كۆرۈش: 26894|ئىنكاس: 16

ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا نېمىشقا سوۋېت ئىتتىپاقىغا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
171
تۆھپە
68
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 16:14:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە ياپونىيە نېمىشقا سوۋېت ئىتتىپاقىغا

يىراق شەرقتىن ھۇجۇم قىلمىغان؟


20116291932169715.jpg


     نۇرغۇن تورداشلار بەزىدە ،2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ھىتلېر باشچىلىقىدىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى شۇنداق كۈچلۈك تۇرسا ، ياپونىيە نېمىشقا يىراق شەرقتىن گېرمانىيەگە ماسلىشىپ سوۋېتنى يېۋەتمىگەن دەپ سورىشى مۇمكىن. ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسى بويىچە قارىغاندا ،بەزى ئۇرۇش تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە شۇنداق قىلسا ئەڭ ئاقىلانىلىك بولۇپ ھېسابلىناتتى،  دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ياپونىيە ئاجايىپ زور زىيانلارنى تارتىپ كېيىن 2-دۇنيا ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
      خوش گېپىمىزگە كېلەيلى، ھەقىقەتەنمۇ ياپونىيە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چىشىغا تېگىپ باققان، لېكىن بۇرنىغا يەپ شۈكلەپ كەتكەن؛ قانداق شۈكلەپ كەتكەن، تارىختىكى<<نومېنكان ئۇرۇشى>>سەۋەبىدىن.
     نومېنكان ئۇرۇشى ئېغىزغا چىقىپ قالدى، ئەمدى ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ باقايلى؛ نومېنكان ئۇرۇشى 1939-يىلى 5-ئايدا ياپون بىلەن سوۋېت ئارىسىدا يۈز بەرگەن. سىياسى، ۋە جوغراپىيەلىك سەۋەبىدىن 1904-يىللىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا ياپونىيە-سوۋېت(چار روسىيە دەۋرى) ئارىسىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش پارتىلايدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ياپونىيە غەلىبە قىلىدۇ. 1931-يىللىرى ياپونىيە كانتون ئارمىيەسى 18-سىنتەبىر ۋەقەسىنى تۇغدۇرۇپ جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىنى يۇتۇۋالىدۇ. ئارقىدىنلا قورچاق مانجۇرىيە ھاكىمىيىتىنى تىكلەيدۇ. ئەمما (1921-يىللىرى) سوۋېتنىڭ كونتروللىقىدا قۇرۇلغان تاشقى مۇڭغۇلىيە ياپونىيەنىڭ كونتروللىقىدىكى قورچاق مانجۇرىيە بىلەن چىگىرلىنىدىغان بولغاچقا مۇشۇ رايونلاردا ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئارىسىدا يەنىلا چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدا ئىختىلاپلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ياپونىيە يەنە جىم تۇرالماي قالىدۇ-دە، تارىختىكى چىگرا مەسىلىرىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ شۇۇنداقلا تاشقى مۇڭغۇليە بىلەن سوۋېتنىڭ ھەربىي كۈچىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە 1935-يىلىدىن 1938-يىللىرىغىچە كۆپ قېتىم ئۆز ئارا توقىنىشىدۇ، ئۇرۇش كۆلىمىمۇ چوڭىيىدۇ. ئۇزاققا قالماي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىشىدۇ.
      1939-يىلى 5-ئاينىڭ4-كۈنى يەنە شۇ بۇرۇنقى تالاش تارتىشلارنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيانى زىل-زىلگە سالغان نومېنكان ئۇرۇشى پارتىلايدۇ. 4ئايغا سوزۇلغان تۇنجى قېتىملىق نومېنكان ئۇرۇشىدا سوۋېتتىن57000كىشى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ بۇلاردىن 7000كىشى ئۆلىدۇ،1000كىشى يوقاپ كېتىدۇ،16000كىشى يارىلىنىدۇ. ياپونيە تەرەپتىن بولسا 58925 كىشى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، 7696 كىشى ئۆلىدۇ،8647 كىشى يارلىنىدۇ،1021كىشىنىڭ ئىزدېرىكى بولمايدۇ.ياپونىيە تەرەپتىن ئۇرۇشتىن كېيىن 400كىشى ساق قالغان. مەزكۇر ئۇرۇش ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىق روھىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە ئىمپىرىيىسى كېڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتىنى<< شىمالغا يۈرۈش قىلىشتىن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشقا>> ئۆزگەرتكەن. شۇنداقلا نومېنكان ئۇرۇشىدىن كېين سوۋېت ئارمىيەسىگە نىسبەتەن بىر خىل قورقۇنچ پىسخكىسى ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى چىرمىۋالغان.
       قىسقىسى، ياپونىيە ئاسان يېۋەتكىلى بولمايدىغان لوق گۆش‹‹سوۋېت ئىتتىپاقى››دىن قورققان.2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدا  ھىتلېر كۆپ قېتىم ياپونىيە تەرەپكە يىراق شەرقتىن سوۋېتقا ھۇجۇم قىلىشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ياپونىيە بۇنىڭغا ئىتىبار بەرمىگەن. چۈنكى ياپونىيە كۈچلۈك دۆلەتكە تىگىش قىلىپ زىيان تارتقاندىن كۆرە ،  كۈچى يېتىدىغان ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ئۇششاق دۆلەتلەرگە تىگىش قىلىشنى ئەۋزەل كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن تارىختىكى نومېنكان ئۇرۇشى 2-جاھان ئۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا(جاھانگىرلارنىڭ يېڭىلىشىگە) بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹ھازىر كىشىلەر تەرپىدىن سەل ئۇنتۇلۇپ قالغان›› مۇھىم ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
      بەزى سىياسەتچىلەر ھەم تەھلىلچىلەر دەيدۇكى، ياپونىيە ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ھېچقانداق دۆلەتكە يۇقۇلماي پۈتۈن كۈچىنى شەرقتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىپ گېرمانىيەگە ماسلاشقان بولسا 2-جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋېتىنى مۆلچەرلەش خېلى قېيىنغا توختايتى. جاھانگىرلارنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇشىنى تىلغا ئېلىش بالدۇرلۇق قىلاتتى.
     دېمەك نومېنكان ئۇرۇشىنىڭ ئاسارىتى ياپونىيەنىڭ 2-جاھان ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۇقۇلالماسلىقىدىكى تۈپكى سەۋەب.


بۇ ماقالە پەقەت تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە تەۋە، قالايمىقان كۆچۈرمەڭ.
تەرجىمە مەنبەسى:http://baike.baidu.com/view/346399.htm

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2950
تۆھپە
840
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 03:49:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاڭلىمىغان تارخى ۋەقەدىن بىرنى بىلىۋالدىم رەھمەت.
نىمىشقا بۇ سۇرەتلەرنىمۇ قوشۇپ قويمىغانسىز.







http://club.kdnet.net/dispbbs.as ... e=1&1=1#3054109




Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 12:08:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى ماتېرياللاركەن.


سەكرا

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 12:46:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدۈك، رەھمەت ئەردەۋىلجان!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
855
تۆھپە
585
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 14:48:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلىۋالدۇق رەھمەت!!!!


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 16:05:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
99.jpg

   خەرىتەگە خېلى جىق قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Barcelona تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-16 16:14  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 16:35:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«خەرىتە» لەقىمى سىڭىپ قالمىغاي يەنە!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 4

تىللا
334
تۆھپە
103
UID
4364
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 17:59:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ باقمىغان خەۋەركەن بۇنىمۇبىلىۋالدۇق رەخمەت سىزگە ئەردەۋىلجان !


Rank: 6Rank: 6

تىللا
697
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 20:59:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىسىل تەرجىمە ئەسەرلىڭىز ئۇزۇلمىگەي ،،،!!!!!!!!!!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 16:07:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭزغا تەشەككۈر! تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 11:56, Processed in 0.083557 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991