نۆۋەتتىكى تېمىدا قۇمۇل دىيارىدا 233يىل ھۈكۈم سۈرگەن، فئۇدال يانچىلىق تۈزىمى بىلەن دىننى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن ، قۇمۇلنىڭ توققۇز ئەۋلات ۋاڭلىرىنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋىردە رەسساملارغا سىزدۇرغان ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى قىياپەت رەسمىلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز! بىرىنچى ئەۋلاد ۋاڭ: ئەبەيدۇللا تارخانبەگ 
ئىككىنچى ئەۋلاد ۋاڭ: گويا 
ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋاڭ: ئىمىنۋاڭ 
تۆتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ: يۈسۈپ 
بەشىنچى ئەۋلاد ۋاڭ: ئىساق 
ئالتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ: ئەردىشىر 
يەتتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ؛ بىشىر 
سەككىزىنچى ئەۋلاد ۋاڭ: غۇلام مۇھەممەت 
تۆۋەندىكىسى خانىش مىھرىبانۇ بولۇپ، غۇلام مۇھەممەت تۇغما پارالىچ بولغاچغا، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ھاكىمىيەت باشقۇرغان. 
توققۇزىنچى ئەۋلاد ۋاڭ: شا مەخسۇت . رەسىمى يوقكەن . ( بۇ كىشنى ئىز ۋە ئويغانغان زىمىن رۇمانلىرىنى ئۇقۇغان ھەرقانداق كىشى بىلدۇ. چۈنكى بۇ كىشى زورلۇق-زۇمبۇلۇقتا ئۇچىغا چىققاچقا قۇمۇل دىيارىدا تۈمۈر خەلىپە باشچىلقىدىكى دىھقانلار قوزغىلىڭى يۈز بەرگەن، شاھ مەخسۇت بۇ قوزغۇلاڭنى قانلىق باستۇرغان ئىدى. ) شاھ مەخسۇت 1930 -يىلى كىسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەندىن كىيىن ، ئوغلى نەزەر تەختكە ۋارىسلىق قىلماقچى بولغاندا ، جىن شۈرېىن ھۈكۈمىتى ۋاڭلىق تۈزمىنى بىكار قىلغان . شۇنۇڭ بىلەن 233يىل ھۈكۈم سۈرگەن ۋاڭلىق تۈزمى ئاخرلاشقان. قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدىن كۆرۈنۈشلەر:







|