مەكىت چىلان مەشرىپىگە ئىككى كەلىمە سۆز
مەشرەپ پىروگراممىسىنىڭ كونكىرت تەلەپلىرى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدۇق ،سەۋەب بۇ قېتىمقى مەكىت چىلان مەشرىپى سېپى ئۆزىدىنلا بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپنى قايتا بىر قېتىم كۆرسەتكەن مەشرەپ بولۇپتۇ.....بىرنەچچە نومۇرنى قايتا كىرىشتۈرسىغۇ مەيلى ئىدى،لېكىن باشتىن ئاخىرى ئىلگىرىكى مەشرەپنى كۆرۈرمەنلەرگە قايتىلاپ قويۇپ بېرىپتۇ.ئاينۇر خانىم ئاتۇش دىيارىدىكى مەشرەپتە سەھنىگە چىقىپ گۈل چاينى قولىغا ئېلىپ پۈتۈن خەلقنى مەكىتتىكى مەشرەپكە تەكلىپ قىلغان،شۇڭا ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى بىر مەشرەپ سورۇنى ھازىرلىشى كېرەك ئىدى.ناۋادا مەشرەپكە قاتنىشىمىز دەپ كۆرۈرمەنلەر مەكىتكە بارغان بولسا ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ كونا مەشرەپنى قويۇپ بېرەر بولغىيمىتى؟بۇ كۆرۈرمەنلەرنى ئالدىغانلىقمۇ قانداق؟ مەشرەپ ئۆتكۈزىمىز دەپ قويۇپ كونا لېنتىنى قويۇپ بەرسە بۇنى ھەممە يۇرت قىلالىشى مۇمكىن.بۇ مەشرەپ قائىدىسىگە ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ؟.......