تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 349|ئىنكاس: 20

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامىنى توغرا ئاتىماق زۆرۈر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
44
تۆھپە
19
UID
130
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامىنى توغرا ئاتىماق زۆرۈر


0.jpg


    يېقىندىن بۇيان نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا ‹شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى›دېگەن بىر ئاتالغۇ پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ئاتالغۇ شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداۋاتقان ‹مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى›غا ئۇيغۇنمۇ؟ شىنجاڭ دېگەن ئاتالغۇ ئەسلىدىنلا مەنچىڭ ۋە گومىنداڭ دەۋرىدە قويۇلغان، بۇ نامنى كومپارتىيەنىڭ نۇرلۇق زامانىسىدا يەنە كۆتىرىپ يۈرىمىزمۇ؟ ۋەتەننىڭ 6\1قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ زېمىننىڭ توغرا نامىنى ئاتاش شۇنچە تەسمۇ؟ ئەجىبا بۇ تاراتقۇلار بۇنىڭ تەسىرىنى ئويلاشمىغانمىدۇ؟
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ناممۇ ئاسان قويۇلغان ئەمەس. شۇڭا، ئاپتونومىيە قانۇنىدىمۇ ئاپتونومىيە ئورۇن نامىنى قانداق ئېلىش مەسىلىسى ئېنىق بېكىتىلگەن. شۇنداقكەن، بىزنىڭ قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەسلىك، ئاپتونومىيە ئورۇن ناملىرىنى تولۇق ئالماسلىققا ھېچ ئاساسىمىز يوق.
    تەڭرىتاغ تورى باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

1321367106.png



ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

تەڭرىتاغ بۇ ئىنكاسنى 15-قەۋەتتە يوللىغان تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىغا نىسبەتەن ئىلمىي پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . قالايمىقان پىكىر قىلىشقا ، ھېسسىياتىغا تايىنىپلا سۆزلەشكە قەتئىي بولمايدۇ .

Rank: 3Rank: 3

تىللا
153
تۆھپە
98
UID
990
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ئەمەس، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دىيىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئاخبارات ۋاستىللىرىمۇ ئالاھىدە  دىقەت قىلسا.


Rank: 2

ئىسمى
بىدار قۇتلان
تىللا
76
تۆھپە
41
UID
734
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقارتمىسا بولمىغىدەك قىسقارتىۋەتسە بەك بىمەنە ئاڭلىنىدىكەن.


نامسىز  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:11
تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


Rank: 1

تىللا
19
تۆھپە
9
UID
647
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2006
تۆھپە
1229
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇچە ئەخبارات ۋاسىتىلىرىدە، رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرىدە بۇنداق بۇزۇق ئاتالغۇ بەك كۆپ، ئۆزگرتىپ بولاتتىمۇ؟


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:15
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ 13-ماددىسىدا:  مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاينىڭ نامى يەر نامى، مىللەت نامى، مەمۇرىي ئورنى رېتى بويىچە ئاتىلىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا، دەپ بەلگىلەنگەن.


نامسىز  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:22
«گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 3-ماددىسىدا: ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنى قۇرۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، نامىنى ئۆزگەرتىشنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قاراپ چىقىپ قارار قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1045
تۆھپە
330
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1955-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا زوڭلى جوئېنلەي ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ قارالمىسى تەستىقلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇش، شىنجاڭ ئۆلكىسى تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي رايونى بولۇش قارار قىلىنغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-16 18:35  





ئەلبەھرە تورى
http://www.elbehre.com

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1045
تۆھپە
330
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ نامىنى توغرا ئاتاش ناھايىتى مۇھىم مەسىلە، خالىغانچە قىسقارتىش، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-16 18:36  





ئەلبەھرە تورى
http://www.elbehre.com

Rank: 1

تىللا
51
تۆھپە
11
UID
339
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن   قاملاشمىغان  ،،،،،،،ئاچچىقىم  كىلىۋاتىدۇ


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قۇربان سايىم
تىللا
154
تۆھپە
108
UID
558
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           بۇ ئاتالغۇنى قانۇن بويىچە قوغدىشىمىز تولىمۇ زۈرۈر. تېمىڭىزگە رەھمەت.
                                


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4555
تۆھپە
1866
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىغا نىسبەتەن ئىلمىي پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . قالايمىقان پىكىر قىلىشقا ، ھېسسىياتىغا تايىنىپلا سۆزلەشكە قەتئىي بولمايدۇ .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
287
تۆھپە
38
UID
377
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 20:18
كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىغا نىسبەتەن ئىلمىي پىكىر قىلىشىنى  ...

تەڭرىتاغ ئەپەندىم:
سىز كۆپچىلىكنى بۇ تېمىغا نىسبەتەن پىكىر قىلىشقا چاقىرماي، بەلكى، تەڭرىتاغ تورى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇرغان تور بېكەت بولغاچقا «بىز بۇئەھۋالنى يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىپ باقايلى، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تورداشلارغا ئېنىق جاۋاپ بېرىمىز» دەپ ئىنكاس يازغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.
چۈنكى تەڭرىتاغ تورى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر - پەرمان، سىياسەتلىرىنى خەلققە يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزىدىغان، بۇ ئارىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان سورۇن.
گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
ئاتېللا
تىللا
132
تۆھپە
78
UID
205
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەن ھەرۋاقىت دىققەت قىلىدىغان مەسىلە.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4555
تۆھپە
1866
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 13 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muallim يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 22:55
تەڭرىتاغ ئەپەندىم:
سىز كۆپچىلىكنى بۇ تېمىغا نىسبەتەن  ...

مەن بۇ يەردە كۆپچىلىكنى پىكىر قىلىشقا چاقىرمىدىم ، ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ ، 10 نەچچە ئىنكاس چۈشۈپتۇ ، شۇڭا مەن ئىنكاس يازغانلارنىڭ بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتتۇم ، يېڭى ئېچىلغان مۇنبەرنى بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى كىم خالايدۇ دەيسىز . بىز چوقۇم سىز دېگەندەك قىلىمىز .  


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
694
تۆھپە
308
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 11 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى›› دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى


تەرجىمە قىلغۇچى: نىدائىي


   1954–يىلى 7–ئاينىڭ 31–كۈنى مەركەز شىنجاڭدا ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون  قۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا شىنجاڭ شۆبە بىيوروسى مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، شىنجاڭدا قۇرۇپ چىقىلىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايوننىڭ نام مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالدى.
   پىكىردە ئاپتونوم رايوننىڭ نامىنى ئاتاش توغرىسىدا مۇنداق ئۈچ خىل قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاش، ئىككىنچى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاش، ئۈچىنچى، ئۇيغۇرستان ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاش. بۇنىڭدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى يولداشلار ئىككىنچى خىل قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنجاڭ شۆبە بىيوروسى شۇ يىلى 8–ئاينىڭ 6–كۈنى يەنە بىر قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، مۇشۇ نام ھەققىدە مەخسۇس مۇنازىرە ئېلىپ باردى. يىغىندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى يولداشلار ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى›› دېگەن نامنى قوللىنىش نىسبەتەن مۇۋاپىقكەن، دېگەن قاراشقا كەلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: بىرىنچى، بۇ نام شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان قىلغانلىقىدەك ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېزىسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىككىنچى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق–ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق.
   1954–يىلى 11–ئاينىڭ 13–كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيوروسىغا: شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاپتونوم رايون، ئەمما ئۇيغۇرلار، مۇھىمى چېگرا ئىچىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقىنى تېخىمۇ قوزغاش ئۈچۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامىنى ‹‹شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى›› دەپ ئاتاش، ئەگەر ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر خالىسا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى›› دېگەن نامنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ، دېگەن مەزمۇندا تېلېگرامما يوللىغان.
   1955–يىلى 2–ئاينىڭ 28–كۈنى، شىنجاڭ شۆبە بىيوروسى مەركەزگە: شىنجاڭدىكى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم رايوننىڭ نامى توغرىسىدا، ئۇزاق كېڭىشىش ئارقىلىق كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى››، دەپ ئاتاشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، دېگەن مەزمۇندا تېلېگرامما يوللىغان. شۇ يىلى 4–ئاينىڭ 16–كۈنى مەركەز شىنجاڭ شۆبە بىيوروسىغا: شىنجاڭدىكى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم رايوننىڭ نامى مەسىلىسى توغرىسىدا مەزكەر سىلەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ نامىنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى››، دەپ ئاتىساق دېگەن پىكرىڭلارغا قوشۇلدى، دېگەن مەزمۇندا قايتىدىن تېلېگرامما يوللىغان.
   1955–يىلى 9–ئاينىڭ 13–كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 21–قېتىملىق يىغىنىدا: ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇش، شىنجاڭ ئۆلكىسىنى بىكار قىلىش›› توغرىسىدىكى قارار ماقۇللانغان.
   1955–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەسمىي قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچقان.



Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
تۆمۈر قادىرى
تىللا
188
تۆھپە
54
UID
379
يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkadiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-17 14:44  



QQ : 1196015800 ؛    Tel: 18999651544
گۈلىستان ئۇيغۇر سالونىغا مەرھەمەت! http://www.gulistan.cn

Rank: 3Rank: 3

تىللا
292
تۆھپە
53
UID
908
يوللىغان ۋاقتى 6 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى خەنزۇچە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز،يەر جاي نامىنى خالىغانچە قىسقارتىدۇ،ھەتتا كىشى ئىسىملىرىنى خاتا يازىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.


ئىغىزىداپىل تەۋرەتكەندىن ئەمىلىيتىدە  قىل تەۋرەتكەن ئەۋزەلدۇر

Rank: 2

تىللا
95
تۆھپە
25
UID
489
يوللىغان ۋاقتى 1 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھىچنىمە دىمەي بولدى، يىغىپ كەلگەندە ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ بىزنى كۆندۇرۇمەكچى، بولمىسا، ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇنىڭ ‹ ئاساسىي قانۇن› ۋە  ‹ ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى› غا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىزدىن ئوبدان بىلىدۇ.


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-17 23:37, Processed in 0.073904 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش