بىزدىكى ئاز-كۆپلەر (چوقۇم كۆرۈڭ)
بىزدە مائارىپ كۆپ ، ساپا ئاز .
بىزدە شەكىل كۆپ، مەزمۇن ئاز .
بىزدە شاكال كۆپ، مېغىز ئاز .
بىزدە ئىستېمالچى كۆپ، كەشپىياتچى ئاز .
بىزدە كىتاب كۆپ، ئوقۇرمەن ئاز .
بىزدە پۇرسەت كۆپ، بايقايدىغانلار ئاز .
بىزدە ئوقۇيالايدىغانلار كۆپ، ئويلىنىدىغانلار ئاز .
بىزدە ئارزۇ-ئارمان كۆپ، مۇساپە-جەريان ئاز .
بىزدە ۋاقىت كۆپ، قەدىرلەيدىغانلار ئاز .
بىزدە دوست كۆپ، دوستلۇق ئاز .
بىزدە سۆيگۈ كۆپ، ۋاپا ئاز .
بىزدە ئۆلۈم كۆپ، ئىبرەت ئاز .
بىزدە ئىلگىرىلەش كۆپ، بۆسۈش ئاز .
بىزدە پەرزەنت كۆپ، تەربىيە ئاز .
بىزدە ھۈنەر كۆپ، تېخنىكا ئاز .
بىزدە مايىللىق كۆپ، خاسلىق ئاز .
بىزدە قانۇن كۆپ، بىلىدىغانلار ئاز .
بىزدە نەزەرىيە كۆپ، ئەمەلىيەت ئاز .
ئەسلىي مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى 2009-يىللىق 1-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-30 19:27