كۆرۈش: 14739|ئىنكاس: 5

جياڭ شىڭچۈەن شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتىدىن تېرىنېر بولۇشى مۇمكىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6185
تۆھپە
2819
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:42:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جياڭ شىڭچۈەن شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتىدىن تېرىنېر بولۇشى مۇمكىن


109.jpg


    بۇ يىللىق CBA جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى كەسكىن تۈردە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى ، شىنجاڭ كوماندىسىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، مارتىن ، تاڭ جىڭدۇڭ ، مىڭبو قاتارلىق ماھىرلارنى يۇقىرى ھەق بىلەن كوماندىغا تەكلىپ قىلدى ، ئۇنىڭدىن باشقا گۇاڭخۇي گورۇھى يەنە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى دونۋالىتنى تېرىنېرلىققا تەكلىپ قىلىپ ، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى .
    بىراق يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 11 مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 7 مەيدان ئۇتۇپ 4 مەيدان ئۇتتۇرىۋەتتى ، ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە پەقەت بىر مەيدانلا ئۇتتۇرغان شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا 4 مەيدان ئۇتتۇرىۋەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇتقان مەيدانلاردىمۇ نومۇر پەرقى ئالدىنقى پەسىلدىكىدەك يۇقىرى بولالمىدى . شۇنىڭ بىلەن توپ مەستانىلىرى دونۋالىتنىڭ مەيداندىكى ماھىرلارغا يىتەكچىلىك قىلىش ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى ، تېخى يېقىندا ئالدىنقى پەسىلدىكى تېرىنېر جياڭ شىڭچۈەن شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتا باش بولىدىكەن گەپلەرمۇ تارقىلىشقا باشلىدى ؟ جياڭ شىڭچۈەن قايتىدىن شىنجاڭ كوماندىسىغا باش بولامدۇ ؟ نېمىلا بولمىسۇن بىز شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ يىللىق چىمپىيۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .   

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1403
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:57:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكى قىسىمدا ئېلان قىلىپ بولغاندەك تۇرىدۇ . جياڭ شىڭچۈەن باش تېرىنېر ، دونۋالىد مەسلىھەتچى .
ئەتە كەچتە شىنجاڭ ۋولۋو كوماندىسى لياۋنىڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ ، شۇ چاغدا باش تېرىنېرنىڭ جامالىنى كۆرەلەيمىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Barcelona تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-20 12:02  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1014
تۆھپە
679
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 12:02:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ كوماندىسى چىمپىيۇن بولمىسا  بولمايدىغان يەرگە كىلىپ قالدى! گەپ قوللاش،كەيپىيات،تېرنىردىلا قالدى. ئەزالار ئەڭ كۈچلەندى.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1403
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 12:04:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يىللىق مائاشى ئىككى مىليون ئالتە يۈزمىڭ دوللار بولغان مارتىن دېگەن ئاداشمۇ شىنجاڭ كوماندىسىدىن كېتىپ قالىدىغاندەك قىلىپ تۇرىدۇ . ھېچكىم بۇنىڭدىن رازى ئەمەس .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1403
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 14:39:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا ، دونۋالىدنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىدىكى 165 كۈنلۈك تېرىنېرلىق ھاياتى ئاخىرلىشىپتۇ ، جياڭ شىڭچۈەن مۇقىملىشىپتۇ .


Rank: 4

ئىسىمى
كروران
تىللا
581
تۆھپە
92
UID
360
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 14:55:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ تېرنىېردە ئەمەس ، كاماندا ئىچىدىكى ئەزالارغا باغلىق. سىلەر 1-ئاۋغۇست كاماندىسىنى ئۇيلاپ باقساڭلار بولىدۇ.؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 17:09, Processed in 0.093633 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991