كۆرۈش: 7089|ئىنكاس: 2

بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2718
تۆھپە
1484
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 22:19:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

بەسەي تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2،ۋىتامىنC،ۋىتامىنE،كالتىسىي، فوسفور،تۆمۈر،سىنىك قاتارلىقلار بار.
بەسەي تەركىبىدىكى كالتىسىي ۋە ۋىتامىن
C نىڭ مىقدارى نەشپۈت ۋە ئالمىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى، سىنىكنىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئارسىدا بارماق بىلەن سانىغىدەكلا بولۇپلا قالماي، ھەتتا گۆش ۋە تۇخۇمنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.
بەسەينىڭ بەدەندىكى زەھەر(توكسىننى تازىلاش)، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ،يۆتەل، كىكىردەك ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا: بېلىق ئىسسىق پەيدا قىلىدۇ، گۆش بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، بەسەي،دۇفۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ دىگەن گەپ بار.
بەسەي سېرىق قوڭۇر داغ، قېرىلىق دېغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. بەسەي بىئاراملىقنى تۈگىتىپ، جىددىيلەشكەن نېرۋىنى تەڭشەيدۇ، شۇڭا ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا كۆپرەك بەسەي ئىستېمال قىلىپ بېرىش پايدىلىق. بەسەي ئۈچەينى سىلىقلاپ.زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ھايۋانات ئاقسىلىنى شۈمۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بەسەي سۈت بېزى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئانىلىق ھورمۇنىنى پارچىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ئاياللار ھەركۈنى بەسەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ھورمۇن تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار، جوڭگۇ ۋە ياپۇنىيە ئاياللىرىنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ غەرىب ئاياللىرىغا قارىغاندا تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب. ئۇلارنىڭ ھەمىشە بەسەي ئىستېمال قىلىدىغانلىقدىن ئىبارەت ئىكەنلىكنى بايقىغان.
دائىم بەسەي ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ناھايىتى ياخشى تېرە ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بەسەي توغرىغاندا، بويىغا توغراش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندا بەسەي ئوڭاي پىشىدۇ.
دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق زەھىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەسەينى چۇقۇم پاكىز يۇيۇۋىتىپ ئىستېمال قىلىش لازىم؛تاماق ئېتىشتە بەسەينى دۈملەپ پىشۇرۇش ئۇسۇلى مۇۋاپىق ئەمەس؛ بەسەي قورۇمىسىنى مىس قازان-قومۇچتا قورۇماسلىق ۋە ساقلىماسلىق لازىم.
بەسەينى قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۋەتسە،ھەم ۋىتامىن
Cنى ساقلاپ قالغىلى، ھەم بەسەينىڭ تەمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەسەيدىن سوغۇق سەي تەييارلاشتا، ئالدى بىلەن بەسەينى قايناق سۇغا بېسىۋىتىپ، ئاندىن ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيسا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوغداپ قالغىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بەسەيدىكى كېسەللىك باكتېرىيىلەرنىمۇ ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.
توڭلاپ قالغان بەسەينى ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇيماسلىق، ئۇنى سوغۇق سۇغا بىر سائەت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ، توڭى ئېرىگەندىن كېيىن ئاندىن پاكىز يۇيۇپ توغراش كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭدىن كۆكتات شورپىسى تەييارلىماقچى بولغاندا، شورپا قاينىغاندا ئاندىن بەسەينى سىلىش كېرەك؛ ئەگەر ئۇنى قورۇپ ئىستېمال قىلماقچى بولغاندا، كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا ۋىتامىن
C نىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىقىلى بولىدۇ. تەمىمۇ ياخشىراق بولىدۇ.
بەسەيدىن جۇۋاۋا، مانتائېتىدىغان چاغدا، بەسەي قىيمىسىنى بەك سىقىۋەتمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلىش ئىلمىي ئەمەس،چۈنكى ۋىتامىن
C كۆپىنچە بەسەينىڭ شىرنىسىدا بولىدۇ، بەسەي شىنىسى پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرۋېتىلسە، بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقىلىپ كېتىدۇ.
سېسىپ قالغان بەسەينى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. بەسەينى قورۇغاندىن كېيىن شۇئان ئىستېمال قىلىش لازىم؛ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن بىركىچە تۇرۇپ قالغان بەسەينى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك؛ تۇزغا چىلانغان بەسەينى ئوبدان پىشقىچە چىلاش، تۇزدىن ئىلىپ پاكىز يۇيۇپ تۇزنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن قورۇپ ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، يېڭى بەسەي تەركىبىدە كۆپ مىقداردا باكتېرىيىسىز نىترات كسلاتا تۇزى بولىدۇ، بىر كىچە تۇرۇپ قالغان پىشقان بەسەي ياكى تۇزغا ئوبدان چىلانمىغان بەسەي تەركىبىدىكى نىترات كسلاتا تۇزى باكتېرىيىنىڭ تەسىرىدە ئوكسىدسىزلىنىپ نىترىت كىسلاتا تۇزىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر بەسەي ئىستېمال قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى لازىم، بەسەي ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، ئۇنىڭدىن تەييارلانغان سوغۇق سەينى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم،تېنى ئاجىز بەدىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر بەسەينى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

مەنبە: 80 خالتا تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
5
UID
2661
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 12:41:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان سىز ئۇستا ئاشپەز ، تېۋىپ بوپ قاپسىزمۇ نېمە؟


Rank: 4

تىللا
414
تۆھپە
122
UID
4364
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 21:00:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېسىۋىلەكنىڭ يەنە دانىخورەكنىمۇ داۋالاش رولى بار دەپ ئاڭلىغان ئىدىم !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:28, Processed in 0.072304 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991