★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-2-11 01:54 
ئاغينىلەر ، بۇمەسىلىگە مەن چۈشەنچە بېرەي : 
«دېھقانچىل ...
مېنىڭچە قەيەردە ئەڭ تېز ئەڭ ياخشى داۋالىسا شۇ يەرگە بېرش كېرەك .  كېسەللەر ئاشۇنداق ۋىلايەتكە ، ئاپتونوم رايونغا چاپسا ، ناھىيەدىكى بىكار مائاش يېگەن بىكار تەلەتلەر «تىجارەت« سۈپىتىنى ياخشىلايتتى .   قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 - دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلىمنىڭ مۇدىرى ( ئەر ، خەنزۇ ، ئىچكىرىدىن كەلگەن مۇتەخخەسس دەمدۇ ) 9-ئايدا 7 ئايلىق بالامنىڭ  كۆز قارىچۇقى پات پات ئۈستىگە لىپ-لىپ قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرتكىلى ئاپاردىم . بۇ غوجام ساق ئۈچ كۈن تەكشۈرگىلى سالدى .  脑CT , 脑电图  ,  دېگەندەك بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق 1500 يۈەنگە كېسەلگە دېئاگنوز قويدى . نەتىجىدە بالاڭ 癫痫دەيدۇ !‹  قانداق كېسەل دېسەم تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمىدى . قانداق قىلىمەن دېسەم ، 3000 يۈەندىن ئارتۇق دورا يېزىپ بەردى تۆت ياشقا كىرگۈچە يەيدىكەن  . دورىلارغا قارىسام ساپلا نېرۋا كېسەلنىڭ ، تېچلاندۇرۇش دېگەندەك روھى كېسەل دورىلىرى ئىكەن . چەكسىز ئازاب ئىلكىدە بانكىغا پۇل ئالغىلى كېتىۋېتىپ ، توختاپ تۇر ، قايغۇرۇش توغرا كەلسىمۇ ئېنىق  قىلىۋېتىپ قايغۇراي دەپ ئۇدۇل ئايروپىلان بېلىتى سېتىش ئورنىغا بېرىپ ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن 1600 يۈنگە ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ ، دوختۇرغا پۇلۇم يەتمەيدىكەن ، ئۆيگە بېرىپ پۇل ئەكىلەي دەپ قۇيۇپ ، بارلىق تەكشۈرۈش قەغەزلىرى ۋە يېزىپ بەرگەن دورا رېتسىپىنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە ئۇچتۇم . تىىببى ئونۋېرسىتىتى دۇختۇرخانىسىنىڭ مەخسۇس بالىلار بۆلۈم پىروففىسورىنىڭ كېسەل كۆرۈش كۈنىگە توغرىلاپ  بالامنى كۆرسەتتىم .   12 يۈەنگە نومۇر  ۋە  كېسەلىك تارىخى  دەپتىرى ئالدىم . نېمە دەيدۇ دېمەيسىلەر ، دوختۇر بالىنى كۆرۈپ بولۇپ ،  قەشقەرنىڭ    脑CT  نەتىجىسنى كۆرۈپ ، بۇ كېسەل ئۈچۈن   脑CT غا سېلىش ھاجەتسىز  دەيدۇ . ھەم بالىنىڭ بىرەر قۇر كۆرىۋېتىپ ، 38 كويغا كالتىسى تابلىتكىسى يېزىپ بەردى ، بولدىمۇ دېسەم ھېلىقى دورىلارنىڭ بەرمىگەنسەن بالىغا دەيدۇ  ؟ ياق دېگەندىن كېيىن ، ياخشى قىپسەن ،  ئېغىر دەرىجىدە كالتىسى كەملىكتىن  بولغان ئالامەت بۇ دەيدۇ . دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئەگەر ھېلىقى دورىلارنىڭ  ساق بالىغا بەرسە بەلكىم شۇ خىل كېسەلنى پەيدا قىلىشى ۋە باشقا ئەكس تەسىرى بولىشى مۇمكىنكەن . 
ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ، خۇشاللىق ئىچىدە يېنىپ كەلدىم ، بالام ھېلىقى 38 كويلۇق كالتىسى تولۇقلاش دورىسىدىن ئىككى قاپ ئىچىپ مانا بىر ياش بىر ئايلىق بولدى ، خۇداغا شۈكرى . 
ئەرز قىل دېدى بەزىلەر ، بىز خەقنىڭ ئەرزى بەك ئېقىپ كەتمىگەندىكىن بېرىپ ئەرزمۇ قىلمىدىم . 
ئەمدى دەپ بېقىڭ ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر دېھقانلار بولغان بولسا ، شۇ بالىغا شۇ دورىلارنى يېگۈزسە نېمە بوپ كېتەر بولغىيتتى ! 
ئىشقىلىپ شارائىت يار بەرسە ئامال بار ياخشىراق تەكشۈرتۈپ كېسەلنى ئىنىقلىۋېلىپ ئاندىن داۋالاش كېرەك دەپ قارايمەن  . ئاتالمىش ناھىيە مالىيەسى ئېقىپ كەتسە كەتسۇنكى دېھقانلىرىمىنىڭ يۈرەك قېنى ئېقىپ كەتمىسۇن!