رۇبائىي ۋە پارچىلار
تۇردى ئىسرائىل
1
جاھاندىن ئارمانسىز كېتەر ھەر كىشى ،
بار بولسا بۇردا نان ، ئىناق دىلكىشى.(1)
ۋاپادىن نۇر ئېمىپ ئۆتەر شەمشادتەك ،
زوغۇيغا باش ئەگمەي يازۇ ھەم قىشى.
2
ئۆمۈرنىڭ كۈلكىسى بار، رىيازىتىمۇ ھەم،
ئۆملۈكتىن نۇر ئېمىپ بولايلى ھەمدەم .
ئازغۇنلار چىشىنى چېقىپ كۈل قىلىپ،
ئىناقلىق بېغىدا يايرايلى ھەر دەم.
3
بۇ ھايات شاھماتكەن، شاھمەن بەزىدە،
گاھ پىشكام ئەركىلەپ ماتمەن بەزىدە .
ئەل-ئاۋام نەزىرىدىن چۈشتۈم خەس كەبى،
تاماخور بۇ نەپسىم چاپقاچ چەللىدە.
4
ياشلىقتا ئەجىردىن قىلغۇلۇق كۆرەك،
ئىجاد قىل ، يولۇڭدىن يانما دەر يۈرەك.
ئەتىنىڭ ئۇلىنى مەزمۇت قۇرغانلار ،
ئېچىلىپ ئەبەدىي سۇلماس گۈل –چېچەك.
5
غادايغان پىلەكتۇر مېۋىسىز باراڭ،
بۇ بىر ھەقىقەت ، ئەقەللىي پاراڭ.
قانچىلار كەتتى ئاھ ! ئۆچمەس ئىزلىرى،
ئابىدە تىكلىدى ، ئۇپۇققا قاراڭ.
6
تېمىمدىن ئېرىقلار، دەريالار ھاسىل ،
دەريادىن لەڭ ئۇرغان دېڭىزلار ھاسىل.
ئۆملۈكتىن قوللارنى تۇتۇشساق مەھكەم،
شۇندىلا توزىماس گۈلزارلار ھاسىل.
7
ئىنسانعا تۆت كۈنلۈك بۇ پانىي ئالەم،
ئىجاد ھەم مېھنەتتىن ياشنايدۇ ئادەم.
ئەجرىڭدىن زەر سۇنساڭ ئاۋامغا ھەر ئان ،
يادلاپ ئەل ئەبەدكە ، بولارسەن ھاتەم.
8
مەي ئىچسەم ئۆملۈكنى قىلىمەن ئۈلپەت،
تارتمايمەن مەن شۇڭا رىيازەت-كۈلپەت.
ئىناقلىق جامىدا كۆتۈرۈلگەن مەي،
ئىناقلىق باغلىرىن قىلدۇرار زىيارەت.
9
مەي ئىچسەم قەدەھنى بىلىمەن سايرام،
شۇل مەينى ئاھ خەلقىم، تۇتقان دىل پارەم.
بارلىقىم ئەل ئۈچۈن ،كىرىمەن ئوتقا،
ئاۋامنىڭ خۇشلۇقى ماڭا ھېيت-بايرام.
10
جاھاندىن ئارمانسىز كېتەر ھەر كىشى،
مەنىگە تويۇنسا قىلغان ھەر ئىشى.
كەتسىمۇ گەر ئۆزى ، ئەسلەپ قالار ئەل،
تۆھپىدە، ھۆرمەتتە يوقتۇر تەڭدىشى.
ئىزاھات:((1) بۇ مىسرا ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن
بۈگۈر ناھىيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپىدىن :تۇردى ئىسرائىل
2010-يىل 10-ئاۋغۇست .بۈگۈر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-3 19:09