كۆرۈش: 12291|ئىنكاس: 7

بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلسا بولامدۇ ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
3498
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 21:35:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ؟
مەن كۆپچىلىكتىن مۇنداق بىر ئىشنى سورىماقچى ئىدىم، يەنى تۇرانىم ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى تۈركيە كۆپ قىسىملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى kurtlar vadisi pusu ئۇيغۇرچ خەتلىك قىلىپ مۇشۇ فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكچى بوپتۇ، كۆپچىلىكتىن شۇنى سوراپ باقسام بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلسا بولامدۇ ؟ ئەگەر تەرجىمە قىلىشقا بولمىسا ئېغىر كۆرمەي سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار .

باشقۇرغۇچىلار ئېغىر كۆرمەي بۇ تېمىنى تەستىقلاپ قويغان بولساڭلار، چۈنكى بۇ ئىش بەك مۇھىم ئىدى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياتلاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-26 21:36  


بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2260
تۆھپە
891
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 10:48:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مېنىڭچە چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك. بۇ kurtlar vadisi pusu فىلىمنى كۆرۈش جەريانىداگەپ - سۆزلەرنى %70 چۈشىنىپ ئۇقۇپ كۆرۋاتىمەن. يەنە بەزى سۆزلەرنى ۋە گەپلەرنى تازا ئۇقالمىدىم. ماڭا دەپ بېرىدىغان بىرەرسى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. مۇشۇنداق تۈرۈكچە كىنولارنىڭ باھانىسىدا ئانچە - مۇنچە تۈرۈكچە ئۆگىنىۋالساق، ھىچ بولمىغاندا ئاڭلاپ تولۇق چۈشىنەلەيدىغان بولساق ياخشى ئەمەسمۇ. بۇ ئويۇڭلارنى مەن تولۇق قوللايمەن. بولسا شۇنداق بىر قىلساڭلار.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
632
تۆھپە
322
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 11:39:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئاپتونوم رايونلۇق كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە مەركىزىدىن سوراپ باقسىڭىز بەلكىم ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشەلەيسىز. چۈنكى مەلۇم شەخىس ياكى ئورۇن ئۆز ئالدىغا روخسەتسىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتسا قانۇنسىز نەشىر بويۇمى سۈپىتىدە قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. بىزگە پايدىلىق بولسا ھۆكۈمەت چوقۇم بۇنى ئويلىشىدۇ، ئۇچاققىچە سىز يەنىلا توردا بەھۇزۇر توسالغۇسىز كۆرگەچ تۇرۇڭ!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 12:55:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىن تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش ئىجازىتى ئالماي تەرجىمە قىلىنسا قانداق بولار؟ تۈركىيە تەرەپ بىرنەرسە دېمىگەن تەقدىردىمۇ بىزنىڭ قانۇنلىرىمىزغا چېتىلىپ قالسا بىھۇدە ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقماسمۇ؟ بۇ يىل تۈركىيەنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى يىلى، ناۋادا مەملىكىتىمىز تۈركىيە مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزسە نۇرغۇن ئىشلار ئاسان بولار دەيمەن!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2197
تۆھپە
751
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 13:21:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرىلەر ۋادىسى دېگەن بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.
بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 4

تىللا
393
تۆھپە
74
UID
489
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 13:54:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا يول قويۇلماسلىقتا سەۋەبى بۇ فىلىم تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكنى سىياسىي بىلەن زىچ باغلانغانلىقتا. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا بۇ فىلىم ئۆز دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەشتىن باشقا ئىسلام ئەللىرىدىكى سىياسىي كۈرەش ۋە نازۈك سىياسىي مەسىللەرنى فىلىمغا سۆرەپ كىرگەنلىكتىن جۇڭگو ھۆكۈمتى بۇنىڭغا نسبەتەن سەزگۈر پوزىتسىيدە بولۋاتىدۇ. كورتلار ۋادىسغا ياندىشىپ ئىشلەنگەن‹ كورتلار ۋادىسى- ئىراق›، ‹ كورتلار ۋادىسى_ پەلەستىن› بولسا، دەل تۇركىيدىن سىرت بولغان مۇسۇلمانلار دۆلىتنىڭ سىياسىي كۈرىشنى نامايەن قىلغان. بۇلتۇر ئۇلار2010- يىلى بۇدا ئىشلىمەكچى بولغان قىسمنى ‹ تۇركىستان› دەپ ئېلان قىلغاندىن كىيىن خەنزۇچە تور فىلىم تور بەتلىرى ئومۇميۇزلۈك بۇ فىلىمنى تازلاپ چىقاردى. بۇ قىسمنىڭ ئىشلەنگەن ئىشلەنمىگەنلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئۇچۇر يوق. ناۋادا شۇ فىلىم ئىشلىنىپ تارقىتىلىپلا قالسا بۇ فىلىم جۇڭگودا ئومۇميۇزلۈك چەكلىنىشى مۇمكىن. باشقا قىسىملىرىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
‹كورتلار ۋادىسى- پەلەستىن› دە پولاتنىڭ پەلەستىنگە كىرگەندە، ئىسرائلىيە ئەسكىرىنىڭ: ئىسرائىلىيگە نىمىگە كەلدىڭ دىگەن سوئالىغا : مەن ئىسرائىلىيگە ئەمەس، پەلەستىنگە كەلدىم دەپ بەرگەن جاۋابى تۇركىينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيغا باشقىچە قاراشتا ئىكەنلىكنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1951
تۆھپە
558
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 14:08:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پىكرىمنى دەپ باقاي:
چەت دۆلەتنىڭ كىنوسىنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئەسلى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» ۋە دۆلىتىمىز قاتناشقان «دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى»، «ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش بېرن ئەھدىنامىسى» دە  بەلگىلەنگەن.  ئەگەر نەشر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تەرجىمە قىلىپ تارقاتسا، نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ.

ئىجازەت ئېلىپ تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن تارقىتىش مەسىلىسىمۇ بىر مەسىلە. چۈنكى كىنو قاتارلىق ئۈن-سىن بويۇملىرىنى تارقىتىش ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ئىجازەت ئالىدىغان گەپ. (توردا تارقىتىش ياكى پلاستىنكا قىلىپ تارقىتىش)

ئىجازەت ئالماي، تەرجىمە قىلىۋاتقان، تارقىتىۋاتقان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن، دەۋا-دەستۇر چىقىپ قالسا،   ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز دەپ قالسا، ئاۋارىچىلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 14:18:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2011-12-27 14:08
مەن پىكرىمنى دەپ باقاي:
چەت دۆلەتنىڭ كىنوسىنى تەرجىمە  ...

ئىجازەتنى تېخى مىليونلاپ ئاقچا تۆلىسە ئاندىن بېرىدۇ!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 11:25, Processed in 0.078147 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991