ئەي ئۇيغۇرۇم «روژدېستۋا مۇبارەك»
uyghur
دېكابىرنىڭ قار لەيلىگەن سوغۇق ئاخشىمى ،
گۈللەر تۇتۇپ باردى يىگىت لېۋەن يېنىغا.
«ئايىمىدۇر» بۈگۈن ئاڭا كىملەردىن قالغان،
«روژدېستۋا» سىڭىپ كەتكەن ئۇنىڭ قېنىغا.
*
دېدى يىگىت سۇنۇپ گۈللەر پەرىشتىسىگە ،
«روژدېستۋا» بايرىمىڭىز مۇبارەك بولسۇن.
قۇتلۇق قىلغاي ھەر قەدەمدە مەدەتكار بولۇپ،
قىزىل پوسما ھاشىم بوۋام يار يۆلەك بولسۇن.
*
تەسىرلىنىپ قىز يىگىتنىڭ تىلەكلىرىدىن،
شۇڭغىدىغۇ كۈچ كۆرۈنمەس بىلەكلىرىدىن.
«ياۋروپاچە» سۆيۈپ قويدى جانان لېۋىگە ،
ئۇيغۇر دېمەس ئۇنى كىشى قىلىقلىرىدىن.
*
ئەي ئۇيغۇرۇم كەم ئەمەسقۇ بىزدە ھېيت-ئايەم ،
ئۇلۇغ ھېيتتا ئىپتىخارغۇ بارچە قەۋمىمىز.
يەتمىدىمۇ مۇبارەكلەش جانانغا بايرام ،
ئاتا-بوۋام كۆرمىگەننى نېمە قىلىمىز .
*
قوبۇل قىلدۇق بىز غەربنىڭ بارى-يوقىنى،
ھۆل مېۋىسى ئۈستىگە بىز قۇرۇق قېقىنى.
«روژدېستۋا» نېمە بايرام دەپ سورىسا ،
تىرناق تاتلاپ چىقىرامسىز كۆزنىڭ ئېقىنى.
*
شەرەپ ئەمەس قۇبۇل قىلىش قارىغۇلارچە ،
ئىشىك سىرتى دەرىزىدىن مارىغۇلارچە.
ئەسلى كىمتىڭ بۈگۈن كىم سەن تارتىلسا سوراق،
مەڭگۈ ئۇيغۇر دېيەلەمسەن مەردانىلەرچە.
*
ئەي ئۇيغۇرۇم «روژېستۋا مۇبارەك بولسۇن»،
قوش تىرناققا ئېلىپ قويدۇم «توڭلىمىسۇن».
زىلۋا بەدەن، قىسماق كۆزلۈك بەرنا يىگىتلەر،
كۆزۈمدىن يۈت بوۋام روھى قورۇلمىسۇن.
تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن: ئۇيغۇر (uyghur )
2011-يىل12-ئاينىڭ 22-كۈنى