كۆرۈش: 3111|ئىنكاس: 4

مەسئۇلىيەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنىشى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
4647
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 03:03:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارغا ياردەم قىلىش مىنىڭ مەجبۇرىيتىم  
بىز ھەردائىم مەسئۇلىيەت ۋە ئەركىنلىك توغرىسىدىكى پاراڭلارنى قىلىپ تۇرىمىز ،بىراق مەسئۇلىيەت بىلەن ئەركىنلىك قانداق ۋاقىتتا بىربىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيمىز.
بۈگۈن مەن بىر ئىشنى ئاڭلاپ مەسئۇلىيەت بىلەن ئەركىنلىكنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم،مىنىڭ يىزىقچىلىق قابىلىيتىم ئىنتايىن تۆۋەن ،يوق دىيەرلىك دىسەممۇ بۇلىدۇ،شۇڭا بۈگۈنكى ئىشنى قاملاشتۇرغىنىمچە سۆزلەپ باقاي،كۆپچىلىكنىڭ مۇنازىرە قىلىشىغا ئەرزىمدۇ يوق.   ،بۈگۈن 1- ئايغا 21 -كۈنى بۇلۇپ ،قارمۇ 3 كۈندىن بۇيان توختىماي يىغىۋاتىدۇ . شۇڭا يوللار ناھايتى تىيىلغاق ، نۇرغۇن ماشىنىلار بىخەتەرلىك ئۈچۈن يولغا چىقمايۋاتىدۇ ، شۇ سەۋەپتىن مىنىڭ قوشنام قەشقەردىن قاغىلىققا كىلىش ئۈچۈن ماشىنا تاپالماي يولدىشى ئىنىسى بىلەن قەشقەرگە ئالغىلى كەتكەن ئىدى ،ئۇلار ماشىننىنى ئاستىراق ھەيدەپ مىڭىش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت 5 تە يولغا چىقىپ ،چۈشتە سائەت 12 دە ئاران قەشقەرگە يىتىپ باردى .قوشنام ئايگۈل مۇئەللىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)ئۈرۈمچىگە دادىسىنى داۋالاتقىلى كەتكىنىگە بىر ئايغا يىقىن بۇلۇپ قالغاچقا ئۆيدە قالغان ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان قىزى كۈزىدىن ئۇچقان ئىدى ، شۇڭا ئۇلار بىرەر ۋاخ تۈزۈكرەك تاماقمۇ يىمەي قاغىلىققا قاراپ يولغا چىقتى ،ئۇلار 3 سائەت يول مىڭىپ ئاران يىڭىسارغا كەلدى ، يىڭىسارنىڭ قىزىل يىزىسى تەۋەلىكىگە  كەلگەندە ئۇلار بىر ماشىنىنىڭ يولدا ئۆرلۈپ ياتقىنىنى كۆردى،بىرخەنزۇ ئەر يولنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ كىلىپ كىتىۋاتقان ماشىنىلاردىن ھەدەپ ياردەم سوراۋاتاتتى ،بەزىلىرى ماشىنىنى بىر توختۇتۇپ كەتسە يەنەبەزىلىرى ،بۇ ئادەمدىن قوروققاندەك ئۇنى ئايلىنىپ ئۈتۈپ كىتىۋاتاتتى ، يەنى بەزىلىرى بۇ كىشىنىڭ ەىپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمايلا  كىتىپ قىلىشىۋاتااتتى،قوشنام ئولتۇرغان ماشىنا بۇ يەرگە يىقىن كەلگەندە ،جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىىلپ كىلىۋاتقان قادىرجان(قوشنامنىڭ ئىرىنىڭ ئىنىسى ) يەردە ئۆرلۈپ ياتقان ماشىنىنى كۈرۈپلا بۇنىڭ ئىغىر قاتناش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ  ، ئاكىسىغا ماشىنىنى دەرھال توختىتىشنى ئىيىتتى ،ئۇلار يەرگە چۈشكەندە ،مۇزدەك قىتىپ كەتكەن قارئۈستىدە 25 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىز ھوشسىز ياتاتتى ،ۋەقە يۈزبەرگىنىگە خىلى بولغان بولسا كىرەك ئەتراپتا تۇرغان ئىككەيلەن سوغوقتىن قىتىپ قالايلا دىگەنتى .قار تۈپىسىدە يىتىۋاتقان قىزنىڭ زەخمىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى ،قادىرجان ئىشنىڭ تىگىنى بىردىنلا چۈشەندى ، كىتىۋاتقان ماشىنىلار بىر بولسا يولىغا ئالدىراپ ، بىر بولسا قىزنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەو بۇ خەنزۇ ئەرگە ياردەم بەرمىگەن ئىدى ،بۇ چاغدا قادىرجان ھىچ ئىككىلەنمەيلا ئاكىسىغا بىمارنى دۇختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئىيتتى ،ئاكىسىمۇ دەرھال قۇشۇلدى ، بۇ خەنزۇ ئەر ئۈزىنىڭ فامىلىسىنىڭ ياڭ ئىكەنلىكىنى ،بۈگۈن قەشقەردىن پوسكامدىكى ئۈيىگە چاغان ئۆتكۈزۈش ماڭغانلىقىنى ئىيتتى . قادىرجان ئاكا - ئۇكا يەردە ياتقان قىزنى يۇلەپ ماشىنىغا سىلىپ يىڭىسارغا قاراپ يولغا چىقماقچى بولدى ،ئۇلار مۇشۇنداق ماڭسا دۇختۇرخانىغىچە30 كىلومىتىردىن ئارتۇقراق يول مىڭىشى كىرەك ئىدى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا سەل قىددىيلىكىنى بىسىۋالغان ياڭ ئەپەندىم ئۇلارنى يەكەن ناھىيلىك دۇختۇرخانىغا ، ئاپىرىپ قۇيىشىنى ،ئۇيەر ھەم ئۈيىگە يىقىن ،قۇلاي بۇلىدىغانلىقىنى ئىيىتتى ،شۇنىڭ بىلەن قادىرجان ئاكا- ئۇكا ئۇلارنى ئىلىپ يەكەنگە قاراپ يولغا چىقتى .يارىدار قىزنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ بەل سۇڭىكى زەخمىلەنگەندەك قىلاتتى،ماشىنا ئازراق سىلكەنسىمۇ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بۇلاتتى ، شۇڭا قادىرقان ئۇزۇن يىللىق شۇپۇرلۇق تىخنىكىسىغا ئاساسەن ماشىنىنى ئىنتايىن ئىھتىياتچانىلىق بىلەن ھەيدەپ 2 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئۇلارنى يەكەن ناھىلىك خەلىق دۇختۇرخانىسىغا ئىلىپ كەلدى. ياڭ ئەپەندىم ۋە قادىرجان ئاكا - ئۇكا قىزنى كۈتۈرۈپ دۇختۇرخانىغا ئەكىرىپ ياتاققا ئالدۇردى ، ياڭ ئەپەندىم دۇختۇرخانا كارىدۇرىدا تۇرۇپ قادىرجان ئاكا - ئۇكىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا<<سىلەربىزنىڭ شاپائەتچىمىز ،بىز سىلەرنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز، ياتاقتىن چىققاندىن كىيىن ئاۋال سىلارنى يوقلاپ بارىمىز >>دىدى ،قادىرجان ماڭادىغان ۋاقتىدا يەنە خاتىرجەم بولالماي ياڭ ئەپەندىمدىن يىنىدا پۇل بار يولىقىنى سورىدى ،ھەمدە ئۈزىنىڭ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇلارنى يوقلاپ كىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ خوشلاشتى.
بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ،بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ قانداق ۋاقىتتا ئەركىنلىكنىڭ تەبىئىي ھالدا مەسئۇلىيەتكە ئايلىنىدانلىقىنى بىلگەنلىكىدىن،ئىنتايىنى خۇشال بولدۇم ، ئەگەر ھەممە ئادەم نىمىنىڭ ئەركىنىلىك ، نىمىنىڭ مەسئۇلىيەت ،مەسئۇلىيەت بىلەن ئەركىنلىكنىڭ قانداق ۋاقىتتا بىر- بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى -ھە !         

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
36
تۆھپە
13
UID
2570
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 14:12:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانى مۇھەببەت  ئىنسان تەبىيتىنىڭ  ماھىيتى .   شۇنداق بولغان  ئىكەن   ئىنساندا   ئىنساننى سۈيۈشتىن  ئىبارەت  بۇ بىرلا  ئۇلۇغۋار  روھ بولسلا  ،  ھەقىقەتنەڭ  چەكلىمىلىگى  ئاستىدىكى  ھەقىقى  ئەركىنلىك روياپقا چىقىدۇ  ،  بۇنىڭ  بىلەن كىشىلىك  ھايات  ئىنتايىن  سۈيۈنىشلىك  مەنزىرە  بىلەن  تۇلۇپ  ،  ‹ مەن ئادەم ! ›   ھەقىقى ئادەم  بولغان بۇلىدۇ  .
  مىھىر-مۇىەببەتلىك  ،  پاكىز  ئىتىقاتلىق   ئەنە شۇنداق  بىر قەۋىمنىڭ ئەزاسى بولغىنىمدىن تۇلىمۇ  سۈيۈندىم   .
  ‹ ئادەملەر قېنى  سىلەر  ؟! › ...


Rank: 1

تىللا
36
تۆھپە
13
UID
2570
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 14:24:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىنسانى  مۇھەببەت   ئىنسان  تەبىيتىنىڭ  ماھىيتى  .  ئىنساندا  ئىنساننى  سۈيۈشتىن  ئىبارەت  بىرلا  ئۇلۇغۋار  روھ  بولسىلا   ، ھەقىقەتنەڭ  چەكلىمىلىگى ئاستىدىكى  ھەقىقى  ئىنسانى  ئەركىنلىك  ئىنسانغا  بەخىش  ئتىلىدۇ   .  بۇنىڭ  بىلەن   ‹‹مەن   ئادەم ! ››   ھەقىقى  ئادەملىك  ھۇزۇرىنى  سۈرەلەيدۇ  .   كىشىلىك تۇرمۇش  ئەركىنلىك  نۇرلىرى  بىلەن  ئىنتايىن  پاكىز  گۈزەللىككە  ،  شاتلىققا  ،  ئاسايىشلىققا  تۇلىدۇ .
   مەن  مىھىر-مۇھەببەتلىك  ،  پاكىز  ئىتىقاتلىق  بىر  قەۋىمنىڭ  ئەزاسى  بولغىنىمدىن  تۇلىمۇ  ئىپتىخارلاندىم .  


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1451
تۆھپە
1051
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 21:34:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

تىللا
36
تۆھپە
13
UID
2570
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 14:10:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شۇنداق  ياخشى  تىمىغا  ئىنكاسمۇ  يوققۇ


بارمۇ مىكروبىلوگى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 13:20, Processed in 0.086577 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991