كۆرۈش: 57783|ئىنكاس: 19

فەرۇخ پەرھات ئامېرىكىدائالتۇن مېدالغا ئېرىشتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
549
تۆھپە
202
UID
1050
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 15:35:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

فەرۇخ پەرھات ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئالدى


     ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋېرگىنىيە شتاتى فەيىرفاكس شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 11-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، ئۇيغۇر پەرزەنتى فەرۇخ پەرھات پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ چېمپىيون بولدى.
فەرۇخ بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 11-يىللىقىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.
پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان 17 ياشلىق فەرۇخ بۇ يىل 2-ئايدا پۈتۈن ۋىرگىنىيە شتاتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزى ياسىغان كىچىك ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇش بويىچە ئالتۇن مېدال ئالغان ھەمدە پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تاللانغان.
    فەرۇخنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەشقاۋۇلى كاتېرىنا ۋىليامسنىڭ فەرۇخنى مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە تەشەببۇس قىلىپ يازغان خېتىدە ئۇنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇ خېتىدە ئۇنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ئۆزى ياسىغان ماشىنا ئادەمنىڭ قولىنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    فەرۇخنىڭ دادىسى پەرھات ئەپەندىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، فەرۇخ 21- ماي كۈنى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇسابىقىدە “س” گۇرۇپپىسى بويىچە، ئۆزى ياسىغان ماشىنا ئادەمنىڭ قولىنىڭ خىزمىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۈچ مىنۇت ئىچىدە ماشىنا قولنىڭ كۆپ تۈرلۈك خىزمىتىنى ئورۇنداپ، باشقىلار ياسىغان ماشىنا قوللارنىڭ ھەرىكىتىدىن بۇرۇن مەشغۇلاتىنى تاماملاپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. فەرۇخنىڭ ياسىغان ماشىنا ئادەم قولىنىڭ خىزمىتى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھېسابلانغان.
    فەرۇخ ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لاڭلېي تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا پىراكتىكا قىلىش ۋە ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغان 100 قابىلىيەتلىك بالىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

    مەنبەسى:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-9 22:20  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
بىلگئەر + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5 تىللا + 5  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
لالە
تىللا
500
تۆھپە
156
UID
828
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 18:30:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، ئۇيغۇر ئوغلانى ياشاپ كەت.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
868
تۆھپە
410
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 18:46:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياراملىق پەرزەنتلىرىمىز قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ، يۈزىمىزنى يورۇق قىلىدۇ. نەتىجىڭىزدىن ھەجەپ سۆيۈندۇق. تېخىمۇ تىرىشىڭ!
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2261
تۆھپە
765
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 19:00:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى خوشال  قىلىدىغان خەۋەركەن مۇشۇنداق ياراملىق پەرزەنىتلىرىمىز كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىپ دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ بىزئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ كەڭ تۇنۇتقۇسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarsanroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-9 19:41  



ئانا- يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
359
تۆھپە
315
UID
123

تەڭرىتاغ گۈزىلىمۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 19:42:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىسچە ئىسمى نىمە ؟ ماتىرىيالىغا قىزىقۋاتىمەن .
    مۇشۇ باشقا دىياردىكى بالىلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بىرخىل يۇقىرى بولىدىغان ئوخشايدۇ


بىرەر سىنىڭ سىزنى يۆلەپ قويىشىدىن ئۈمىد قىلماڭ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئىش باشلاڭ . جەمىئەتنى كۈزۈتۈڭ ، چوقۇم سىز قىلالايدىغان خىزمەت سىزنى ساقلاۋاتىدۇ . ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ . ئەگەر سىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقى بولسىڭىز ھازىردىن باشلاڭ

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3373
تۆھپە
947
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 19:57:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرىتى يوقمىكەن؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1516
تۆھپە
965
UID
372

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 21:05:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن! فەرۇخ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجە، ئۇتۇقلار سىزگە يار بولغاي!


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
429
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 14:16:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەر لىكىن سەل كۇنا خەۋەر،،،!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
6390
تۆھپە
567
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 21:06:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپمۇ قالتىس ئىش بوپتۇ . فەرۇخ پەرھاتنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا . كەلگۇسىدىكى بوشلۇقتا ئۇنىڭ ئەجىر مىۋىلىرىنى كۆرۇشكە نىسىپ بولغاي.

               


مېھرى ئىسسىق لوپنۇرغا يېتىپ كەلدىم .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6777
تۆھپە
3422
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 00:32:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۋاسبەگنىڭ چەۋرىسى، فەرھاد ھاجىمنىڭ ئوغلى فەررۇخ بولمىغاي يەنە ؟


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:02, Processed in 0.082967 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991