كۆرۈش: 21250|ئىنكاس: 10

تورغا چىققانلار دىققەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مۇھەممەت
تىللا
154
تۆھپە
39
UID
2822
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 20:28:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تورغا چىققانلار ۋە داۋاملىق چىقىۋاتقانلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك روھىي ساغلاملىق


     ئېنتىرنىت تورى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ ، بۇ ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. شۇڭا، بەزى كىشلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا تورغا چىقىشقا بىرىلىپ كېتىپ، نۇرغۇن ۋاقتى بىلەن زىھنى توردىكى قۇرۇق پاراڭلىشىشقا ئىسراپ بولۇپ كىتىپ، ئادەتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچىرىماقتا.تېخمۇ ئاشۇرۇۋىتىدىغانلادا ھەتتا روھىي ھالىتىدىمۇ بەزى توسالغۇلار پەيدابولۇپ، تۇرمۇشتا ھەرخىل نورمالسىزلىق، روھىي توسالغۇ، خاراكىتىر توسالغۇسى، سىمپاتىك نىرۋا ئېقتىدار قىسمى بۇزۇلۇش قاتارلىقلار كۆرۈلمەكتە. بۇخىل كېسەللىك ھالىتىنىڭ ئىكاسى ئالاقە تورى پەيدا قىلغان خۇمارلىق يىغندى كىسەللىك (ئېنگلىزچە قېسقارتىلىپ< دەپ ئاتىلىدۇ) ياكى تور خاراكىتىرلىك روھىي توسالغۇ دەپ ئاتىلىدۇ.
    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىسەلنىڭ قوزغىلش نىسبتى دۆلەت ياكى رايوندىكى تورغا چىققان ئادەم سانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىكەن. دۆلىتىمىزدىمۇ بۇخىل كىسەللىك مەۋجۇت. ھازىر ئۇ كىسەل ئاللىقاچان پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن مىدىتىسنا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كەڭ دىققەت- ئىتىبارىنى قوزغىدى.
بۇ كېسەلگە گېرىپتار بولغانلار دەسلەپكى مەزگىلدە ، ئالدى بىلەن ئاستا- ئاستا تورغا چىققاندىكى تەسىردىن ھوزۇرلىنىدۇ، ئاندىن تورغا چىقىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، روھىي جەھەتتىن تورغا يۆلىنۋىلىشقا راۋاجلىنىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، يېمەك - ئېچمىكى ئازىيىش ، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. كېيىن تەن ۋە فىزىئولوگىيە جەھەتتىن يۆلىنۋىلىشقا راۋاجلىنىپ ، ھەركۈنى ئورنىدىن تۇرغاندا، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش ، تەپەككۇرى ئاجىزلىشىش، قوللىرى تىترەش، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ئېشتىھاسى تۇتۇلۇش پەيدا بولۇپ، پەقەت تورغا چىققاندىلا ئانداىن روھىي ھالىتى ئەسلىگە كېلىپ، نورماللىشىدىغان ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. ئاخرىقى باشقۇچتىكى كسىەل ئالامەتلىرى بولسا، كىسەلدە فىزىئولوگىيلىك ئامىل بىلەن  مۇناسىۋەتىسز بولغان بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكەلش، چىرايى سۇلغۇنلىشىش، تورغا چېقىشنى توختاتسىلا جىددىي خاراكىتىرلىك ۋاقىتلىق ئۇنتۇش يىغىندى كىسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. كىسلى ئىغىر بولغانلار ئۆزىنى قىيناش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش ۋاسىتسىنى قوللىنىش ، باشىقلارغا زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سادىر قىلىدۇ. ستاتىسىتىكا ماتىرىيالغا ئاساسلانغاندا، ئىنتىرنىت تورى پەيداقىلىدىغان خۇمارلىق يىغىندى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يىشى 15 ياشتىن45 ياشقىچە بولۇپ ،ئەرلەر،98.5 پىرسەنتنى، ئاياللار 1.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. 20 ياشىتىن 35 ياشقىچە بولغان بويتاق ئەرلەردە بۇ كىسەل ئەڭ كۆپ بولىدىكەن. بۇ خىل روھىي توسالغۇنىڭ پەيدابولۇش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇ بىئولوگىيىلىك ئامىل بىلەن پىسخكا ئامىلىدىن ئىبارەت ئىككى ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كىسەل تورغا چىقىش ئارقىلىق يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلىنىدىغان كۆڭۈل بۆلۈش، ئىللىقلىق قاتارلىق قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىققانلىقتىن ، چوڭ مىڭە نېرۋىسىدىكى ئاساسىي نېرۋا داۋاملىق ئىنتايىن ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، ئادىرىنالىننىڭ ئاجرىلىىشى نۇرمالىسزلىشىپ ، سىپاتىك نېرۋىنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ. ئادەتتە شۇ كېشدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، خىزمەت كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق، مۇھەببىتى بۇزۇلۇش قاتارلىق ئالدىنقى سەۋەب بولغانلىقتىن ، تورغا چىققۇچى بۇلاردىن قۇتۇلۇشنى ئىزدەپ ، تورغا بىرىلپ كېتىپ، ئەمەلىي تۇرمۇشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ ، تورنىڭ مەۋھۇم بوشلۇقىدا ياشايدۇ.
    ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەلنىڭ خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ قىمار ئويناشقا بىرىلىپ كېتش، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش قاتارلىق يامان ئادەتلەر بىلەن ھىچقانداق
ماھىيەتلىك پەرقى يوق، بولۇپمۇ ۋىگىناتىۋ نېرۋىنىڭ قالايمىقانلىشىشغا سەۋەب بولۇپ، ئىممۇنىتىت ئىقتىدارنىڭ ئاجزىلىشىشىنى، ھەر خىل كىسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ، مەسىلەن: يۈرەك قان تومۇر كىلىسى، ئاشقازان- ئۈچەي نىرۋا فۇنكىسىيسى بۇزۇلۇش كىسىلى، جىددىي خاراكىتىرلىك باش ئاغرىقى، تەشۋىشلىنىش، غەمكىنلىك قاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە كومپىيۇتىر ئىكىرانغا ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ ئولتۇرغانلىقىتن كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ، قاراڭغۇغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
    ھازىر بۇ خىل كېسەلنى داۋالاش تېخى تەتقىق قېلىنىش باسقۇچىدابولۇپ، تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللىنشقا بولىدۇ: ئىنتىرنىت تورنى ئىشلىتىشتە ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكىتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر ئەكس تەسىردىن ساقلىنىپ توردا ئۇلانما لىنيىلىك ئويۇن ئويناشقا، پاراڭلىششقا ئاز قاتىنىشش: ئائىلە ئەزالىرى. دوستلار چوقۇم ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈش، تورغا چىقىش ۋاقتىغا چەك قويۇش، بولۇپمۇ تورغا چىققاندا ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك؛ كۆپرەك سەۋزە، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، ھايۋانات جېگىرى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن Aۋە ئاقسىل ماددسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئېستىمال قېلشقا دىققەت قىلىش لازىم؛  كسىلى بەك ئىغىر بولغانلارنى بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرسىتىپ مۇۋاپىق داۋالىتىش، زۆرۈر بولغاندا پېسخىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىش لازىم.

مەنبە: ساغلاملىق دېگەن كىتابدىن ئېنلىدى .

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2262
تۆھپە
766
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 21:25:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن دىققەت قىلساق بولغىدەك مەنمۇ تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئازايتمىسام بولغىدەك


ئانا- يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
397
تۆھپە
227
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 22:37:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھىم ئەمەس جۇمۇ مېنىڭچە.
      مېنىڭچە ھازىر تورغا چىققاندا ‹‹سىياسىي››غا بەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەكمىكىن دەيمەن جۇمۇ، ما جەمىيىتىمىزدە.  مەنغۇ سىياسىدىن بەك يىراق، قەتئىي ئارىلاشمايمەن.  قورقىمەن....


Rank: 4

ئىسىمى
تۆمۈر قادىرى
تىللا
407
تۆھپە
138
UID
379
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 23:26:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كېيىن تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئازايتمىسام بولمىغۇدەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkadiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-20 23:26  



QQ : 1196015800 ؛    Tel: 18999651544
مائارىپچىلار  مۇنبىرىگە مەرھەمەت!
http://www. maaripqilar.com
http://www. maaripchilar.com

Rank: 8Rank: 8

تىللا
6270
تۆھپە
566
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 00:35:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىمكەن . شۇنداق توردىن مۇۋاپىق پايدىلانساق بولغۇدەك .


يۈرىكىم لوپنۇرغا تەلپۇنمەكتە .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
709
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 10:15:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرسەتمىڭىزگە قايىل بولساق بۇلىدۇ. دىمىسىمۇ قىلىدىغان باشقا ئىشنىڭ ۋاختىنى تارتىپ كىتىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 18:25:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سىياسىي» دېگەن خەتنى ئۇرغان چېغىمىزدا بىز ئاللىقاچان سىياسىيغا چېتىلىپ بولغان بولىمىز، گەپ قانداق سىياسىي ئۈستىدە توختىلىش، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى مۇھىم ئىشلار خۇسۇسىدا ئىجابىي پىكىر يۈرگۈزگەننىڭ ھېچقانداق يامىنى يوق! مەسىلەن مەن مۇشۇ ئىنكاستا سىياسىيغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ باقاي: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى 1.2 نىسبەتتە بولۇپ، بۇ بىزنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىمىزگە، شۇنداق جەمئىيەتكە كىرىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ «كېيىن تەرەققىي قىلىپ ھالقىپ كېتىشىمىز» گە ئەكس تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟ شۇڭا ھەر بىر شىنجاڭ پۇقراسىنىڭ مەملىكەتنىڭ تەرەققىي قىلغان رايونلىرىدىكى 4.59 لىق نىسبەتتىكى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى 2.60لىق نىسبەتتىكى ۋە غەربىي رايونلاردىكى 2.33 نىسبەتتىكى سەۋىيەسىدىن ھالقىشى مۇھىممۇ - ئەمەسمۇ؟ بىز ئۆزىمىزدىن بىر ھەسسسە يۇقىرى ساپالىق كىشىلەر ياراتقان تەرەققىياتتىن ھالقىپ كېتىش ئۈچۈن ئۇلاردىن خېلىلا تۆۋەن ساپادا تۇرۇپ شۇنداق تەرەققىياتقا يېتەلەيمىزمۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭلىقلار شىنجاڭ روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، دۆلەتمۇ مۇئەييەن يۆلەش سىياسىتى بىلەن ئېتىبار بېرىشكە توغرا كېلىدۇ!
____________________________
دېسەم گەپ ئۇزىرايدۇ، مېنىڭچە، سىياسىيدىن قاچماسلىق، بەلكى خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئىشلار ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇش يەنىلا زۆرۈر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-21 18:27  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
729
تۆھپە
473
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 12:06:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا مەن شۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ بولغان ئوخشايمەن...رىئاللىققا قارىغاندا مەۋھۇملۇقنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم دېسە...


Rank: 4

تىللا
268
تۆھپە
98
UID
1173
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 15:09:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئوغۇللار دىققەت قىلىڭلار جۇمۇ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
رەنا
تىللا
378
تۆھپە
249
UID
21673
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 11:57:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مىنىڭ ۋاختىمنىمۇ بەك ئىپ كىتىۋاتىدۇ دىسە.ئىشلىرىم بەك كۆپتى بوممىسا.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 05:28, Processed in 0.080242 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991