كۆرۈش: 4250|ئىنكاس: 6

بۇلارنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1951
تۆھپە
558
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 12:34:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە يازما يوللاش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولىۋېتىپتۇ. بۇ ياخشى ئەھۋال. يازما يوللىغاندا مۇنداق بىر نەچچە ئىشقا دىققەت قىلىش ھەققىدە ئەسكەرتمە بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن:
1-ئىملا مەسىلىسى. تەڭرىتاغ مۇنبىرى ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مۇنبەر بولغانلىقتىن، بۇ جەھەتتە ئۈلگە كۆرسەتسە. مۇنبەرگە يوللانغان يازمىنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلساق. ئەگەر يازمىنىڭ ئىملاسىدا مەسىلە بولسا، مۇنبەر مەسئۇللىرى ياكى تەھرىرلەر يازما تەستىقلىغاندا، ئىملانى تۈزىتىپ توغرىلاپ قويسا. مۇنبەردە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
2- يوللىغان يازمىنىڭ مەنبەسىنى چوقۇم ئەسكەرتىش زۆرۈر. ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسىرى بولسا، ئۇنىمۇ ئېنىق ئىزاھلاش، ئەگەر باشقا يەردىن يۆتكەپ كېلىنگەن بولسا، ئەسلى ئاپتورىنى ۋە مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش زۆرۈر. بۇ مەسىلە ئەسەر ھوقۇقىغا ۋە مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتىگە تاقىلىدۇ.
3- يازما يوللىغاندا، ئىمكان بار مۇناسىپ سەھىپىگە يوللاش كېرەك. ئەگەر سەھىپىگە ماس كەلمىگەن بولسا، تەھرىرلەر ماس سەھىپىگە يۆتكەپ قويسا.

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
246
تۆھپە
98
UID
358
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 14:18:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل كۆڭلمدىكى گەپنى يوللاپسىز ،باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەيلى !!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1102
تۆھپە
627
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 16:20:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا خاتالىقى ئۈچ ھەرىپتىن ئېشىپ كەتسىلا شۇ ئەسەرنىڭ گۈزەللىكىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئىملا ئامال بار توغرا بولسا... مۇنبەردە تېما كۆرۈنگەندىن كېيىن شۇ تېما ئىگىسى تېمىنى ئەستايىدىل يەنە بىر كۆرۈپ تەھرىرلىسىلا ھەممە ئىش پۈتىدۇ دىگەن گەپ.
ياخشى پىكىر قاتناشتۇرۇپسىز، تەشەككۈر!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1320
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 16:53:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ خېتىمدىغۇ خاتالىق سادىر بولمايدۇ .


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2260
تۆھپە
891
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 18:57:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         تەكلىپ ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئىملا مەسىلىسى بىزنىڭ تور بەتچىلىكىمىزدىكى بىر مەسىلە بولۇپ، بۇنى كۆپچىلىك ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ ھەل قىلىشقا بولىدۇ. كۆپچىلىك يوللانغان مەزمۇنلارنىڭ خاتالىقىنى دوستانىلىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرىش، تەكلىپ بېرىشنى ئادەت قىلىپ ئۆز ئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش كېرەك. تەجرىبىلىك، ئىملاسى توغرا بولغان دوستلار باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان گەپ - سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكى ئاساسىدا تەكلىپ - پىكىر بىرىپ ياخشى بىر مۇھىت ھازىرلاش كېرەك. يەنە مەخسۇس ئىملا تەكشۈرۈپ تەھرىرلەيدىغان باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلەنسە تېخىمۇ ياخشى. تېخنىكىلىق جەھەتتە ئىملاھ تەكشۈرۈشكە ئېمكان بولسىمۇ بىراق ھەممە كىشى قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن، شۇڭا قەرەللىك مۇددەتتە مۇنبەر سىستېمىسى سانداننى بىر يوللا چوڭ كۆلەملىك ئىملا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئاددى ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. سىناپ باقساڭلار.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2698
تۆھپە
1476
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 23:15:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرسەتمە بەرگەنلىكىڭىزگە تەشەككۈر! ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ ئىملاغا دىققەت قىلايلى!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1932
تۆھپە
1155
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 02:13:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل كۆڭلمدىكى گەپنى يوللاپسىز ،باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەيلى ~~~~ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ ئىملاغا دىققەت قىلايلى!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 10:39, Processed in 0.075624 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991