يالغانچى ئاتا-ئانىلار
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئەر-ئاياللاردىن تەشكىل تاپىدۇ. نىكاھلىنىپ بالىلىق بولۇپ ئاتا-ئانىغا ئايلانغان ئەر-ئاياللار ئائىلىۋى تۇرمۇشتا ماسلىشىشنى خالىماي، تۇرمۇشتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ نىكاھتىن ئاجرىشىپ، ئايرىم ياشاش يۇلىغا كىرگەندە، ئاشۇ ئاتا-ئانىغا ئايلانغان ئەر-ئاياللارنىڭ بىر ياكى بىر نەچچە بالىلىرى بولۇپ بولغان بولسا، بۇ بالىلار ئەسلىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەتنى چۆرىۋەتكەن ئاجراشقان ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش مېھىر-مۇھەببىتى ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا ئۆتۈپ كىتىدىغان بالىلارغا ئايلىنالمايدۇ. چۈنكى، بالىلارغا ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى كېرەك. بەلكى، ئەر-ئاياللار ئاجرىشىپ ئايرىلىپ كىتەلىگەندەك، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلىپ كىتەلمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىشى ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ سەۋەبىدىن بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن كۈتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئاجرىشىپ ئايرىلىپ كىتىشى بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمۇ ئاجرىشىپ كىتىش بىلەن تۈگەپ كەتمەيدۇ. يەنى بالىلار ئىنسان تەبىئىتى بويىچە ئاتا-ئانىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆز قانلىرى ئۆتۈشكەن بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، ئاجراشقان ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىللە بۇلالمايدۇ ھەم بولمايدۇ. ئاقىۋەتتە بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ئارىلىغىدا خۇددى ساياھەتچىلەردەك قاتراپ يۈرۈشىدۇ. بالىلار ئاپىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا دادىسىنى كۆرگۈسى، دادىسىغا ئەركىلىگۈسى كېلىدۇ ھەم دادىنىڭمۇ بالىلىرىنى دادىلىق مېھرى بىلەن كۆرگۈسى كېلىدۇ. ئەگەر دادىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا ئاپىسىنى كۆرگۈسى، ئانىلىق مېھىر-مۇھەببەتتىن بەخىتكە چۆمۈلگۈسى كېلىدۇ ھەم ئاپىىنىڭمۇ ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان بالىلىرىنى سېغىنىدىغانلىغى ئېنىق. دىمەك، ئاتا-ئانىلار ئاجرىشىپ كەتسىمۇ بالىلىرىغا ئامراق. ئەمما ئاجراشقان ئاتا-ئانا ئەر-ئاياللار بىر-بىرسىگە ئۆچ. چۈنكى، ھەرقانداق ئەر-ئايال ئاجرىشىپ كىتىمەن دەپ توي قىلمايدۇ. بەلكى، قىز-يىگىتلىك مەزگىلىدىكى گۇزەل ئارزۇ-ئارمانلارغا خۇمار بۇلۇشۇپ توي قىلغان قىز-يىگىتلەر بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈشكەچكە نىكاھلىنىپ بىر ئۆيگە كىرىپ بىللە ياشايدۇ. ئەمما، كىيىنچە رىئال تۇرمۇشتا بىر-بىرسىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغان ئەر-ئاياللار بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈشتىن ئۈمىتسىزلىنىپ ، ئاقىۋەت ئۆچمەنلىك بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىپ بىللە ياشاشتىن ۋاز كېچىپ ئايرىم ياشاشنى تاللىۋالىدۇ.ئەمما، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى بىلمەيدۇ ھەم خالىمايدۇ. ئاجراشقان ئاتا-ئانا ئەر-ئاياللار بىر-بىرسىگە ئۆچمەنلىك قىلغان بىلەن، لېكىن ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلمايدۇ. بالا دېگەن ئەر-ئاياللارنىڭ ھەمكارلىشىشىدىن تۆرىلىدۇ. ئاجراشقان ئەر-ئاياللارنىڭ ھەمكارلىغى يوقالغان بىلەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىغى يوقالمايدۇ. ئەر-ئاياللار نىكاھتىن ئاجرىشىپ ئاتا-ئانىغا ئايلانغان ئائىلىنى يوقاتقان بىلەن توغۇلۇپ بولغان بالا چىققان يېرىگە كىرىپ كەتمەيدۇ دىمەك، ئاجراشقان ئەر-ئايال ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئايرىلىپ تۇرۇدىغان ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئارىلىغىدا قاتراپ يۈرۈپ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بىر-بىرسىگە بولغان ئۆچمەنلىگىدىنمۇ بەھرىمان بولماي قالمايدۇ. چۈنكى، ئەزەلدىن ئاجرىشىپ كىتىش ئۈچۈن توي قىلمىغان ئەر-ئاياللار ئاتا-ئانىغا ئايلانغاندا ئاجرىشىپ كەتسە، ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىغى، ئىشەنچ-ئۈمىدىگە ئىچى ئاغرىپ ھەم بالىلىرىنىڭ تىرىك يىتىم بولۇپ قالغانلىغىغا چىدىماي، ئاجرىشىپ كىتىشنىڭ سەۋەبىنى ھەر ئىككىيلەن قارشى تەرەپتىن كۆرۈپ، قارشى تەرەپكە ئۆچ بولۇپ كىتىدىغانلار، ئۆزئارا دۈشمەنلىك پۇزىتسىيەسىدە بۇلىدىغانلار كېلىپ چىقماي قالمايدۇ. بۇنداق كەيپىيات-پۇزىتسىيە ئاجراشقان ئەر-ئايال ئاتا-ئانىلارنىڭ يېنىدىكى بالىلىرىغا قارشى تەرەپنى يامانشىتىپ بىرىش، قارا-قويۇق تىللاپ بىرىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، بالىلار ئۆزلىرىگە مىېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلىرىنى ئۆچ كۆرۈشنى ئويلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەي، ئۇلارنى يالغان گەپ قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە يالغان گەپ ئارىسىدا قاتراپ يۈرگەن بالىلار كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يالغان گەپ قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە باشلايدۇ. چۈنكى، ئاتا-ئانا دېگەن بالىلارنىڭ تۇنجى ھەم ئەڭ مۇھىم ئۈلگىسى. ئاقىۋەتتە، يالغانچىلىق بۇنداق بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىگە ئايلىنىپ كىتپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىشەنچىسىز ئادەم بولۇپ چوڭ بۇلۇشقا باشلايدۇ. يالغان گەپ قىلىشنى خاتالىق، نومۇس ئىش دەپ قارىمايدىغان بولىدۇ. مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان، ئۆزىنىڭ خاتالىغىنى تۈزۈتۈشنى خالىمايدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەم باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش-ياردىمىگە ئىرىشەلمەيدۇ. بۇنداق ئادەم ئاخىرى چۈشكۈنلىشىدۇ ھەم قەلبىدىن مېھىر-مۇھەببەت يۇقۇلۇپ كەتكەن ئادەمگە ئۆزگىرەيدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇرچى ھەم ئارزۇسى بالىلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش. ئاتا-ئانىغا ئايلانغان ئەر-ئاياللار بالىلىرى بار تۇرۇپ ئاجرىشىپ كەتسىمۇ يەنىلا ئاتا-ئانىدۇر. نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر-ئايال ئاتا-ئانىلار ئەگەر گۇناھنىڭ ھەممىسىنى قارشى تەرەپكە ئارتىپ، بالىلىرىغا قارشى تەرەپنى تىللاپ بىرىۋىرىدىكەن، بۇنداق ئەر-ئاياللار نىكاھتا مەغلۇپ بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيەتتىمۇ، بالا تەربىيىلەشتىمۇ مەغلۇپ بولىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى نىكاھتا مەغلۇپ بولۇش بىلەن بىللە يەنە بالىلىرىمۇ جەمىيەتتە مەغلۇبىيەتلىك ياشاشقا يۈزلىنىپ قالىدۇ. باشقىلارنى ئۆچ كۆرىدىغان، ھەرقانداق ئىشنىڭ گۇناھىنى باشقىلارغا ئارتىدىغان ئادەمنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئىرىشەلمىگەن ئادەم ئەخلاقسىزلىشىدۇ، توغرا-خاتا بىلەن كارى بولمايدۇ، كۆز ئالدىنىلا ئويلايدۇ، ھاياتتا قەدىر-قىممەتكە ئىنتىلىپ كەتمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
شۇڭا، ئەر-ئايال ئاتا-ئانىلار نىكاھتا مەغلۇپ بولۇپ ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە قايتا ئائىلە قۇرۇپ كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش كۆچۈرەلىشى مۇمكىن. ئەمما، بالىلىرى يالغانچى ئاتا-ئانىلىرى ئارىلىغىدا چوڭ بۇلۇپ، يالغانچىلىقنى مىجەزىگە سىڭدۈرۈۋالسا، بۇ بالىلارنى ئەلۋەتتەئۆز ئاتا-ئانىلىرى كاردىن چىقارغان بولىدۇ. ئاقىۋەت گۇناھسىز بالىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچىلار نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتسىمۇ يەنىلا بالىلىرىنى ياخشى كۆرسە، بالىلىرىغا باشقىلارغا نىسبەتەن كۆكسى- قارنى كەڭ بۇلۇشنى ئۆگۈتۈشى ھەم ئۆزلىرى شۇنداق ئۈلگە بۇلۇشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ئادەم دېگەن بالىلىرىنى تەربىيىلەشنى بىلمىسە ئاتا-ئانىغا ئوخشىماي قالىدۇ. بالا سۈپ-سۈزۈك دۇنيا، ئۇ نېمە بىلەن تولدۇرۇلسا ئاخىرى شۇنداق ئادەمگە ئايلىنىدۇ. خەلقىمىزدە «كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر » دېگەن ماقال بار. ياخشى گەپ ئادەمنى ياخشىلىققا يىتەكلەيدۇ، يامان گەپ ئادەمنى يامانلىققا يىتەكلەيدۇ. خەلقىمىزدە يەنە « بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزىڭ بولسۇن » دېگەن ماقال بار. قىسقىسى، يالغانچى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى يالغانچى بولۇپ چوڭ بولىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن يەنە شۇ ئاتا-ئانىلىرىنى يالغان گەپ بىلەن ئالداش ئادەتلىك ئىشقا ئايلىنىدۇ. ئاقىۋەت، «يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام » دىگەندەك دەرت-ئەلەم ئايلىنىپ كېلىپ ئىگىسىنى تاپىدۇ .