كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنى
بىلمەسلىك توغرىسىدا
كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنى ئۆگىنىش ئۇنچە بەك تەس ئەمەس ، گەپ شۇنى ئۆگەنمەسلىكتە ...
ئۇ قول كومپىيۇتېرى بار ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، قاچانلا قارىسا كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. ئەمما، ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى— ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيۇتېردا يېزىشنى بىلمەيدۇ. خەنزۇ تىلىدىن پايدىلىنىپ كومپىيۇتېردا ئۆگىنىش قىلىۋاتامدىكىن دىسە، يېزىق، ئاۋاز، كۆرۈنۈشنى تەڭ ئىشلىتىپ كومپىيۇتېردا باشقىلار بىلەن مۇڭدىشىۋاتقان.
شىركەتتە نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر خىزمەتچى بىردىن كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا، بىرەيلەن: كىم ئۇيغۇرچىنى كومپىيۇتېردا يازالايدىغاندۇ، قايسى كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسى قاچىلانغاندۇ دەپ ئىزدەپ يۈرۈيدۇ. ئىدارىدىكى خىزمىتىنى كومپىيۇتېردا قىلىدىغان، ئىشلەپ يۈرگىلى ئون يىلدىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر خىزمەتچى كومپىيۇتېردا مال سېتىۋالالايدۇ، پايچەك ئوينىيالايدۇ، كومپىيۇتېردىن ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى تاپالايدۇ. ئەمما، ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى كومپىيۇتېردا يازالمايدۇ. ئەمما، ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىش-ئوقۇشنى ئۆگەنگەن، ھازىرمۇ قەلەم بىلەن ئۆز يېزىقىدا يازالايدۇ، خاتىرە قالدۇرالايدۇ. ئۇيغۇرچە كىتاب، گېزىت-ژورناللارنى كۆرەلەيدۇ.
كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە يېزىشنى ناھايىتى ئاسان ئۆگۈنىۋالغىلى بولىدۇ. خۇددى ئوتتۇز ئىككى چىشىمىزدەك پەقەت ئوتتۇز ئىككىلا ھەرپ بار، بىۋاستىلا يېزىشقا چۈشۈپ كىتەلەيمىز. ھەرگىزمۇ خەنزۇچىدەك ئاۋۋال پىنيىنچىلاپ يېزىپ، ئارقىدىن خەت ئىزدەپ يازمايمىز. ئاتا-ئانىلار كومپىيۇتېردا ئانا تىل-يېزىغىنى ئىشلىتىشتە، قوللىنىشتا پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇشى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كومپىيۇتېردا ئانا تىل-يېزىغىنى قوللىنىشنى تەرەققى قىلدۇرۇشى، باشقىلار ئالدىدا ئۆز يېزىغىنى كومپىيۇتېردا يازالماسلىغىدىن خىجىل بۇلىشى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپمۇ ئانا تىل-يېزىغىنى كومپىيۇتېردا يازالماسلىقىدىن نومۇس قىلىشى كېرەك. جەمئىيەتتە، جۈملىدىن كومپىيۇتېردا كەڭ قوللىنىۋاتقان باشقا بىر تىل-يېزىقنى بىلىمەن دەپ ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك ئۆگۈنۈشنى خالىماسلىق، ئۆز تىل-يېزىقىغا مۇھەببەت باغلىماسلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇ تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ھورۇنلۇق قىلمىشىدۇر. ئەمما، ئاشۇ كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى يازالمايدىغانلار ئاتا-ئانىلىرىغا ئانا تىلدا سۆزلەپ، ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدۇ. دىمەك، ئانا تىلنىڭ رولى، قىممىتى بولغان ئىكەن شۇ تىلنىڭ يېزىقىنىڭمۇ رولى، قىممىتى بولىدۇ. كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە يازالمايدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە ئاساسەن كىرمەيدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرچە تور دۇنياسىدىكى مىللىي پۇراقتىن، مىللىي مەدەنىيەت ھاۋاسىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ھەرخىل خەۋەرنى، ئېھتىياجلىق بىلىمنى، نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرنى باشقا تىل سېستىمىسىدىكى تور دۇنياسىدىن تاپقىلى بۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇيغۇرچە تور دۇنياسىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ، تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ، پىسخىكا يۈزلىنىشى، ئۆزى تەۋە مەدەنىيەتتىكىلەرنىڭ تەپەككۇر-قىممەت ئېڭى، قىسقىسى، ئۆز مىللىتىدىكى ئۆزگىرىش-يېڭىلىقلار ۋە ئىدىيە-قاراش ھەم ئىللەت-ئادەت خارەكتىرلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەھلىل-مۇھاكىمە، ئەدەبىيات-سەنئەت، باھا-ئوبزور قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشالماسلىقى مۇمكىن. توغرا، تور دۇنياسىنىڭ سىرتىدىنمۇ نۇرغۇن ئەھۋاللارنى ئاڭلىغىلى بىلگىلى، ھېس قىلىپ ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇ. گېزىت-ژورنال، رادىيۇ-تىلىۋىزور، كىشىلىك ئالاقە، ئىجتىمائىي سورۇن قاتارلىقلار ئادەمنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئەمما، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىقىنى يازالمايدىغانلارنىڭ كىتاب-ژۇرنال كۆرمەيدىغان قىلمىشى بولىدۇ. يەنى، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بولسا كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىقىنى يېزىشنى ئاللىقاچان ئۈگۈنۈۋالغان بولاتتى. بۇنداقلار ئۆز تىل-يېزىقىدىن پەخىرلىنىشنى بىلىدۇ، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىقىنى يازالماسلىقنى ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك دەپ قارايدۇ. دىمىسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بىلمىسە بالىلارمۇ بىلمەيدۇ، ئۈگەنمەيدۇ. ئۈگەنمەسلىك تاشلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىقىنى يېزىشنى ئۈگۈنىۋېلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىگى، مەجبۇرىيىتى ئىدى. دىمەك، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىقىنى يېزىشنى بىلمەيدىغانلاركومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرسىمۇ، ئەمما كۆپ ۋاختىنى ئويۇنچۇق ئويناشقا، باشقىلار بىلەن قۇرۇق گەپ قىلىشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، كومپىيۇتېردىن ھەقىقى، ئەڭ مۇھىم ھالەتتە پايدىلىنىش ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قول كومپىيۇتېرى بار ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەس ئىش بولمىغاچقا، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىقىنى يېزىشنى ئۈگۈنىۋېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈگۈنۈش نىشان-پىلانلىرىنى، ئارزۇ-ئۈمىتلىرىنى، كۈندىلىك بىلىم خاتىرىلىرىنى، ئۈگۈنۈش تەسىراتلىرىنى، ئېرىشكەن خوشاللىقلىرىنى، يۇلۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى، ئىنتىلگەن ھېس- تۇيغۇلىرىنى، قۇتۇلغان ئازاب-ھەسرەتلىرىنى كومپيۇتېردا كۈندىلىك خاتىرىسى ھالىتىدە يېزىپ ماڭسا، ئۆزلىرىنى تەربىيىلەشكە، پىشىپ- يىتىلدۈرۈشكە نىسبەتەن بىر ياخشى ئۇسۇلنى قوللانغان بۇلاتتى. شۇنداقلا، كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق كىشى خىزمىتىگە، ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۆز يېزىغىنى يېزىشنى ئۈگۈنىۋېلىپ كومپيۇتېر كۈندىلىك خاتىرىسى ھالىتىدە يېزىپ ماڭسا، ياخشى ئادەت-ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بۇلاتتى. بالىلارمۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۇيۇنچۇق ئويناشقا مەستانە بولغاننىڭ ئورنىغا، ئانا تىل-يېزىقى بىلەن كومپيۇتېر كۈندىلىك خاتىرىسى يېزىشقا ئادەتلەندۈرۈلسە ، تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ- يىتىلىشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن بولاتتى.
خەلقىمىزدە « بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، ئۈگەنمەسلىك ئەيىب » دەيدىغان ماقال بار. دىگەندەك ئۈگەنمىسە بىلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئۈگۈنىمەنلا دىسە، كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغانلارغا كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى يېزىشنى ئۈگۈنىۋېلىشقا بىر سائەتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ. مەسىلە، ئويلىنىشنى بىلمەيدۇ.