سىز لاياقەتلىك دادىمۇ؟
ئالدىنقى كۈنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا‹‹مىنىڭ دادام››دېگەن تېمىدا ماقالە يىزىپ كىلىش توغىرسىدا تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدىم.بۈگۈن تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ كۆرسەم،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىچىسى دادىسىنىڭ چىراي- تۇرقى،خىزمەت ئورنى،ئۆزلىرىنى قانداق ئويناتقانلىقى....دەك ئىشلارنى يېزىپتۇ.لىكىن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ماقالىسى ئالاھىدىكىرەك بولۇپ،مىنىڭ دىقىتىمنى بەكرەك جەلىپ قىلدى.ماقالە مۇنداق يېزىلغانىدى:‹‹مەن مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان،دادامنىڭ مىنى بىرەر قىتىم مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكەلگىنىنى بىلمەيمەن.ھەر كۈنى بىز ئۇخلايدىغان چاغدا دادام ئۆيگە مەست كىرىدۇ-دە،بىردە ئەتكەن ئېشىڭ سوۋۇپ قاپتۇ دىسە،بىردە چاينى نىمىشقا تېزىرەك دەملىمەيسەن دەپ ئاپام بىلەن جىددەللىشىپ كىتىدۇ.مەن ئائىلىمىزدە دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق جىددەللەر ئىچىدە چوڭ بولدۇم.ساۋاقداشلىرىمنىڭ دادىسى ئۇلارغا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن،ھېيت-بايراملاردا باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىدىكەن،تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەملىشىدىكەن،لىكىن مەن بۇنداق ئىشلاردىن بەھىرمەن بولۇپ باققىنىم يوق.تېخى مەكتەپ يىشىغا توشمىغان سىڭلىم دادامنىڭ سەۋەبىدىن ئاڭلاش سىزىمىنى يوقاتتى.شۇ تاپتا بار ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ دادا سىز بىر لاياقەتلىك دادىمۇ دەپ توۋلىغۇم كىلىۋاتىدۇ››.
ئوقۇغۇچۇمنىڭ بۇ ماقالىسى مىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.خىزمەت،تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىۋاتقان، ئىستىمال سەۋيىسى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىنىڭ ئاساسلىق يۈكى ئاياللارنىڭ زىممىسىگە چۈشمەكتە.گەرچە نۇرغۇن ئەرلەر ئائىلە ئىشلىرىنى ئەر-ئايال مەسلىھەت قىلىپ،تۇرمۇش،خىزمەت،بالا تەربىيسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ،لىكىن يەنە ئايرىم ساندىكى ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئائىلە باشلىقلىق، دادىلىق بۇرچىنى ئۇنتۇپ،بالىسنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى مۇئەللىمدىن، مەكتەپتىن،ئايالىدىن ھەتتا ئۆز پەرزەنتىدىن كۆرۈپ،ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتا زادى قانچىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئويلىمايدۇ. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى نوقۇل ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن باغلىۋىلىپ ،‹‹پالانچىنىڭ بالىسى مۇنچە نومىر ئاپتۇ،سەن نىمىشقا شۇنچىلىك ئالالمايسەن؟››دەپ ئۇلارغا كايىيدۇ. مەن بالىلارغا قانچىلىك كۈيۈندۈم،مەن ئۇلارغا قانچىلىك ئۆگىنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بەردىم، تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە قانچىلىك ياردەملەشتىم، قانچىلىك كىتاپ ئېلىپ بەردىم، قانچە قىتىم دەرىستىن سىرتىقى پائالىيەتلەرگە ئېلىپ چىقتىم، قايسى كۆرسلارغا قاتناشتۇردۇم دىگەننى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. بالىلارنىڭ تەلىپى،ئېھتىياجى،ئارزۇسىنى پۇل بىلەن ئۆلچەپ،ئىككى كۈندە بىر بالىلىرىغا پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇپلا ، ئۆزىنى بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ھېساپلايدۇ. بالىلار مەكتەپتە ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئاچىدىكەن دىسە،ئىشىم ئالدىراش دەپ بارمايدۇ. مەكتىپىمىزدە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى ، مەن نومۇر ئورۇنلاپ چىقىمەن،بېرىپ كۆرۈپ كىلەمسىز دىسە، ۋاقتىم يوق،دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.لىكىن خىزمەتداشلار ئولتۇرۇشى،ساۋاقداشلار يىغىلىشى، يۇرتداشلار چېيى....دىگەندەك ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان مېھماندارچىلىقلاردا قانچىلىك ۋاقتىنىڭ ئىسىراپ بولۇپ كىتۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ.
بىر ماتىريالدا مۇنداق بىر ۋەقەنى ئوقۇغان ئىدىم: ئامىرىكىدىكى بىر قىتمىلىق زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە مەلۇم بىر زۇڭتۇڭ نامزاتى سايلىغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۇنىڭغا ئۇ ۋەكىلىك قىلىدىغان پارتىيىدىن ۋە قىزىدىن تەڭلا تېلىفون كىلىپ قالغان. يىنىدىكلەر ئۇنىڭدىن ئاۋۋال قايسى تېلىفوننى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ ئىككىلەنمەيلا:‹‹ئەلۋەتتە قىزىمنىڭ تېلىفونىنى قۇبۇل قىلىمەن-دە›› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەتىسى بۇ خەۋەر پۈتۈن ئامىرىكا تەۋەسىدىكى گېزىتلەرنىڭ باش بىتىدە قېزىق نۇقتا خەۋەرلىرى سۈپىتىدە بېرىلگەن، بۇنىڭ بىلەن سايلام رىقابىتىدە تازا ئاكتىپ ئورۇنغا چىقالمايۋاتقان بۇ زۇڭتۇڭ نامزاتى بىراقلا ئامىرىكا خەلىقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاخىرقى ھېساپتا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلغان.
چۈنكى ئامېرىكا خەلىقى، جىددىي تاللاشقا دۇچ كەلگەندە ئىككىلەنمەيلا قىزنىڭ تىلىفونىنى قۇبۇل قىلغان كىشى ئائىلىدە چوقۇم بىر ياخشى دادا، ئامىرىكىمۇ دەل مۇشۇنداق جىددىي تاللاشقا دۇچ كەلگەندە ئىككىلەنمەيلا دۆلەت، خەلىق مەنپەئىتىنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويىدىغان ياخشى بىر دۆلەت ئاتىسىغا مۇھتاج دەپ قارىغان.
سىزچۇ؟ بالىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا باشلىقىڭىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان كىلىپ قىلىپ سىزنى قارىشىپ بېرىشكە چاقىرسا قايسىسىنى تاللىدىڭىز؟
‹‹1-ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدا بالىڭىزغا بەرگەن ۋەدىڭىزنى ئورۇنلىيالىدىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇپ بېقىڭ.
سىز بالا بېقىش، بالا تەربىيلەش، بالا ئوقۇتۇش، ئائىلىگە كۈيۈنۈش جەھەتتە بىر لاياقەتلىك دادىمۇ؟
مەنبە:‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››دىن ئېلىندى.