەكتەپ مۇدىرى مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ تازا بىر ئۆچىنى ئىلىۋالماقچى بولۇپ ھۆرىگۈل خانىمنى ئىشخانىسىغا چاقىرىتىدۇ ،چاقىرغىلى كىرگەن ئوقۇتقۇچىدىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ نەشتىرىنى يەنە سانجىيدىغانلىقىنى بىلگەن ھۆرىگۈل خانىم چىققىلى ئۇنىمايدۇ ،بىر نەچچە قىتىملىق چاقىرىتىشلاردىن كىيىن ئامالسىز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدۇ ، ئىشخانىغا كىرىشىگىلا مەكتەپ مۇدىرى تىللاپ كېتىدۇ ۋە :-
        -سەن مۇئاشنى ئوبدان ئېلىۋاتقان تۇرۇپ نىمىشقا خاتا تولدۇرىسەن ؟ سېنىڭ خاتا تولدۇرىشىڭدا زادى نىمە مەخسىتىڭ بار ؟ سەن مېنى بالاغا تىقماقچىمۇ ؟دەپ سوراقلاپ كېتىدۇ .
       -خەنزۇتىلىنى تۈزۈك ئۇقمىغاچ خاتا بولاپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۇ ھۆرىگۈل خانىم  .
      -خەنزۇتىلى بىلمىگەچ ؟؟ بىلمىگەن ئادەم ئۆگەنسەڭ بولمامدۇ ؟ نېمىشقا ئۆگەنمەيسەن ؟ مائاشنى ئالغاندىكىن ئوبدان ، ئۆگىنىمىز مانداغ !!!
     ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا مائاشنى ئالغاندىكىن مائاشنى ئالغاندىكىن دەۋەرسە سەۋر قاچىسى تولغان ھۆرىگۈل خانىم :
      -مەنغۇ مائاشنى ئېلىپ تۇرۇپ ئۆگەنمەپتىمە خەنزۇتىلىنى ، سەن ئۆگەندىڭمۇ ؟؟ سەن قانچىلىك بىلىسەن خەنزۇتىلىنى ، سەن مەكتەپ مۇدىرى تۇرۇپ سەن مەنچىلىك بىلمەيسەنغۇ ؟ HSKدە مەن ئۆزەم ئۆگىنىپ 5-دەرىجىنى ئالدىم ،سەن ئورنۇڭغا ئادەم سېلىپ نەچچىنى ئالدىڭ ؟؟؟  نېماندا گەپ قىلمىسام مائاشنى ئاغاندىكىن ،مائاشنى ئاغاندىكىن دەۋىرىسە ؟ مائاشنى سەن يانچۇقۇڭدىن بېرەمتىڭ ؟؟؟؟ مائاشنى مەن سەككىز سائەت مۇنبەردە تىك تۇرۇپ دەرس سۆزلىگەچ ، ھۆكۈمەتتىن بەرگەن مائاش ئۇ ! ساڭا ئوخشاش بىر سائەت مۇنبەرگە چىقماي تۇرۇپ ،ھاراق ئىچىپ .قىمار ئويناپ يۈرۈپ ئالمىدىم !!!!!  دەيدۇ .«تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كىلەر» دەپ بۇ گەپلەر تۇراق مۇدىرنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ ،تىلى تۇتۇلغان  مۇدىر باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھۆرىگۈل خانىمغا گەپتە تۇتۇلۇپ قالغىنىغا چىدىماي ،ئولتۇرىدىغان جوزىنى كۆتۈرۈپ ،ھۆرىگۈل خانىمنىڭ ئالدىغا يۈگىرەيدۇ ، ئىشخانىدىكى باشقىلار ئىشنىڭ چوڭىيىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىپ جوزىنى قولىدىن ئېلىۋالىدۇ ،بىراق نامەلۇم مۇدىر يەنىلا ھۆرىگۈل خانىمنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ كەينىگە ئىتتىرىدۇ ،ھۆرىگۈل خانىم يىقىلىپ كەتمەي دەپ تۇراق مۇدىرنىڭ ياقىسىدىن تۇتىۋالىدۇ ،نېمىلا دېگەنبىلەن ئەر كىشىنىڭ كۈچى ئايال كىشىنىڭكىدىن چوڭ ،ھۆرىگۈل خانىم ئوڭدىسىغا يىقىلىپ ،بېشى سېمونىت يەرگە قاتتىق تەگكىتىدۇ ،نامەلۇم مۇدىر بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي،يىقىلغان يېرىدىن تارتىپ قوپىراپ مەيدىسىگە تىزلايدۇ ،ئەتراپتىكىلەر ھەم قورقۇپ ھەم ھەيران بولۇپ قېتىپلا تۇرۇپ قالىدۇ ،ھۆرىگۈل خانىممۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن قاتتىق چۆچۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ ،ئەتراپتىكىلەر ھۆرىگۈل خانىمنى يۆلەپ تېشىغا ئېلىپ ماڭىدۇ ،شۇ ئارلىقتا ھۆرىگۈل خانىمنىڭ نەپىسى قىسىلىپ ، ئايلىنىپ كېتىدۇ ، ئەتراپتىكىلەر ۋە يولدىشىنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ ،قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە 4كۈن كۆزىتىلىپ ،پىسخىلوگىيىلىك تىببىي داۋالاش بۆلىمىگە بۇيرۇلىدۇ ، كىچىكىدىن تارتىپ ئىككى ئوغۇلنىڭ ئارىسىدا بىر قىز دەپ ئارزۇلاپ بېقىلغان ،يا دادىسى يا ئانىسى يا ئاكىللىرى ۋە ياكى 30نەچچە يىل بىرگە ئۆي تۇتقان يولدىشى تەرىپىدىن تاك ئېتىپ چېكىلىپ باقماي ،مۇشۇ ياشقا كەلگەندە ،يات بىر ئەر كىشى تەرىپىدىن  ئۇرۇپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىش ھۆرىگۈل خانىمغا قاتتىق ئېغىر كېلىدۇ ، كاللىسىغا بۇ ئىشلار بەك تەسىر قىلىپ كېتىپ ،كۈندە ئۈچ -تۆت كېسىلى تۇتىدىغان ،بىر كېسىلى تۇتسا بىرەر سائەتكىچە ئوڭشالمايدىغان ،كېسىلى تۇتقان چاغدا ھەتتا چوڭ كىچىك تەرىتىنىمۇ بىلەلمەيدىغان ،3~4كىشى بېسىۋالسىمۇ كۈچى يەتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ .
      بۇ ئىش ئۇرۇق -تۇغقانلارنىڭمۇ ناھايىتى ئوغىسىنى قاينىتىدۇ ، ساپساق بىر ئايالنى يات بىر ئەر كىشى  يوق بىر سەۋەب بىلەن ئۇرۇپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويسا كىمنىڭ ئاچچىقى كەلمىسۇن ؟ بۇ يا ئۇرغۇدەك بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىسە ؟ شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ يات بىر ئەر كىشىنىڭ يات بىر ئايالنى ئۇرۇپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىشى ئەمەس ،يولدىشىنىڭ ئۆز ئايالىنى ئۇرۇشىمۇ قانۇنلۇق ئەمەس تۇرسا ؟
     ئۆيدىكىلەرمۇ ھۆرىگۈل خانىمنىڭ ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كەتكەن ،ساپساق بىر ئادەمنىڭ تۇيۇقسىزلا مۇشۇنداق قاتتىق ئاغرىپ قىلىشى كىمنى ئەنسىرەتمەيدۇ ؟ ھۆرىگۈل خانىمنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ ئاستا -ئاستا ئەسلىگە كېلىپ،شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا كىرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان  ،«سىلەر مۇشۇ ئىشنى بىلگەنسىلەر ؟بىرەر ھايۋان جېنىدا كېسەل بولۇپ ئاغرىپ قالسا ،كۈندە نەچچە ۋاخ يوقلايدىغاندىمىز ،قانداراقتۇ ئەھۋالى، ھارام بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن سويىۋىتەي دەپ؟ بۇ دېگەن بىر ئادەمدۇ ؟؟؟؟؟؟؟  سىلەرنىڭ سېپىڭلاردىكى بىر ئوقۇتقۇچىدۇ ؟؟؟؟؟ بۇ ئىشنى قىلغانمۇ شۇ سىلەرنىڭ سېپىڭلاردىكى ئاتالمىش مەكتەپ مۇدىرىدۇ ؟؟؟؟ ما ئىشقا ئىگە بولامسىلەر يا گېپىڭلار بامۇ ؟ قانداراق ئەھۋالى دەپ سىلىغۇ سورىمايسىلە ماقۇل ،يىزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدىن بولسىمۇ قانداق ئەھۋالى دەپ يا ئۆزى يوق يا سۆزى ؟..........»دەپ ئازراق كايىغاندىن كىيىن ھە ،بىز ھەل قىلىمىز ،ھەل قىلىمىز دەپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغان ،بىر قانچە كۈن ئۆتكەن يانا جىمجىت ،گەپ سۆز يوق ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە مائارىپ ئىدارىسىغا كىرگەن، مائاراپ ئىدارىسىدىكىلەر ئۇنى دەپ بۇنى دەپ چاغان كەلگەن، ھە ما چاغاندىن يېنىپ ھەل قىلىپ بېرىمىز دەپ 10 كۈننى ئۆتكۈزگەن ، بىزدىن يۇقىرى يەرگە دېمەي تۇرۇڭلار ،بىز چوقۇم سىلەر رازى بولغۇدەك ھەل قىلىپ بىرىمىز دەپ ئاغزىغا قۇرۇق ئەمزەكنى سېلىپ قويۇپ ،مۇشۇ چاغقا كەلگەن، مائارىب ئىدارىسىدىكىلەرمۇ ئوچۇق گەپنى قىلماي بىردەم ئۇنى دەپ بىردەم بۇنى دەپ بۇ ئىشنى بىز ھەل قىلالمىدۇق ،سوتقا بېرىڭلار دەپ تۈگەتكەن .
   
     بۇ ئىش يا مەكتەپ سىرتىدا يۈز بەرمىسە ؟ يا بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن باشقا ساھەدىكى بىر كىشى ئوتتۇرىدا يۈز بەرمىسە ؟ مائارىپ ساھاسىدىكى ئىككى ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا ، يەنە كېلىپ خىزمەت ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئىش تۇرسا ،مائارىپ ئىدارىسى ھەل قىلماي نە ھەل قىلىدۇ ؟ بۇ دۇنيادا ھەقىقەت زادى بارمۇ يوق ؟ بۇ ئىشقا زادى كىم ئىگە ؟ سەۋەنلىك زادى كىمدە ؟ جاۋابكار زادى كىم ،سەۋەبسىز ئادەم ئۇرغان نامەلۇم مۇدىر دىمۇ ئادالەتنى ياقىلىغان ھۆرىگۈل خانىمدىمۇ ؟
        ھۆرىگۈل خانىم ھېلىھەم دوىتۇرخانىدا كېسەل بىلەن ئېلىشماقتا !!
     مۇشۇ ئىشنى تېرىغان تۇراق نەلەردە ،كىملەرنىڭ ئاغزىنى ياغلاش بىلەن ئاۋارىدۇ ؟ بۇ ئىشقا سەل قارىغان ،ھۆرىگۈل خانىمنىڭ ئۆيدىكىلەرنى بوش چاغلاپ قالغان ،ۋاقتىدا بىر تەرەب قىلمىغان مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ،نامەلۇم مۇدىرلار ۋە ئۇنىڭ سادىق ياردەمچىلىرى مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالارمۇ ؟



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1658
تۆھپە
793
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:02:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى مائارىپ كەسىپىي تارماقلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى خاتالىقى بىر مەكتەپكە مۇدىر بولۇپ،ئۇزاق يىل بىرلا ئورۇندا ئىشلىگۇچىنىڭ ئىددىيسىدە باشقىلار مەنسىتمەسلىك،ھەتتا كۆزگە ئىلماسلىق خاھىشى شەكىللىنىپ،مۇستەبىتلىشىپ كىتىدىكەن،بۇنداق ئىشلار مائارىپ بىلەن،كەنىتلەردە ئاساسلىق گەۋدىلىك بولماقتا،مەن ھۆرىگۈل خانىمىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈلپەتىنى كۆرۇپ،چۆچۇپ كەتتىم،تەڭرىتاغ تورى مۇنبىردە بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم،بۇ يالغۇزلا ھۆرگۈل خانىمىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈلپەت بولماستىن،باشقا جايلاردىمۇ،بۇنداق ۋەھشى ئىشلار يۈز بەرمىسىمۇ،پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىدىغان ئىشلار مەۋجۇت،چۇنكى ئۇلار زېممىىسدا ئائىلىىنىڭ ئىغىر يۈكى بار،ئۈلار ھەممە نىمىسى تەل شۇ بىر قىسىم ياشلاردەك،مۇدىرلارنى ۋاقتىدا رىستۇرانلاردا ئوينىتىش،ئۇلار تەربىيەلىنىشكە يول ئالغاندا تۇتاملاپ يوللاق تۇتۇلمايدۇ دە.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
224
تۆھپە
44
UID
3988
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 22:52:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىشلار قاچانمۇ تۈگەر،جەنۇبى شىنجاڭدىن ؟؟؟ كەتسە ئوڭشىلار دىگەن، يەنىلا ئوخشاش بولىۋەردى مانا.


Rank: 2

تىللا
76
تۆھپە
15
UID
3092
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 01:19:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك ھۆكۇمەت ۋە  مائارىپ نارماقلىرى بۇ ئىشقا ھەققەتەن پاسىپلىق قىپتۇ. مېنىڭچە ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن سوتقا ھېلىقى ‹‹قارا قورساق مۇدىر›› ئۈستىدىن ئەرزى قىلىش كېرەك. مائارىپ ئىلىمىي، بىلىملىك  مۇدىرلارغا مۇھتاج.  بۇ‹‹مۇدىر›› مائارىپ سېپىغا خاتا كىرىپ قاپتۇ. ئۇئەسلىدە ‹‹قارا گۇرۇھ›› قا،خوجايىن بولسا بوپتىكەن. ‹‹ھۆرگۇل››خانىمغا ھېسداشلىق قىلىمەن.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1658
تۆھپە
793
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 16:51:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرىگۈل خانىم سوتقا ئەرىز قىلسا شۇ مۇدىر ،چوقۇم مائارىپ ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىپ،ئۆزىنىڭ سادىق قوللۇغۇچىلىرىنى بەنزىگە كىرگۈزۈپ،يەنە ئارام بەرمەيدۇ،چۇنكى بۇ جايلاردا بىر كادىرنى يىتىشتۇرمەك قىيىن دىگەن گەپ بار.


Rank: 2

تىللا
61
تۆھپە
13
UID
3207
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 12:12:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى كۈرۈپ،بەكمۇ ئېچىندىم،مەنمۇ بىر خەلىق ئۇقۇتقۇچىسى،ئەينى چاغدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدد مائارىپقا ياردەم بىرىش نامى بىلەن ئىشلىگەن چاغلىرىمدا .كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم بىلەن ئوخشاپراقمۇ كېتىدىكەن.ئۇمۇمەن ئۇنداق قارا گوروھ تۈسىنى ئالغان«مۇدىر»لار جەنۇبى شىنجاڭدا ساماندەك،بۇدەل ئەنە شۇنداق «مۇدىر»لارنىڭ يۇقۇرى-تۈۋەن رەھبەرلىك بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ ھەقىقەتنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇنداق قانۇنسىش قىلمىشلىرى قاچانكى شۇ يەردىكى ئۇقۇتقۇچى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنى ئېڭى ۋە ساپاسى يۇقۇرى يۇقۇرى كۈتۈرۈلسە ئاندىن قانۇن ۋە ئادالەت ئالدىدا ئۆز جازاسىنى تارتامىكىن- تاڭ، بولمىسا يەنە بىر ئىككى ئەسىر داۋاملىشىشىدا گەپ يوق.ھۆرىگۇل خانىمدەك ئاق-كۈڭۈل ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يەنىلا ئەنە شۇنداق ئازاپ -ئۇقۇبەت ئىچىدە پۈچۈلىنىدىغان بۇنداق ئەھۋاللار يەنىلا داۋاملىشىپ بېرىۋېرىدۇ.ھەققىقەت ۋە ئادالەت ھۆكۈم سۈرمىگەن مەرىپەت يۇرتىدا مۇشۇنداك ئەھۋال يۈز بىرىۋاتسا باشقا يەردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.مۇئەللىم جاپاكەش،ھەممىنىڭ ئاغزىدا مۇشۇ گەپ،بىراق ھۆرىگۇل خانىمدەك مۇئەللىملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاق كۈڭۈللىكلىگى ۋە جاپاكەشلىگىدن مۇشۇنداق كۈنگە قالسا بۇلامدۇ؟بىزدىكى ھەق بىلەن ئادالەتنى ياقلايدىغان يۈرەكلىك سەركەردىلەر نەگە كەتتى-ھە؟


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
1
UID
4834
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 01:25:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوت مەھكىمىسىنى ئەمەس ، ئالدىدا  تەپتىش  مەھكىمىسىنى ئىزدەڭ. چوقۇم   ھەل  بولىدۇ.


Rank: 1

تىللا
41
تۆھپە
4
UID
16468
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 03:41:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپىئەتىنى قوغدايلى! ئوقۇتقۇچنى ئۇرغان قوللىرى سۇنۇپ كەتسۇن شۇ نائەھلىنىڭ..........


Rank: 1

تىللا
41
تۆھپە
4
UID
16468
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 03:42:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنى قوغدايلى!


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابلىكىم يۈسۈپ
تىللا
264
تۆھپە
43
UID
12800
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 23:30:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مۇشۇنداق مىڭىسىنىڭ توپاق پىتى بار شوجاڭلار سەل كۈپۈيۈپ قالغىلى تۇرۇپتۇ،يۇقىردىن شۇنداق ھىساپ ئالىدىغان بولسا بىرنەچچىسى تۈرمىدە ياتقىدەك بۇلۇپ قالىدۇ،بەلكىم بۇ بىر سىناق بۇلىشى مۇمكىن ،بېلىقنىمۇ تەستە تۇتىدۇ ئەمەسمۇ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 03:33, Processed in 0.084485 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991