ئىنكاسنى ئۆز ئىگىسىگە يېزىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش ئەزالار ياخشىمۇسىلەر ، مەن يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئىنكاس يازغاندا ئومۇميۈزلۈك خاتالىشىۋاتقان بىر تەرىپىنى بايقىدىم ، يەنى تېمىنىڭ ئۆزىگە ئىنكاس يېزىش بىلەن شۇ تېمىدا ئىنكاس يازغان ئەزاغا ئىنكاس يېزىشنى پەرقلەندۈرەلمەيۋاتقان ئەزالىرىمىز خېلى بار ئىكەن شۇڭا بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتمەكچى . بۇنداق بولغاندا مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدىكەن . بۇنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتى مۇنداق :
ئالدى بىلەن بىز ئەزالىق ئىسمىمىز بويىچە تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن ، مەلۇم بىر تېمىنى چېكىپ ئاچساق شۇ تېمىنىڭ ئاستىدا << ئىنكاس يېزىش >> كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ . بىز شۇ تېمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ تېمىنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاس يېزىش كۆزنىكىگە ئىنكاس يازساق بىز بىر پۈتۈن تېمىغا ئىنكاس يازغان بولىمىز . بۇنى ھەممە ئەزالىرىمىز ياخشى بىلىدۇ ، بىراق ئەزالارنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشتا بەزى ئەزالىرىمىز تازا بىلىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ . مەسلەن : ئەركمان ئەپەندى بىر تېما يازدى ، مەن ئەركمان ئەپەندىنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس قايتۇردۇم ، ئارقىدىن شەھلا خانىم كىرىپ ئەركمان ئەپەندىنىڭ تېمىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاستىدىكى مېنىڭ ئىنكاسىمنى كۆردى . شەھلا خانىمنىڭ ئەركمان ئەپەندىگە ھەم ماڭا ئىنكاس قايتۇرغۇسى بار ، دەل شۇ ۋاقىتتا
شەھلا خانىم بەتنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ئىنكاس يېزىش كۆزنىكىگە ئىنكاس يازسا ئۇ ئەركمان ئەپەندىنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يازغان بولىدۇ . ئەمدى مېنىڭ ئىنكاسىمغا ئىنكاس يازماقچى بولسا ، مېنىڭ يازغان ئىنكاسىمنىڭ ئاستىدىلا << ئىنكاس >> دېگەن خەت بار ، ئادەتتە ھەر بىر تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاستىدا << ئىنكاس >> دېگەن خەت بولىدۇ . شەھلا مېنىڭ ئىنكاسىمنىڭ ئاستىدىكى << ئىنكاس >> دېگەن خەتنى چەكسە ئايرىم كۆزنەك ئېچىلىدۇ ، شەھلا شۇ يەرگە ئىنكاس يازسا ئۇ ئەركمان ئەپەندىگە ئەسكەرتىش ھالىتىدە كەلمەستىن بەلكى ماڭا ئەسكەرتىش بولۇپ كۆرۈلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم ئەزالىرىمىز باش سۈرەت ئالماشتۇرۇشتا قىينىلىپ قاپتۇ ، باش سۈرەت ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتىمۇ ناھايىتى ئاسان ، يەنى سىز مۇنبەرگە ئەزالىق ھالىتىدە تىزىملاتقاندىن كېيىن ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەزالىق ئىسمىڭىزنى ياكى سېستىما تەمىنلىگەن باش سۈرىتىڭىزنى چەكسىڭىز كۆزنەك ئالمىشىدۇ . بۇ چاغدا يېڭى بەتنىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمىغا جايلاشقان ئۆزىڭىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز ۋە ئاستىدىكى تەھرىرلەش دېگەن خەتنى كۆرەلەيسىز . شۇ تەھرىرلەش دېگەن خەتنى چېكىپ كومپىيۇتېردا ساقلىغان خالىغان سۈرەتنى باش سۈرىتىڭىز قىلسىڭىز بولىدۇ .
ئەگەردە ئىنكاس يېزىش ياكى باش سۈرەت ئۆزگەرتىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلار بولسا مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلار مەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويىمەن .