مۇيەسسەر خېلىل
‹‹ئانا›› دېگەن بۇ سۆزنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھەر بىر ئىنسان بالىسى بىلىدۇ. قىزچاق، سەنمۇ ھەم بىلىشىڭ كېرەك.
ساڭا ھاياتلىق بەخش ئەتكەن، سېنى چوڭ سۆزلىتىۋاتقان، باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان مۇشۇ گۈزەل ياشلىقىڭغا سېنى يەتكۈزگەن دەل شۇ ئاناڭ. قاپقارا قۇندۇزدەك تەبىئىي بۇدىرە چاچ ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ ئىدى. سەندىكى بۈگۈنكى گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ جىسمىدىن تېپىلاتتى. بۈگۈن ئەنە شۇ قارا چاچلار ئۇچتەك ئاقاردى. ئاناڭمۇ ئۆز ۋاقتىدا جىسمىدىن كۈچ – قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش ئىدى. ئەمما، ئۇ بارلىقىنى ساڭا بەردى، سېنىڭ خۇشاللىقىڭغا تېگىشتى.
ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، سەندە بۇلارنى بىلگۈدەك بىر سەمىمىي قەلب، ۋاپادار پەرزەنتتە بولۇشقا تېگىشلىك بىر يۈرەك بولسا ئىدى، ئاناڭغا ھازىرقىدەك مۇئامىلە قىلمىغان، ئۇنىڭغا ئازاب ئەمەس، خۇشاللىق بەخش ئەتكەن بولار ئىدىڭ.
ھەيرانمەن، ئانىسىز ھاياتلىقنى، ئانىسىز تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ قىيىن. ئەمما، سەن بۇلارنى ھېس قىلمامسەن؟ پەقەت شۇ ئانىلارلا بىزگە ئۆز مېھرىبانلىقى بىلەن دۇنيانى تونۇتقان، بىزگە قانداق ياشاشنى ئۆگەتكەن، بىزگە قانداق ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار جىسمىدىكى كۈچ – قۇۋۋەتنى بىزگە بەرگەن، قەلبىدىكى ئىللىق ھارارەت بىلەن قەلبىمىزگە مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، بىزنى مېھىر – مۇھەببەتلىك ئىنسان بولۇشقا، ئادەمدەك ياشاشقا، ھەقىقىي بىر ئايال، كۆيۈمچان، ۋاپادار ئانا بولۇشقا ئۈندىگەن.
لېكىن قىزچاق، ئاناڭغا تۇتقان مۇئامىلەڭ يۈرىكىمنى مۇزلاتتى. مەن بىر يات ئىنسان تۇرۇقلۇق ئاناڭغا تۇتقان قوپال مۇئامىلەڭدىن يۈرىكىم مۇزلىسا، سېنى توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ئاناڭنىڭ يۈرىكى نېمە بولۇپ كەتكەندۇر – ھە؟ ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقى كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئۇ چاندۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئانا. يۈرىكى پەرزەنتىنى دەپ لەختە – لەختە قان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا كۈلۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ سەمىمىي يالغان گەپلىرى بىلەن ئۆزىنى ھەم ئۆزگىلەرنى بەزلەيدۇ. سېنى باشقىلارغا يامان كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ! بىلسەڭ، ئۇ سېنىڭ بارلىقىڭ، ئۈمىدىڭ، ھاياتىڭ ئىدى؛ سەن ئۇنىڭ بىردىنبىر كۆڭۈل خۇشاللىقى ئىدىڭ. ئۇ كىشىلەر ئالدىدا ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان سەندەك بىر قىزى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. لېكىن سەن ئالىي بىلىم يۇرتىدا يۈرۈپ ئەقلىڭگە ئەقىل قوشۇلماي، ئەكسىچە ئەقلىڭنى كىر باستىمۇ، ئاناڭنىڭ قىلغانلىرى كۆزۈڭگە سىغماي، ئۇنى كىشىلەر ئالدىدا شۇنداق سەت سىلكىشلىدىڭ. ئۆز ئاناڭغا يات بىروۋلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلدىڭ. ئۇنىڭغا ئىللىق چىراي ئاچمىدىڭ. ئۇ بويىغا يەتكەن سەندەك قىزى تۇرۇپ يەنىلا چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ قازان بېشىدا چۆرگىلىمەكتە. سېنىڭدىن ئازار يەپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، قاش – قاپىقىڭغا قاراپ ئەنسىزلىك ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرمەكتە.
بىلسەڭ ئىدى، ئۇ سەندىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايتتى. ئۇ پەقەت ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى، كەلگۈسىدىمۇ سېنىڭ گۈزەل تۇرۇشۇڭنى، ئىللىق ئائىلەڭ بولۇشىنى تىلەيتتى. لېكىن قىزچاق، ياخشى خۇلق قىز بالىنىڭ بەختى بولغاچ، سېنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ئاناڭنى ئەنسىرىتىپ قويدى. ئۇ سېنىڭ خۇي – پەيلىڭ سەۋەبلىك ئۆزى ئازار يېسىمۇ، ئەمما سېنىڭ بەختسىز بولۇپ قېلىشىڭنى خالىمايتتى. ئۇ ئۆزىنى ئەمەس، يەنىلا سېنى، سېنىڭ بەختىڭنى ئويلىماقتا. بىلسەڭ، ئانا دېگەن ئەنە شۇنداق ئىنسان، ئازابنى، قىيىنچىلىقنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، بارچە خۇشاللىق ۋە بەختنى پەررزەنتىگە ھەدىيە قىلىدۇ ھەم شۇنداق قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشىدۇ. چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.