خۇشخەۋەر : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ئىستۇدېنتلار قانىلى ئېچىۋېتىلدى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ قەدىرلىك ئىشتىراكچىلىرى ، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ، بۈگۈن سىلەرگە يەنە بىر خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلدىم ، يەنى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىمىز ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ، جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ئىستۇدېنتلار قانىلىنى رەسمىي ئېچىپ ، كەڭ ئىستۇدېنت دوستلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى . ئىستۇدېنتلار قانىلى ئۇچۇر كۆزنىكى ، مەكتەپتىكى يېڭىلىقلار ، كۈندىلىك خاتىرەم ، ئاچچىق - چۈچۈك پاراڭلار ، شېئىرىي ئەسەرلەر ، كۆڭۈلدىكى سۆز ، پىسخىك ساغلاملىقى ،تۆھپىكار ئۇستازلار ، سەككىز كارىۋات بىر ياتاق ، نەسىرىي ئەسەرلەر ، ئۈلگە ۋە ئۆرنەك ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ، مەكتەپ پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا ، مېنىڭ ئائىلەم ، تەبىئىي پەن قاتارلىق سەرخىل بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، سىزنىڭ ئىستۇدېنتلار تۇرمۇشىدىن خەۋەردار بولۇش ، ئالىي مەكتەپ ھاياتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇپ چىقىشىڭىزغا ، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا يولۇققان خىلمۇ خىل مەسىلىلەرگە توغرا ، ئوبېيكتىپ ، ھەقىقىي جاۋاب تېپىشىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە رول ئوينايدۇ . سەھىپىمىزنىڭ ئادرىسى : http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/node_2321.htm قېنى ئەمسە ئىستۇدېنتلار قانىلىغا مەرھەمەت !
|