كۆرۈش: 20944|ئىنكاس: 4

كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2718
تۆھپە
1484
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 23:50:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، خەلق ئارىسىدا<<بىر كەپتەرنىڭ گۆشى توققۇز توخۇنىڭ گۆشىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ>> دەيدىغان گەپ بار.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كەپتەر گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىن
A،ۋىتامىنE،Bگۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار،پانتوتېنىك كىسلاتا، شۇنىڭدەك كالتىسىي،تۆمۈر،مىس قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.
كەپتەر گۆشى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار، ئوپراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار ۋە قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.
خەلق ئارىسىدا كەپتەر گۆشىگە باشقا دورىلارنى سەپلەپ باش قېيىش كېسىلى، ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدىغان رېستېپلار بار. ئاياللار دائىم كەپتەر گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىنسىي ھەۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.كەپتەر گۆشى چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش ۋە ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىش قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
كەپتەرگۆشى ئاسان ھەزىم بولىدۇ،بەدەن قۇۋۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يەلنى ھەيدەپ،زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەلدىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كېتىش، قان زەئىپلىشىشتىن ھەيز توختاپ قېلىش، باش قېيىش، روھىي جەھەتتە چارچاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چىكىنىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، داۋالاش رولى بار.
كەپتەر باچكىسىنىڭ گۆشى بەدەندە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تىزلىتىدۇ. ئاشقازان ياللۇقى ۋە ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.
كەپتەرنىڭ قېنى ئوپراتسىيە جاراھىتىنى تىز ساقايتىدۇ، كەپتەر باچكىسىنىڭ سۆڭىكى تېرىنى ئاق، يۇمشاق قىلىدۇ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ، مەڭزىنى قىزىل قىلىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
كەپتەر گۆشى ياشانغانلار، تېنى ئاجىز، ئاغرىقچان كىشىلەر، ئوپراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار، ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلار نىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەپتەر گۆشىنى ھوردا دۈملەپ، شورپا قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئادەتتە كەپتەرنىڭ باچكىسىنىڭ دورىلىق رولى ئالاھىدە يۇقۇرى بولىدۇ.

مەنبە: 80 خالتا تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1401
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 17:30:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتۇ يېمىگىلى ، پۇرسەت بولۇپ قالار .


Rank: 4

تىللا
275
تۆھپە
104
UID
3126
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 18:28:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  كەپتەر ئسسق  باچكۇ  سوغۇقمكن  دەيمەن


Rank: 4

تىللا
479
تۆھپە
119
UID
3753
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 15:00:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپتەر گۈشى ۋە باجكا گۈشى ھەممىسى ئسسىك بولىدۇ


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
3
UID
18439
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 18:13:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە نورمال كىشىلەر بەك كۆپ ئستىمال قىلمىسىمۇ بولىدۇ-مىنىڭچە!موھىمى مىجەزىگە قاراش كىرەك!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:30, Processed in 0.072964 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991