كۆرۈش: 10880|ئىنكاس: 14

توردا گېزىت ئوقۇغۇم بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1953
تۆھپە
558
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 20:41:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توردا گېزىت ئوقۇغۇم بار


    نەشىر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە گېزىتلەرمۇ خېلى بار، لېكىن ھازىرغىچە بىرەر گېزىتخانا ئۇيغۇرچە گېزىتنى تورغا چىقىرىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ توردا گېزىت ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگىنىنى بىلمەيمەن. «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»، «شىنجاڭ شەھەر گېزىتى»نىڭ خەنزۇچە ئېلگېزىت نۇسخىلىرى بارىكەن، توردا ئوقۇشقا چىقىرىپ قويۇپتۇ. خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورىدا ئېلگېزىت دەيدىغان بىر سەھىپە بار ئىكەن،  «شىنجاڭ شەھەر گېزىتى» نى چىقىرىدىكەن. گېزىت ئوقۇشقا بەك قولايلىق بوپتۇ.
گېزىت ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر. گېزىتلەرگە بېسىلغان يازمىلارنىڭ ھەممىسىنى تور بەتلەردىن تېپىپ ئوقۇش ناتايىن. بەزىدە توردا گېزىت ئوقۇغۇم كەلسىمۇ، ئۇيغۇرچە ئېلگېزىت بولمىغاچقا ئامالسىز قالىمەن.
    تەڭرىتاغ تورى شىنجاڭ گېزىتخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېلگېزىت دەيدىغان بىر سەھىپە ئاچسا، ھېچ بولمىسا شىنجاڭ گېزىتى ۋە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىقلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا شۇ سەھىپىگە چىقىرىپ قويسا، ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بۇ مۇ بىر يېڭىلىق بولاتتى، بىر بوشلۇق تولدۇرۇلاتتى، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى تور ئاممىسىغا يەتكۈزۈشكە ھەسسە قوشقان بولاتتى.
    تەڭرىتاغ تورى، گېزىتخانا، ئاخبارات-تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇشۇ تەكلىپنى ئەرزىمەس تەكلىپكەن دەپ قارىماي ئويلىشىپ باقارمۇ؟

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
356
تۆھپە
314
UID
123

تەڭرىتاغ گۈزىلىمۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 00:46:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر ئىكەن . لىكىن يىقىندىن بۇيان مۇندا دىققەت قىلسام رادىيو ، ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىمۇ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىن ماقالە ئالدىكەن ، ئاسىتىغا قارىسىڭىز تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىن ئىلىندى دەپ بار . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شىنجاڭ گىزىتىمۇ ئۇيغۇرچە تور بەت قىلارمىش .
     مىنىڭچە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنى تور گىزىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ ، مەن كۈندە ۋاقىت چىقىرىپ 10 مىنۇت تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش بىتىدىكى خەۋەرلەرنى بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىمەن . مەنچە مۇشۇ ياخشى چىققان ئەسەر ۋە خەۋەرلەرنى يىغىپ بىرەر ئىلكتۇرۇنلۇق ژورنال چىقىرىش مۇھىممىكى دەيمەن .


بىرەر سىنىڭ سىزنى يۆلەپ قويىشىدىن ئۈمىد قىلماڭ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئىش باشلاڭ . جەمىئەتنى كۈزۈتۈڭ ، چوقۇم سىز قىلالايدىغان خىزمەت سىزنى ساقلاۋاتىدۇ . ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ . ئەگەر سىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقى بولسىڭىز ھازىردىن باشلاڭ

Rank: 6Rank: 6

تىللا
705
تۆھپە
395
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 02:07:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر سىز ھەممە خەۋەرنى تورىن بىر كۈرۈپ بىلىۋالسىڭىز.... ئۇچاغدا گېزىتنى كىممۇ ئالار؟؟؟ گېزىتخانىدا ئىشلەيدىغانلارغىمۇ «گال» لازىمدۇ ھە!!!


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 4

ئىسىمى
كروران
تىللا
512
تۆھپە
87
UID
360
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 02:12:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تەكلىپ بوپتۇ.يۇقۇرى دەرىجىلىك ، رەھبەرلەر  ئويلىنىپ بېقېشقا ئەرزىيدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 08:50:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېزىت  ___ قەغەز مەتبەئە!
رادىيو  ___ يەل مەتبەئە!
قەغەز مەتبەئەسىنىڭ ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ ئېلېكترون مەتبەئەگە ئورۇن بوشىتىدىغىنىغا چارەك ئەسىر قالمىغاندىمۇ يېرىم يۈزيىل قالدى!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 4

ئىسىمى
تۆمۈر قادىرى
تىللا
407
تۆھپە
138
UID
379
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 10:54:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىنتايىن ياخشى تەكلىپ بوپتۇ. تېزرەك ئەمەلگە ئاشقان بولسا، تولىمۇ خۇرسەند بولار ئىدۇق.


QQ : 1196015800 ؛    Tel: 18999651544
مائارىپچىلار  مۇنبىرىگە مەرھەمەت!
http://www. maaripqilar.com
http://www. maaripchilar.com

Rank: 6Rank: 6

تىللا
704
تۆھپە
374
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 11:57:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى ،ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتى پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گىزىتى  قاتارلىق بازارلىق گىزىتلەر بۇ پىكرىڭىزغا قەتئى قىتىلمايدۇ،،شىنجاڭ گىزىتى قاتارلىق كادىرلارغا مەجبۇرى يىزىلدۇردىغان گىزىتلەر قۇشۇلىشى مۇمكىن،،،،
لىكىن يۇقاردا نامى چىققان بازارلىق گىزىتلەر تۇر بەت قۇرسا بۇلىدۇ يەنى ھەقلىق بۇلسا بۇلىدۇ تىلفۇن نۇمۇر ئارقىلىق ياكى بانكا ھىساۋات نۇمۇرى ئارقىلىق تۇردا مۇشتىرى بۇلۇش ياكى تۇردا ھەقلىق كۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قۇللىنىپ باقسا بۇلىدۇ،،! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kargay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-13 11:57  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1953
تۆھپە
558
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 12:21:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kargay يوللىغان ۋاقتى  2011-12-13 11:57
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى ،ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتى پايدى ...


رايونىمىزدىكى قايسى گېزىتخانا بازارغا يۈزلىنىپ، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كارخانا شەكلىدە باشقۇرۇلىۋاتىدۇ؟ ھەممىسى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئورگان گېزىتى، چىقىمىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىۋاتىدۇ. پارتكوملار پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ئاممىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن گېزىتنى تورغا چىقارسا بولمايدىغان يېرى يوقتۇ. بۇنى ئەسلى گېزىتخانىلار ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى، خەلق گېزىتى ۋە باشقا گېزىتلەرمۇ ھەر كۈنلۈك سانىنى شۇ كۈنى تورغا چىقىرىپ ھەقسىز كۆرۈشكە ئىمكان يارىتىپ  بېرىۋېتىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-13 12:21  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
704
تۆھپە
374
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 12:33:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2011-12-13 12:21
رايونىمىزدىكى قايسى گېزىتخانا بازارغا يۈزلىنىپ، تۈز ...


ئەسلى شۇنداق قىلىشى كىرەك،،،ھۇكۇمەت نۇرغۇن خىراجەت ئاجرىتار بەلكىم،،لىكىن پول تىپىشى ۋەزىپىسى بۇلۇشى مۇمكىن ،،،بازارلىق گىزىتلەردىن ئاز كىرىم كىرمەيدۇ جۇمۇ؟؟خەلقىمىز ئىچىدە گىزىت ئۇقۇيدىغانلار خىلى كۇپ،،،!
بۇ مۇنبەردە گىزىتخانىدا ئىشلەيدىغانلار يۇقمۇ ۋۇي!دەپ بەرمەمسىلەر؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kargay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-13 12:35  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 12:48:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانكى ئۇنۋان باھالايدىغاندا توردا ئېلان قىلىنغان ماقالە ھېساب بولسا، شۇ چاغدا گېزىت-ژۇرنال ئەمەلدىن قالىدۇ!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-7-1 00:03, Processed in 0.083384 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991