كۆرۈش: 6069|ئىنكاس: 4

مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
562
تۆھپە
251
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 10:54:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    جەمئىيىتىمىزدە كىشىلەر ئۆز بەدىنىدىكى قاننى تەغدىم قىلالايدۇ، ساتالايدۇ. تېخى ئىلىكىنى،  غول  ھۈجەيرىسىنى باشقىلارغا تەغدىم   قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.  بۆرەك   سېتىش-سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى ھەر خىل گەپلەرنى ئاڭلاپ، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى    مىللەت  ئايرىماي ھەقسىز بۆرەك تەغدىم قىلغان ۋاڭ يەننا توغرىلىق ئويلىنىپ قالدىم.

  ئەينى ۋاقىتتا بەزىلەرنىڭ خەنزۇ قىز ئەمەس، بەلكى ئۆز   مىللىتىمىزدىن بولغان بىرەرسى ھەقسىز بۆرەك تەغدىم قىلغان بولسا، بۇنچىلىك تەسىرلىنەرلىك، داغ-دۇغا بولغىدەك ئەھۋال بولمىغان بۇلاتتى دىيىشكەنلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بەلكىم بۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئويلىغانلىرى باردۇر. جۇڭگودەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدەك مىللەتلەرنىڭ ئىرىق ، مىللى ئۆرۈپ-ئادەت ، ئەقىدە- ئېتىقات، يېمەك-ئىچمەك،  قىممەت ئېڭى،  مەدەنىيەت  پىسخىكىسى، ئىقتىساد-ساغلاملىق ئېڭى، كەسىپ  پەرقى مەۋجۇت بۇلىۋاتقان   يۇرتىمىزدا خەنزۇ قىز ۋاڭ يەننانىڭ بىر بۆرىگىنى ھەقسىز ھالدا ئۇيغۇر    مىللىتىمىزدىن بولغان مەۋلانجانغا تەغدىم قىلىشى ھەقىقەتەن ھەر  قانداق مىللەتتىن بولغان ھەرقانداق ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان، ئاپىرىن ئېيتقۇزىدىغان، كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان ئەھۋالدۇر دىمىسىمۇ خەنزۇ قىز ۋاڭ يەننانىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمىزدىن بولغان مەۋلانجانغا ھەقسىز بۆرەك تەغدىم قىلىش روھى، شەخسىيەتسىز ئەخلاق-پەزىلىتى جەمئىيەتتىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنى، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ياشاش ئەھۋالى بارلىققا كەلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىمىز رەھبەرلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ھۆرمەت-قايىللىغىنى قوزغاپ، مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئىرىشكەن شان-شەرىپىنى ئويلىساق، كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ  ياخشى يۈزلىنىشىگە يول كۆرسۈتۈش چاقىرىقىدۇر. چۈنكى،    مىللەتلەر ئارا خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزئارا پەرق        مەۋجۇت  بولغاچقا، مىللىي مەدەنىيەت سەۋەبلىك مىللىي ھېس-تۇيغۇ،  مىللىي ھېس-تۇيغۇ سەۋەپلىك بەزى كىشىلەردىكى ئاچكۆزلەرچە مىللىي مەنپەتپەرەسلىك، مىللىي ھېس-تۇيغۇ سەۋەپلىك ساپاسىز، ئىنساپسىز شەخسىيەتچى كىشىلەرنىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرىنى يات-ئۆچ كۆرۈشى تاسادىپەن كۆرۈلۈپ تۇرۇدىغان ئەھۋال بولغاچقا، بۇنداق كېسەل ئەھۋاللارغا نىسبەتەن ۋاڭ يەننانىڭ مىللەت ھالقىغان كۆڭۈل بۈلۈش، ياردەم بىرىش  ھەركىتى ناھايىتى ئېسىل دورىدۇر. ئەزەلدىن تونۇمايدىغان بىرسىگە مىللەت پەرقىنى ئويلىمىغان ھالدىكى كۆڭۈل  بۈلۈش بىلەن ھەقسىز بۆرەك تەغدىم قىلىش ئەمىلىيىتىدىن كېيىن، ۋاڭ يەننا زور شان-شەرەپلەرگە ئىرىشتى.    ئالدى    بىلەن مەۋلانجان كېسەل خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ ساغلام ھاياتقا ئىرىشتى.  ھىساپتا ۋاڭ يەننا ئۆز تىنىنىڭ بىر ئەزاسى ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ    جېنىنى ساقلاپ قېلىپ ھاياتىنى قۇتقۇزىۋالدى. ئىنسانلارغا ئۈمىد       بىلەن تىكىلگەن بىر جاننى قۇتقۇزىۋېلىش ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ  ئىنساننىڭ قۇلىدىن كىلىدىغان ئىشتۇر.  

     نەتىجىدە ۋاڭ يەننا جەمئىيەتتىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ قايىللىغى-قەدىرلىشىگە ئىرىشتى. بېيجىڭدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان كۆرۈرمىنى بولدى.   2008-يىلى جوڭگۇنى تەسىرلەندۈرگەن ياشقا ئايلاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئون   مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرسىگە، مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسىگە       ئايلاندى. ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىگە ئىنتىھانسىز ھالدا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى. ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇش-تۇرمۇش      خىراجەتلىرىنى دۆلەت ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

     ئەمىلىيەتتە، ۋاڭ يەننا ھەقسىز بۆرەك تەغدىم قىلىشتىن ئىلگىرى جەمئىيەت ۋە دۆلەت تەرىپىدىن بۇنداق زور شان-شەرەپلەرگە ئىگە بۇلۇشنى ھەم ئىگە بۇلىدىغانلىغىنى مىنىڭچە ئۆزى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان. ( مەن ۋاڭ يەننا توغرىلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىنلا خەۋەرتاپقان ئىدىم، ئۆزى بىلەن ئەسلا كۆرۈشۈپ باقمىغان.) پەقەت ئالەمچەكەڭ قوساقلىق، چەكسىز مېھرىبانلىق بىلەن جىددى بۆرەككە ئېھتىياجلىق مەۋلانجاننىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ياردەم قىلىشنىلا ئويلىغان. ھەقسىز بۆرەك تەغدىم قىلىشنى قارار قىلىپ، كۆپ پۇلغا يارايدىغان بۆرىگىنى سېتىپ پۇل قىلىشنىمۇ ئويلىمىغان. نەتىجىدە ۋاڭ يەننا ئۆزىنىڭ قۇربان بىرىش، بەدەل تۆلەش، باشقىلارنى خۇددى ئۆزىدەكلا     ياخشى كۆرۈش روھى، ئەخلاق-پەزىلىتى ئارقىلىق جەمىيەتنى تەسىر   لەندۈرۈپ خەلقنى قايىل قىلىپ ھۆرمىتىگە ئىرىشىپ، جەمئىيەت-    ھۆكۈمەت  تەرىپىدىن ئەخلاق ئۈلگۈسىگە، باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا     ئالىجاناپلىقنى  ئەمەلدە كۆرسىتەلەيدىغان رىئاللىقتىكى شەخس    ئوبرازىغا   ئايلىنىپ  كەتتى.

    ۋاڭ يەننانىڭ شان-شەرىپى جەمىيەتتىكى كىشىلەرنى قايسى مىللەتتىن بۇلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر بىر-بىرسىڭىزگە ئۆزئارا ياردەم  قىلىڭ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا كۆكسى-قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ   ھاجىتىدىن چىقىڭ، ئۆزىڭىزنى، ئۆز مىللىتىڭىزنى قانچىلىك ياخشى    كۆرسىڭىز باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ھەم شۇ مىللەتنىمۇ شۇنداق    ياخشى كۆرۈڭ دىگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ.

    مىللەت دېگەن تارىخى-ئىجتىمائىي مەدەنىيەت قىممەت بايلىق قاتلىمى. نۆۋەتتە دۇنيا ۋە دۆلەتتە ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئايرىم بىر مىللەت مەدەنىيەت قاتلىمى تەۋەسىگە ئىگە بۇلۇشى تەبىئىي رىئاللىقتۇر. شۇنداقلا ھەرقانداق ئىنساننىڭ مىللەت ئايرىملىغىغا      ئىگە بۇلۇشىمۇ خاتا ئىش ئەمەس.  

     جەمئىيىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرى ئارا خىزمەت-     كەسىپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتتە بىر-بىرسىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى چۈشۈنۈش ئارقىلىق قوللاش، ياردەم بىرىش، قۇربان بىرىش، بەدەل تۆلەش ئىدىيە-روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرى ئارا يات كۆرۈش، ئۆچ كۆرۈش، چەتكە قېقىش، ئۆزىنىلا        ئويلاپ باشقىلارنىڭ نېمە بۇلۇشلىرى بىلەن كارى بولماسلىق، مەدەنىيەت خارەكتىرلىق مىللى ھېس-تۇيغۇنى مەنپەتپەرەسلىك ئۈستىگە قۇيۇپ كېڭەيتىۋېتىشتەك ناچار ئىدىيە-قاراشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزۈتۈشتە-يوقۇتۇشتا خەنزۇ قىز ۋاڭ يەننانىڭ ئۇيغۇر       مىللىتىدىن بولغان مەۋلانجانغا ھەقسىز بۆرەك تەغدىم قىلىش ياخشى  نىيەت-ھەركىتىنىڭ جەمىيەتتە قەدىرلىنىشكە ئىرىشىشى ۋە پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى دەپ ئاتىشى ناھايىتى ئاقىلانىلىك ھەم پايدىلىقتۇر.

    جەمئىيىتىمىزدە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە، خىزمەت-كەسپى ئورۇنلاردا ئىش بىجىرىش- مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا شەخس بىلەن مىللەتنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىك، ھەرقانداق كىشىنىڭ قايسى مىللەتتىن بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇلۇپ   قالماسلىق، ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئارىسىدا تەلىم-تەربىيە سەۋەپلىك ياخشى يامان كىشىلەرنىڭ بارلىغىغا كۆز يۇمماسلىق، قايسى مىللەتتىن بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ھەر بىر شەخس-ئادەمنىڭ ئوخشاش قەدىرلىنىش تۇيغۇسى-ھوقۇقىغا ئىگە ئىنسان ئىكەنلىگنى بىلمەي قالماسلىق كېرەك. جەمىيىتىمىزدىكى مىللەت ھالقىغان ھالدىكى ھەقسىز بۆرەك تەغدىم قىلغۇچىنى ئالاھىدە قەدىرلەپ شان-شەرەپلەرگە ئىگە قىلىش ئەمىلىيىتى-تەشۋىقاتى ئارقىلىق مىللەت پەرقىگە ئىگە بولغان ئادەملەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، قەدىرلىشى، ھالىغا يىتىشى، كىمنىڭ قىيىنچىلىغى ئېغىر بولسا ئاۋال شۇنىڭغا ياردەم قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ « قول ئىچىگە ئىگىلىدۇ» دەپ شەخسىيەتچى     مىللى ھېسسىياتىنى ئادىللىقنىڭ ئۈستىگە پەسكەشلىك بىلەن قۇيۇۋالماسلىغى،   ئاچكۆزلەرچە  مىللى  مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللەتچىلىك قىلماسلىغى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلىك ئەخلاقنىڭ ئادەملەر ھەم دۆلەتلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، يەنە مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ بۇلىدىغانلىغى ئالاھىدە             تەكىتلىنىدۇ.

    ئاجايىپ مەردانە كەڭ قوساقلىق بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىغا مۇيەسسەر بولغان ۋاڭ يەننا بىر خەنزۇ ياش بولۇش سۈپۈتى بىلەن ئالدى بىلەن خەنزۇ ياشلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇش ئادەتتىكى ئىش   ئەمەس. ئەخلاق دېگەن باشقىلارنى ئويلاپ ئۆزىنى چەكلەشتە ھەم ئۆزى يول كۆرسۈتۈپ يىتەكچىلىك قىلىشتا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.    ئەخلاقلىق بولۇش باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاش بىلەن ئاچكۆز بۇلۇشنىڭ  ئالدىدا تۇرۇدۇ. مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسىنى تىكلەپ چىقىش مىللەتلەر ئارا ئاچكۆز بولماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھەرقانداق ئادەمگە مىللەت تامغىسى بېسىلغان بىلەن،  ئەمما  ئۇ  ئالدى  بىلەن ئادەم. ئادەملەرنىڭ ئىرقى، مەدەنىيىتى ئوخشىمىغان بىلەن ھېس-تۇيغۇسى ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئادەملەر قايسى مىللەتتىن بۇلىشىدىن  قەتئىنەزەر ياخشى-ياماننى، توغرا-خاتانى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ. دۇنيادا ياخشى-يامان ئادەم بولغان بىلەن ياخشى-يامان دەپ ئايرىلىدىغان مىللەت بولماسلىغى كېرەك.

    مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىگە ئەخلاق ئۈلگۈسى بولىدۇ. ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئەخلاقتا نەمۇنىچى بۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنداقلا مىللەتچىلىك قىلىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق بۇلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ بىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەخلاقلىق بولغاندىلا مىللىتىنى ھەم باشقا مىللەت كىشىلىرىنى   سۆيگۈلى بۇلۇدۇ. مىللى مەنپەئەت ئەخلاقتىن ئاۋۋال سىياسىدا قوغدىلىدۇ. شۇڭا سىياسۇنلار ئەخلاقلىق بۇلىشى كېرەك. بولمىسا گىتلىردەك ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قۇيۇۋالىدىغان ئەخلاقسىز ئاچكۆز سىياسۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

     مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى ۋاڭ يەننانىڭ پۈتۈن جەمىيەتتە شان-شەرەپلەرگە ئىگە بۇلىشى جەمىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ ئەخلاقلىق بۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىشتۇر. بىزنىڭ جەمىيىتىمىز، شەھەر-بازارلىرىمىز، ئىدارە-كەسپى ئورۇنلىرىمىز ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرى ئارىلاشقان ھالەتتە بۇلىۋاتىدۇ. مىللەت خاسلىغى  ھەر بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيەت بايلىغى. ئەمما ئەخلاق ئادەملەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىنى، باراۋەر بۇلىشىنى، ياردەم قىلىشىنى، چەتكە   قاقماسلىغىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەخلاق بولغاندىلا توغرا-خاتالىقتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ناھەقچىلىققا يول قۇيۇلمايدۇ، ئادىل مۇئامىلە-مۇلازىمەت  نامايەن بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەخلاق ئېڭى توغرا-خاتالىققا باھا بىرىدۇ. قانۇن ئېڭى توغرا-خاتالىققا ھۆكۈم قىلىدۇ.   

    ئەخلاق نەمۇنىچىسى كىشىلەرنى تېخىمۇ توغرىلىققا ھەم داۋاملىق  توغرىلىققا يۈزلەندۈرىدۇ.

   قىسقىسى، جەمئىيەتنىڭ قايىل بۇلىشىنى، خەلقنىڭ تەسىرلىنىشىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاپىرىن ئېيتىشىنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن ئالەمدەك     كەڭ قوساق قىز ۋاڭ يەننا ھەقىقەتەن ئىنسانپەرۋەر قىزدۇر.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
Erkman + 6 + 6很给力!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 6 تىللا + 6  باھا خاتىرىسى

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
705
تۆھپە
395
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 11:42:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى تىگىدىن ئېيتقاندا ھەممە مىللەت، ھەممە ئادەم ئوخشاش باراۋەر ئىدى. ئامما رايۇنىمىزدەك كۆپ مىللەتلىك رايۇندا كىينىش،يىمەك ئىچمەك،ئۆرپ-ئادەت، تىل -ئالاقە .. قاتارلىق تەرەپلەردىكى پەرىقلەرنى توغراقۇبۇل قىلالماسلىق، پىتنى -ئېغىۋا،ھەرقايسى مىللەتلەردىكى ئاز بىر قىسىم ناچار كىشىلەرنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا تۈرلۈك زىددىيەتلەر دائىم مەۋجۇت. زىددىيەت بولغىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى شۇندىلا مەسىىلەرنى ئوبىكتىپ ھەل قىلغىلى، چۈشۈنۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى زىددىيەتكە تولغان بولغاچقا ،شۇنچە جەلىپكار كۈرۈنىدۇ دۇنيا!


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1497
تۆھپە
273
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 12:35:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىمىي ئەخلاق پەزىلەت مىللەت ئايرىمايدۇ. كىشىدە ھەقىقى ئىنسانغا خاس ئادىمىيلىك بولىكەن ئۇ باشقىلارنىڭ مىللىتىگە، ئىرقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلمايدۇ. بەلكى ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن باشقىلارغا ياردەم قىلىدۇ. كەچكىچە مىللەت دەپ توۋلايدىغانلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە چوڭ ياردەم قىلالىشى ناتايىن.
ۋاڭ يەننانىڭ ئىنسانىي پەزىلىتى ھەممەيلەننىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-26 03:19:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دەۋاتقان ئاشۇ ۋاڭ يەننا مېنىڭ ساۋاقدىشىمنىڭ ئوغلانىغا بۆرەك بەرگەن ، مەن مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇنداق مۇھتاجلىقلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەرقايسىمىزنىڭ بېشىغا كېلىپ قالسا بىزلەر قانداق قىلالىغان بولاتتۇق؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
779
تۆھپە
483
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 01:14:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئادەمدە ئۆز مەنپەتىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان ئالىيجاناپ،ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت بولسا يەنەنۇرغۇن ئىشلار روياپقا چىققان بولاتتى! ۋاڭ يەننا ئەينى ۋاقىتتا يەنى ئۇيغۇر يىگىتى مەۋلانجانغا بىر بۆرىگىنى تەقدىم قىلغاندا ھېچقانداق غەيرى شەخسى مەنپەئەت، نام-شۆھرەت قوغلىشىش ئىستكىدە بولمىغان ئىدى،ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى جەمئىيتمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈۈشكە ئېرىشتى، ئۇنىڭ بۇنداق كاتتا شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىشى كىشىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ، جەمئىيتىمىزدە مۇشۇنداق ۋاڭ يەنناغا ئوخشاش ئالىيجاناپ،ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەتلىك كىشىلەر كۆپ بولغان بولسا بۇ جەمئىيەت قانچىلىك ئىللىقلىق ۋە مېھرى مۇھەببەتكە تولغان بولار ئىدى ھە !


بارمۇ مىكروبىلوگى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 21:27, Processed in 0.095918 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991