كۆرۈش: 14858|ئىنكاس: 9

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا زىيارەت (قۇياش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
527
تۆھپە
245
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 20:15:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~




ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئالىمى، مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى1019-يىلى بالا ساغۇندا تۇغۇلغان ،ئىجادى پائاليىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن ، مىلادى 1069-1070-يىللىرى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا 13290 مىسرالىق ئىپىك داستان « قۇتادغۇبىلىك » يېزىپ 18 ئايدا تاماملىغان ، داستان يېزىلىپ بولغاندا مۇئەللىپ ئۇنى خاراخانىيلار ھوكۇمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان ، تاۋغاچ بۇغراخان مۇئەللىپكە « خاس ھاجىپ » لىق ئۇنىۋانىنى بەرگەن .




« قۇتادغۇبىلىك » داستانى چوڭ ھەجىمدىكى بەدىئي ئەسەر ، شۇنداقلا شۇ دەۋىردىكى تارىخ ، سىياسىي ، ئىجتىمائي، مائارىپ ، پەلسەپە ، ماتېماتىكا ، ئاستىرونومىيە ، ھەربىي قانۇن ، تىبابەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شانلىق ئىلمي ئەسەر بولۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەردۇر .  يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى 1085-يىلى 67 يېشىدا قەشقەردە ۋاپات بولغان بولۇپ ، مۇشۇ ئورۇندىكى قاراخانىيلارنىڭ خاقانىيلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ،كىيىن ئۇپىراش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەچكە 1130-يىلغا كەلگەندە مۇشۇنداق بىر ئالىمنىڭ ئىزى ئۆچۇپ كەتمىسۇن دەپ يەنى 50 يىلدىن كيىن ئۇستىخان سۆگەكلىرىنى يۆتكەپ ئەكىلىپ ئىككىنچى قىتىم مۇشۇ يەرگە قايتا دەپنە قىلغان .




1957-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۇمىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنى ئاپتونۇم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىندىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى تارىختا 4 قىتىم چوڭ كۆلەمدە رېمونىت قىلىنىپ ياسالغان ، 5- قىتىم 1986-يىلغا كەلگەندە قايتا ياسىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلتۇرۇلگەن ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ھازىرقى ئورنى قەشقەر شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە يولىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى 11988 كۇۋادىرات مىتىر ، قۇرلۇش كۆلىمى 1900 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، قەبرىگاھ ، مەسچىت ، خاتىرە مۇنارى ، كۆرگەزمىخانا ، كۇتىۋىلىش ئۆيى قاتارلىق 5 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان ، بۇنىڭ ئىچىدە قەبرىگاھنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 825 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، ئۇ كاھىۋان ، قەبرە ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، كاھىۋان يايى شەكىلدىكى ئالدى ئوچۇق ، كىچىك گۇمبەزلىك 22 ئېغىز ئۆيدىن تەركىپ تاپقان ، ئۇ ئۆيلەر شىمال ، شەرىق ، جەنۇپ تەرەپتىن 9 مېتىر ئارلىقتا ئاساسي قەبرە ئۆيىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ ، كاھىۋاننىڭ تۆت تەرىپىدە يەنە ئېگىزلىكى 9.5 مېتىر كېلدىغان تۆت مۇنار بار ، قەبرە ئۆينىڭ شەرىقتىن غەرىپكىچە ئۇزۇنلۇقى 17.60 مېتىر ، شىمالدىن جەنۇپقا قەدەر كەڭلىكى 11.30 مېتىر بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەممە تەرىپى 20 خىل گۈللۇك كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن ، قەبرە ئۆيى ئىچكىركى ئۆي ، دالان دەپ ئىككىگە ئايرىلغان ، ئىچكىركى ئۆي مەخسۇس قەبرە ئىچى بولۇپ ، يەر يۈزىدىن 19.60 مېتىر ئېگىزلىكتە ، دىئامېتىرى 9 مېتىر كېلىدىغان چوڭ يۇمىلاق گۈمبەز بىلەن يىپىلغان ، ئۆينىڭ تۆت ئەتىراپىدا چوڭ –كىچىك پەنجىلىك 10 نەچچە كۆزنەك دەرىزە بار ، دالان قەبرە ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇپ ، دالان ئارقىلىق قەبرە ئۆيىگە ، ئىككى ياندىكى ئىشىك ئارقىلىق كاھىۋانغا ، ئىككى ياندىكى ئۆي ئارقىلىق يەر ئاستىغا ۋە ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايتىدىن ياساپ ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن بۇ قەبرىگاھى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللي بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن زامانىۋي قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئۆز-ئارا بىرلەشتۇرۇلگەن ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكككە ئىگە بىر كۆركەم قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ، ھەيۋەتلىكى ، پۇختا ، مەزمۇتلىقى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى سەيلى-ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ .  























يۇقارقىسى« قۇتادغۇبىلىك » دىگەن كىتاپنىڭ بىر قانچە تەرجىمە نۇسخىسى ، بۇ كىتاپنىڭ ئەسلى قول يازمىسى ھازىرغىچە تىپىلغىنى يوق بولۇپ ، چەت دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۆچۇرۇلمە نۇسخىسى بار .
1. ئاۋسىتىرىيىنىڭ ۋىنا كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان ؛
2. نامەنگەن نۈسخىسى ئۆزبىسكىتاننىڭ شەرقى تەتقىقات ئورنىدا ساقلاقلىق بولۇپ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ؛
3 . مىسىرنىڭ قاھىرەدىكى قىراۋ كۈتۇپخانىسىدا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ ، ئۇمۇ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان .


«قۇتادغۇبىلىك» سۆزى «ئادەمگە بەخت ئېلىپ كەلگۈچى بىلىم» دېگەن مەنىدە . كىتاپنىڭ 11-بابىدا مەخسۇس كىتاب نامى ۋە مەنىسىنى تونۇشتۇرغان. كىتاب تۆت پىرسۇنازنىڭ دىئالوگىنى چۆرىدەپ يېزىلغان بۇلۇپ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۆت پىرسۇناژنىڭ دىئالوگى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ « جەمئيىەت ، قانۇن ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ، پەلسەپە ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش»قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.




     ئالىم بۇ كىتاپنى ئۆزى  يازغان چىغىدا  رەسمي 13290 گىراپىلىق شەكىلگە كەلتۇرۇپ يازمىغان . ئالىم بۇ كىتاپنى يازغان چىغىدا خاراقانىيلار خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمدا خانلىق تالىشىش ئىچكى بۆلۇنىش كىلىپ چىققان شارائىتتا يازغان بولغاچقا ، شۇ ۋاقىتتا تىنىچ ئوردىغا ، تىنىچ ۋەزىيەتكە ئىنتىلىش بىلەن غايىۋى ئوبرازلارنى ئۆزى يارىتىپ تۇرۇپ « ئۇدىگۇلىمىش ، ئۇدۇقۇرمىش »، « ئاي تۇلدى ، كۈن تۇغدى » قاتارلىق تۆت خىل ئوبرازلىق ۋەكىلىنى يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى تۆتەيلەننىڭ دىئالوگىغا بىرلەشتۇرۇپ ، بۆلەك -بۆلەك قىلىپ يىزىپ چىققان ، ئۈچ خىل كۆچۇرلمە نۇسخىسىنى باشقىلار كۆچۇرۇپ يازغاندىن كىيىن ( كۆچۇلمە نۇسخىسىنى بەزىلەر گىرمانىيەدە، بەزىلەر تۇركىيەدە دىگەنلەرمۇ بولغان ، بىراق ھېچقانداق دۆلەت تىخىچە بىزدە دەپ ئىتراپ قىلمىغان ) . كۆچۇلمە نۇسخىسىغا قاراپ تۇرۇپ تۇركىيەلىك  ئشتىراقمى ئارات دىگەن ئالىم 1947-يىلى 13290 مىسرا قىلىپ  شەكىلگە كەلتۇرۇپ يېزىپ چىققان ، 1984-يىلغا كەلگەندە ئېنگىلىس تىلى ، خەنزۇتى ، ياپون تىلى ، ئۇيغۇر تىلى، روس تىلى قاتارلىقلارغا تەرجىمە قىلىپ ھازىرغا قەدەر 11 خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ بىسىلغان .

















































چۈشەندۈرۈشىم مۇكەممەل بولمىدى، چۈنكى ئالىم توغرىلىق بىلدىغانلىرىم كۆپ ئەمەس، شۇڭا چۈشەندۈرۈشىمدە خاتالىق سادىر بولسا دەرھال تۈزىتىپ قويغان بولساڭلار شۇنداقلا سىلەرمۇ ئالىم توغرىلىق بىلدىغان چۈشەنچىڭلارنى بىر- بىرلەپ ئوتتۇرغا قويۇپ بۇ تىمىنىڭ مۇكەممەل تىما بولۇپ چىقىشىغا ئاز -ئازدىن بىر كىشىلىك تۆھپەڭلارنى قوشقان بولساڭلار تولىمۇ مىننەتدار بولار ئىدىم ( رەھمەت )


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
تەڭرىتاغ + 15 + 15

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 15 تىللا + 15  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2222
تۆھپە
1647
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 22:33:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئېسىل سۈرەتلەركەن. لېكىن نىمىشقا سۈرەتلىرىڭىزگە سۈنئىي تۈس بىرىپ قويىسىز؟.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
1157
تۆھپە
351
UID
3059

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:56:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ۋە سۇرەت بۇتىمىغا شۇنچىلىك ياخىشى ھوسۇن قۇشۇپتۇ ئەجىرڭزگە كوپ راخمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1228
تۆھپە
518
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 03:13:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز، سۈرەتلەرنىمۇ ھەم ياخشى تارتىپسىز،مەقبەرە ئىچىدىكى ئەڭ ئنچىكە تەرەپلەرنىمۇ سۈرەتلىرىڭىزئارقىلىق ياخشى يورۇتۇپ بىرىپسىز،كۆرۈپ باقمىغان ئادەم مەقبەرىنى بىر قىتىم ئكىسكۇرسىيە قىلغاندەك تۇيغۇغا كىلىشى ئىنىق، رەھمەت سىزگە...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1228
تۆھپە
518
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 03:14:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزدا مىللىي مىمارچىلىق، نەققاشچىلىق سەنئىتىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان قۇرۇلۇشلاردىن ساناقلىقلا قالدى دە... ھەي...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
888
تۆھپە
357
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 14:51:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يوللىغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ئالىم  قەبرىگاھىغا بارغاندەك بولدۇم،رەخمەت.


Rank: 4

تىللا
478
تۆھپە
116
UID
3759
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 18:32:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نۇرغۇن  ساۋاتقا  ئىگە بولدۇم  ، ئەجرىڭىزگە  تەشەككۈرلەر  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كۈرەش ياقۇپ
تىللا
452
تۆھپە
242
UID
5045
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 11:50:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزگە ئاپىرىن  كۈپ ئىزدىنىپسز  بىز بۈ قەۋرىلەرنىڭ  يرنىدا تۈرۈپ بۈكۈرنۈشلەرنى كۈرمەپتىمىز  سىز گە رەخنەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2345
تۆھپە
1225
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 19:31:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان قارىغاندا ساياھىتىڭىز كۇڭڭۇلۇك بولغاندەك قىلىدۇ


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 15:33, Processed in 0.084379 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991