شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پسىخىك مەسلىھەتچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان كۇرسانتلارنى تەربىيىلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنستىتۇتى 2011-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ (2011) 297-نومۇرلۇق تەستىقى بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك پسىخىك مەسلىھەتچىلىرىنى تەربىيىلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ مەركەز ئىنستىتۇتىمىز پىسخولوگىيە كافېدىراسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئاساسىدا 2011-يىلى 9- ئايدا 《شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنستىتۇتى پسىخىك مەسلىھەتچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى》 نى قۇرۇپ چىقتى.
مەركىزىمىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيۋى سىياسى خىزمەت سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈش، پسىخىك ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە پىسخىكىلىق مەسلىھەتنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تايانچلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنىستىتۇتىمىز 2011-يىلى 12-ئايدا، خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان كۇرسانتلارنى تەربىيىلەش خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە سىنىپلىرىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.
بىرىنچى تەربىيىلەش نىشانى
كۇرسانتلارنى تەربىيىلەش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك 3-دەرىجىلىك پسىخىك مەسلىھەتچى كەسپى سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنستىتۇتى پىسخولوگىيە كافېدراسى 1986-يىلى قورۇلغان 《شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزم-لېنىنىزم ئوقۇتۇش بۆلىمى پىسخولوگىيە كافېدراسى》 ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ 《211》 قورۇلۇش مەكتىپىنىڭ كافېدرالىرىدىن بىرى. بۇ كافېدرادا ئۇزۇن يىللىق پىسخولوگىيە ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات، شۇنداقلا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بار بولۇپ، ئەمەلىي ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە سەرخىل ئوقۇتقۇچىلار بار.
ئۈچىنچى تەربىيىلەش ئوبىيېكتى
پىلان بويىچە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى سىنىپ ئېچىلىدۇ. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيە شەھەرلەردە تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانى 30 دىن ئاشقان بولسا، شۇ جايدا ئىشتىن سىرتقى ياكى خىزمەتتىن ئايرىلىپ 2 ئاي ئوقۇيدىغان سىنىپ تەسىس قىلىنىپ، بىر تۇتاش تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تۆتىنچى ئۆتىلىدىغان دەرسلەر ۋە ماتېرىيال
دەرسلىك تۈرى: نەزەرىيە بىلىملىرى، كەسپىي ئىقتىدار، پراكتىكا ۋە مانېۋېر سوئاللىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. نەزەرىيە بىلىملىرى: ئاساسى پىسخولوگىيە، ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە، تەرەققىيات پسىخولوگىيىسى، مەسلىھەت پسىخولوگىيىسى، پىسخىكىلىق سىناق ئىلمى، غەيرىيلىك ۋە ساغلاملىق پىسخىكىلىق، كەسپىي ئەخلاق قاتارلىق نەزىرىيىسى دەرسلەرنى، كوللېكتىپ مەسلىھەت بېرىش شۇنداقلا ئەمەلىي مەشغۇلات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ماھارەت تېخنىكىسى دەرسلىرى: پىسخىكىلىق دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش تېخنىكىسى، پىسخىكىلىق سىناق تېخنىكىسى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي تەكرار، مانېۋېر سوئاللىرىنى ئىشلەش ۋە ئىمتىھاندىن بۇرۇن يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دۆلەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن 《پسىخىك مەسلىھەتچى ئاساسى بىلىملىرى》،《پسىخىك مەسلىھەتچى 3-دەرىجىلىك》،《تەكرارلاش سوئاللار توپلىمى》 قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىيىتىنى بېكىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىك ئىشلىتىلىدۇ.
بەشىنچى تەربىيىلەش ۋاقتى
تەربىيىلەش ۋاقتى: 2012-يىلى1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2012-يىلى3-ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە. ھەر يىلى 5-ئاي ۋە 11-ئايدا دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.
ئالتىنچى ئۆتىلىدىغان دەرس سائىتى دەرس سائىتى: 320سائەت.
يەتتىنچى تەربىيىلەش ھەققى ۋە گۇۋاھنامە
تەربىيىلەش ھەققى: 2000 يۈەن\ئادەم ؛ ماتېرىيال ھەققى: 237يۈەن؛ باھالاش ئىمتىھان ھەققى: ئۈچىنچى دەرىجىلىك 339يۈەن. تىزىملىتىش ھەققى: 100يۈەن. تاماق، ياتاق بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، خىراجەتنى شەخىس ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
كۇرسانتلار ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنستىتۇتى پسىخىك مەسلىھەتچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى تەرىپىدىن ئوقۇشنى تاماملانغانلىق گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ. دۆلەتلىك پسىخىك مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى باھالاپ بېكىتىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار دۆلەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 《دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك پسىخىك مەسلىھەتچى كەسپى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى》 تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
سەككىزىنچى تىزىملىتىشتا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
1. تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا ئىككى نۇسخا جەدۋەل (A4 فورماتلىق) تولدۇرۇلىدۇ؛ كىملىكنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسى، ئوقۇش تارىخى گوۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسى، كەسپىي ئۇنۋان گوۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسى، يېقىندا چۈشكەن يالاڭ باش، ئارقا كۆرۈنىشى ئاق رەڭلىك بولغان ئىككى سۇڭلۇق رەسىمدىن 4تال بىرگە تاپشۇرۇلىدۇ.
2. تىزىملىتىش ۋاقتى: ھازىردىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، يىل بويى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.
3 . تىزىملىتىش ئورنى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنستىتۇتى پسىخىك مەسلىھەتچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى(11- ئوقۇتۇش بىناسى1-قەۋەتتە)
4.ئالاقىلەشكۈچى: ئاسىيە ھېكىم مۇئەللىم 13369912191
ئىشخانا نومۇرى: 8583228 ، 8582175 – 0991
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پسىخىك مەسلىھەتچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگئەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-9 21:49