مېنى باستى تەشنالىق قەدەر

بۇران ئۇچار تەنھا كەپەمدىن، ئەسلىمەمنى ئۇچۇرار ھەريان. غېرىبلىكنىڭ چەكسىزلىكىدە، سېغىنىمەن سېنى ھەر قاچان.
يالغۇز قالدىڭ سەنمۇ يىراقتا، ئارمانلىرىم سىڭىپ باغرىڭغا. تەنھالىقتا قاغجىراپ قەلبىڭ، قىينالدىڭمۇ سۆيگۈ پىراقتا.

تەلمۈرەتتى كۆزلىرىم ھەردەم، ئىنتىزا بوپ يۇلۇڭغا سېنىڭ. ئارام تاپار بۇ خەستە دىلمۇ، نىگاھلاردا چۈشۈمگە كىرسەڭ.
سېغىنىشتا ئۆرتەلدى يۈرەك، مەن يۈرىمەن تىلەپ ۋىسالنى. جاپالارمۇ بىلىندى راھەت، قۇت تاپالسام ھەممىگە رازى.
مېنى باستى تەشنالىق قەدەر، شاماللارمۇ بولدى شۇنچە جۆر. ئۈمىدۋارمەن ئارمانلىرىمغا، سېغىنشمۇ ماڭا بىر ھۇزۇر.
سېزىمەن شۇتاپ قەلبىڭنى، تەقەززارسەن سەنمۇ دىلكىشىم. شاماللارمۇ يەتكۈزدى يەنە، كۆزۈڭ يولدا جانۇ ھەمرايىم.
 مەنبە ؛قەلىمىــــم
|