كۆرۈش: 21284|ئىنكاس: 5

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونى ۋە كاتالانلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1405
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 13:40:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          كاتالانلار ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولۇپ ، دۇنياغا داڭلىق بارسېلونا شەھىرى رايون مەركىزى ھېساپلىنىدۇ. كاتالونىيەنىڭ يەر كۆلىمى  ئىسپانىيەنىڭ ئالتە پىرسەنتىنى ، ئاھالىسى يەتتە يېرىم مىليون بولۇپ ، ئىسپانىيە ئاھالىسىنىڭ %17 نى تەشكىل قىلىدۇ . 1979-يىلىدىن بېرى ئاپتونوم رايون بولۇپ بېكىتىلگەن . ئىسپانىيەدە يەنە باسك دۆلىتى ۋە گالىس رايونى كاتالونىيە بىلەن تەڭ ئورۇندىكى ئاپتونوم رايونلار ھېساپلىنىدۇ.
         ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسەن، كاتالونىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا دۆلەت گىربى ، دۆلەت بايرىقى ۋە مارشى بولۇپ ، بىرىنچى رەسمىي  تىل ئىسپانچە ئەمەس بەلكى كاتالونچە . رايون قانۇنىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىش ، ئۆز ئالدىغا سايلام ئېلىپ بېرىش ، ئۆز ئالدىغا پارلامېنت ۋە سىياسىي  كېڭەش تەشكىللەش ۋە تارقىتىش ، باج بېكىتىش ۋە باج يىغىش ھوقۇقىغا ئىگە. مەكتەپلەر پۈتۈنلەي كاتالان تىلىدا بولۇپ ، ئىسپانچە پەقەت ھەپتىدە ئىككى سائەتلا ئۆتۈلىدۇ. ھەتتا ئالىي  مەكتەپلەردىمۇ دەرسلەر پۈتۈنلەي كاتالانچە بولۇپ ، ئىسپانچە دەرسلەرنى تاللاشقا بولىدۇ ئەمما مەجبۇرى تېڭىلمايدۇ . بارلىق رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي ھۆججەتلەر ، كوچا-كويلاردىكى ئېلان-ۋىۋىسكىلارنىڭ ھەممىسى كاتالانچە بولۇپ ، ئەگەر باشقا يېزىقتا بولۇپمۇ ئىسپانچە يېزىلىپ ، كاتالانچىسى بولمىسا ، قانۇن بويىچە ئېغىر جەرىمانە قويۇلىدۇ.
         مۇشۇنداق ئەركىن بىر تىل-يېزىق رايونىدا ، كىشىلەر يەنە ئۆز ئالدىغا ئىسپانچە ئۆگىنىدىغان بولۇپ ، 2006-يىلىدىكى ئىستاتىسكىلاردىن قارىغاندا ، كاتالانلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئىسپانچىنى كاتالانچىدىن ياخشى بىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن بارسېلوناغا بارغاندا ، پەقەت ئىسپانچە بىلىش ھەرگىز يېتەرلىك ئەمەس . ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ، بارسېلونا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەردىن بىرى ۋە بۇ شەھەرگە ئوقۇشقا بارىدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ . نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئىسپان تىلى ئۈگىنىپ ، بارسېلونا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى تاللىغاندىن كېيىن ، نەق مەيدانغا بارغاندا ، ئۆگەنگەن ئىسپانچىسىنىڭ ھېچبىر رولى يوقلۇقىدىن قاقشايدىكەن. چۈنكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن كاتالونچە ، سرتتا ھايات كاتالونچە . گەرچە كىشىلەر ئىسپانچە بىلسىمۇ ، ئەمما كاتالونچە سۆزلىمەسلىك ئىنتايىن ئېغىر ئېلىنىدىغان ئىش ھېساپلىنىدىكەن .
         كاتالونىيەنىڭ ئىقتىسادى ئىسپانىيەدىكى ئوخشىمىغان رايونلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . بولۇپمۇ بۇ رايون ئىسپانىيەنىڭ بىرىنچى ساياھەت رايونى بولۇپ ، ئىسپانىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ  . بارسېلونا پاي-چەك شىركىتى ئىسپانىيەدە مادرىد پاي-چېكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . پۇتبول كۇلۇبى بارسېلونانى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك . دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبول كوماندىسى بولغان بارسېلونا ھەر قېتىملىق دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە توپ كىرگۈزگەندە كاتالونىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىدۇ . 2010-يىلى ئىسپانىيە دۇنيا
لوڭقىسىنى ئالغىنىدا ، دۆلەت كوماندىسىدىكى كاتالانلار دەرھال ئىسپانىيە بايرىقىنى ئەمەس بەلكى كاتالونىيە بايرىقىنى پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىنىڭ كۆزىدە لەپىلدەتكەن ئىدى.

                              ( مەنبە : خەۋەرلەر تورى )

99.jpg
66.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 19:19:19
بۇنىڭدىن سىز ئۈمۈد كۈتمەڭ؟؟؟....


جابدۇق ئىشلىتىش

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1405
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 20:30:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول غەلىبىسىدىكى تەنتەنە  بۇلارنىڭ بىرىنچى خوشاللىقىدۇر .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
3368
تۆھپە
946
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 23:01:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاڭلىمىغان خەۋەركەن،  تېما ئىگىسىگە رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
563
تۆھپە
260
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 03:43:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بىلەن بىزنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىمىز ئوتۇرىسىدا پەرق خېلى چوڭكەن.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1511
تۆھپە
1151
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 09:37:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىڭىزنى ئوقوپ بارىسلۇنادا  ئۈتكۇزۇلگەن شۇ قىتىملىق پوت پول مۇسابىقسىنى ھەم گۇزەل بارىسلۇنا شەھرىنى ئەسلەپ قالدىم . خوشاللىق كىشگە  بەخىت ھەم ئۈمۇر ئاتا قىلغاي.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-1 09:23, Processed in 0.081107 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991