كۆرۈش: 13906|ئىنكاس: 6

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
599
تۆھپە
324
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 11:55:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1.چوقۇم مۇستەقىل خاراكتېر، مۇستەقىل ئىدىيە يېتىلدۈرۈش كېرەك. مۇستەقىل، خاتالىقنى تۈزىتەلەيدىغان خاراكتېرگە ئىگە كىشىلەر ئىزدەنمەيدىغان، توغرا دەپلا مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن: مائارىپنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەڭ.
2.ئاچا يول—رىقابەت كۈچىڭىزنى ئۇرغۇتۇڭ. مەيلى سىز خىزمەت، سودا، ئۆگىنىش بولسۇن، چوقۇم ئۈچ ئاچا يولدىكى مەلۇم بىرسىنى ئېنىق تاللاپ، شۇ خىل تاللىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن ئوخشىمىغان كەسپىي ھاياتىڭىزدا ئۇرغۇپ تۇرغان يادرولۇق رىقابەت كۈچىڭىزنى قانداق قىلىپ ئۇرغۇتۇشنى ئېنىق پىلانلاڭ. پەقەت كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ زادى نېمىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايىسز.
3.كەسىپ ۋە مەكتەپنى ياخشى تاللاڭ. ھەر قانداق بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سىزنى سىز ئوقۇغان مەكتەپ ۋە كەسىپكە ۋەكىل بولالايدۇ، دەپ قارىماسلىقى مۇمكىن. ئۆزىڭىزنى كەسىپنىڭ ياخشى، مەكتىپىڭىزنىڭ داڭلىقلىقىدىن پەخىرلىنىپ گۈلقەقەلىرىڭىز ئېچىلىپ كەتمىسۇن، ھەم شۇنداقلا داڭدار مەكتەپكە، بازارلىق كەسىپكە كىرەلمىدىم، دەپ ئۈمىدسىزلىنىپمۇ يۈرمەڭ.
4.مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن بىر ئېغىز چىپ-چاپ ياخشى. ئون دانە %10 ھەرگىزمۇ %100 كە تەڭ ئەمەس، بەلكى نۆلگە تەڭ. ئەگەر سىزنىڭ ئون تۈرلۈك ئىشىڭىزنىڭ ھەر بىرسىنى %10 نىلا قىلالىسىڭىز، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە سىز بىر يارىماس، خالاس. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزدە چوقۇم كۈچلۈك بولغان رىقابەت كىرىزىسى تۇرغۇزۇشىڭىز كېرەك.
5.مالىيە باشقۇرۇشنىمۇ چوقۇم ئۆگىنىڭ. نامرات ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن، ئالدى بىلەن قىلىدىغىنى ۋە ئويلايدىغىنى پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى پۇل تېجەش. ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بەكلا بەتخەجلىك قىلىدۇ. ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى بىر ئايلىق مائاشى يېرىم ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەشكە يەتمەيدۇ.
6.كومپيۇتېر ئۆگىنىڭ. قىزلارغا نىسبەتەن كومپيۇتېر بولسا سىنقويغۇ، ئوغۇللارغا نىسبەتەن ئويۇنچۇق بوپ قالدى. سىتودېنتلار چوقۇم زۆرۈر بولغان كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك. كومپيۇتېر ئۆگىنىشكە شۇنچە كۆپ پۇرسەتلەر تۇرۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغۇچە Excel دە بىرەر جەدۋەل، Powerpoint دا بىرەر ئورگېنال، Word دا بىرەر بەت ماتېرىيال كىرگۈزۈپ تەھرىرلىيەلمىسىڭىز، بۇ بىر ئېچىنىشلىق ئىش بولمامدۇ ؟
7.قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش، نېمىنى ئۆگىنىش مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك پۇلى بولۇشى شۇ ئادەمنىڭ شۇنچىلىك قىممەت يارىتالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ قانچىلىك پۇلنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىقىنىلا ئىپادە قىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارى بارلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ يىگانە ھالدا قانچىلىك ئىش قىلالايدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە قانچىلىك ئىش قىلالايدىغانلىقىنى بەكرەك تەكىتلەيمىز. سىزنىڭ تاپقان پۇلىڭىزنىڭ %12.5 ى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي بىلىمى ئاساسىدا قولغا كەلگەن بولسا، %87.5 ى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا قولغا كەلگەن بولىدۇ. 30 ياشتىن بۇرۇن كەسىپ ئارقىلىق پۇل تاپسىڭىز، 30 ياشتىن كېيىن باردى-كەلدى، مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق پۇل تاپىسىز. شۇڭا ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدا باشقىلار بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى، قانداق مۇناسىۋەتلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. كىم بىلىدۇ، ھازىر تونۇشقان دوستىڭىز بىر كۈنلەرگە كېلىپ سىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىڭىز بولۇپ قالامدۇ؟
8.توردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. ئىنتىرنېت تورى گەرچە چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما سىز ئۇنىڭغا مەپتۇن بوپ قالسىڭىز، نۇرغۇن زېھنىڭىز، ۋاقتىڭىز، پۇلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.
9.مۇھەببەتلىشىشكە چەك قويۇڭ. ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاشلىۋەتمەڭ.
10.ئاسپرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئويلىشىڭ. ئاسپرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنى ئاكتىپ ئىلگىرىلەشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىۋالماڭ. ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئاسپرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش پاسسىپ شەكىلدىكى قۇتۇلۇش شەكلى، ۋاقىت ۋە پۇل ئىسراپ قىلغانلىق خالاس. شۇڭا پۇرسىتى كېلىپ قالسا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگەنسىڭىزمۇ بولىدۇ.
11.چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا مەستانە بولۇپ كەتمەڭ، شۇنداقلا چەتئەلنى جەننەتتەك ھېس قىلىپمۇ كەتمەڭ. ھازىر چەتئەللىكلەر ھە دېسىلا جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ پۇل تېپىشنى نىيەت قىلىۋاتسا، سىزگىمۇ ھامان قىلغىلى ئىش چىقىدۇ.
12."قوڭۇمدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجانبۈۋى" بولۇپ قالمىسۇن. ئىختىساسلىقلارنى تاللاش بازىرىدىن بەك ئۈمىد كۈتۈپمۇ كەتمەڭ، قورساق ئاچ تۇرۇقلۇق تاماق تاللاش سىزنىڭچە ئاقىلانىلىكمۇ؟ شۇڭا نەزىرىڭىزنى بەك ئۈستۈن قىلىۋالماڭ.
13.خادىم تەكلىپ قىلىدىغان ئورۇنلارغا بېرىدىغان تەرجىمىھالىڭىزدا چوقۇم كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكىڭىز ئەكس ئەتسۇن. تەرجىمىھالىڭىزدا بىرنى سورىسا بىرىگىلا جاۋاب بېرىشكە قارىغاندا، مۇۋاپىق پەيتىنى تېپىپ ئۆزىڭىزنى سەل كۆپتۈرۈپ قويسىڭىزمۇ خېلى ئۈنۈمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
14.كەسىپنى خاتا تاللاش—ئەخلەت بىلەن باراۋەر. شۇڭا سىز خىزمەت ئىزدىگەندە سىزنى ھەقىقىي تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئىشنى قىلىڭ. ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى، نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك. خىزمەت ئىزدەيدىغان ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ ساندىكى ياشلار ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەتراپلىق ئويلانمايدۇ. ئەلۋەتتە ئات تاپقۇچە ئېشەك مىنىپ تۇرغان ياخشى، ئەمما چوقۇم سىزگە ماس كېلىدىغان ئېشەكنى تېپىپ مىنەلىگىنىڭىزدىلا ئاندىن ھەقىقىي تۇلپارغا ئېرىشەلەيسىز. شۇڭا دەيمىز، تۇنجى قېتىملىق خىزمەت ئىشىڭىزغا ئىنتايىن ئېتىبار بېرىڭ.
15.چوڭ شىركەت بىلەن كىچىك شىركەتتىكى ئىش ئوخشىمايدۇ. تاكتىكا جەھەتتىكى مەسىلىلەرگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. چوڭراق شىركەتتە ئۆسۈش-ئۆسمەسلىك سىزنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىڭىزگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خوجايىننىڭ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قانداقراق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىگىمۇ باغلىق. شۇڭا ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئۆزىڭىزنى قوغداشنى، ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.
16."يېتىپ ئۆلگەندىن ئېتىپ ئۆلگەن ياخشى". ئەمەلىي خىزمەتلەر داۋامىدا"يۇمشاقباش"بولۇپ قېلىشتىن، خەق نېمىگە بۇيرىسا شۇنى قىلىشتىن(ئەلۋەتتە ئىشنىڭ خاراكتېرىگە ۋە ئىشنىڭ دەرىجىسى، ئۈنۈمىگە قارايمىز-دە) ساقلىنىڭ. يەنى سىزدە چوقۇم ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان جاسارەت ۋە روھ بولسۇن. ئەگەر سىزدە باشقىلارغا ئىشلەشتىنلا قانائەت تاپىدىغان بىر خىل تۇيغۇ بولسا، مەيلى مۇئاشىڭىز قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىز ھامان باشقىلارغا ئىشلەشتىن ئىبارەت تەقدىردىن قۇتۇلالمايسىز.
17.ئالىي مەكتەپلەردە كۇتۇبخانىلارنى دائىم يوقلاپ تۇرۇڭ. ئۆگىنىشىڭىزنى بوشاشتۇرماڭ-ئىمكان بار كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشىڭ. ھازىر پۇرسەتنىڭ بارىدا بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقۇۋالمىسىڭىز، ئۇ كىتابلارنى ئوقۇشقا مەڭگۈ ۋاقتىڭىز چىقمايدۇ. ئەلۋەتتە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسقېتىپ قېلىشى ناتايىن، ئەمما سىز ئۆگەنگەن مەلۇم بىلىمىڭىزنىڭ بىر كۈنى ئەسقاتماي قالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەمسىز؟ شۇڭا بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ پىشىپ بولغۇچە كىتابلاردىن پايدىلىنىپ كۆرۈۋالغان ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بېلىق تۇتۇش ئۈچۈنمۇ تور ياكى ئىلغا بولمىسا بولمايدۇ.
--------------------------------------------
مەنبە: ئىلقۇت بلوگى
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/41.html
--------------------------------------------
تېخىمۇ نادىر يازمىلار ئىلقۇت بلوگىنىڭ ئەلسۆي تەرجىمە سەھىپىسىدە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-24 22:18  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەلئامان
تىللا
1247
تۆھپە
144
UID
46
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 19:28:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ باقمىساممۇ ئۇشبۇ مەزمۇنلارنى ئۆزۈمدە مۇجەسسەملەشتۈرۈشكە ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
906
تۆھپە
274
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 23:28:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئەھمىيەتلىك بىر يازما بوپتۇ، ئەپسۇس  ئۇلارنىڭ كۆپى مۇنبەرنى  كۆڭۇل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۋالغان  « داڭلىق مۇنبەر» لەردىن چىقمايدۇ، مۇنداق مۇنتىزىم مۇنبەرگە كىرىدىغانلىرى بەكمۇ ئاز.


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
711
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 02:30:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىتەكچىلىك قىممىتى بار تېمىكەن. ناۋادا بولسا ئالى مەكتەپلەر تور-مۇنبەرلىرىگە يوللانسا بولغىدەك.
كەسكىن پۇزىتسىيەدىكى، ئېنىق كۆرسەتمىدىكى ماقالىلارنىڭ قىممىتى-تەسىرى بۇلىدۇ.
مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ شۇنى ئويلاپ قالدىم.
ناۋادا بولمىسا، ھەرقايسى ئالى مەكتپلەر ئوقۇغۇچىلار باشقارمىلىرى ئۇيغۇر تىلىدا تور-مۇنبەر ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەھلىل-تەربىيىلىنىش سەھنە-سورۇنى ھازىرلاپ بەرسە رولى-ئۈنۈمى زور بۇلاتتى.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 15:53:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراق بەزى  دوستلارغا  بۇنداق گەپ  تېتىمايدۇ  ،،،،،،ئالىي  مەكتەپتىكى  ھايات  ھەقىقەتەن  ئۇنتۇلغىسىز  ...بىلىمنىڭ  چوقىسىغا  ئىنتىلدىغان دەۋىردە،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

تىللا
729
تۆھپە
473
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 12:58:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ ئاۋۋال ئېغىر بېسىقلىقنى ۋە سەۋىرچانلىقنى  ئۆگىنىشى  كېرەك...


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1515
تۆھپە
1152
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 04:24:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:01, Processed in 0.080270 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991