تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 133|ئىنكاس: 10

توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1045
تۆھپە
330
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش


    تور بەتلىرىمىزدە كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش توغرىلىق كۆپ تالاش-تارتىشلار بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ. كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش
چېتىلىدىغان تەرەپلەرمۇ بىر قەدەر كۆپ يەنى ئاپتور(ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى)، كۆچۈرىۋالغۇچى، دەسلەپ ئەسەر ئېلان قىلغان ياكى يۆتكەپ ئىشلەتكەن تور بېكەت، ئەسەرنى نەشىر قىلغان نەشىرىيات ياكى گېزىت-ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. بەزى تور بېكەتلەر ۋە ژورنال تەھرىر بۆلۈملىرى ھەتتا ئۆزلىرى ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى باشقىلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە بولمايدىغانلىقى، ئەگەر خىلاپلىق قىلسا، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشتى. لېكىن، بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاندەك ئەمەس.
كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشنى ئايرىم-ئايرىم تەھلىل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
    كۆچۈرمىكەشلىك دېگەندە، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى شۇ پېتى ياكى ئازراق ئۆزگەرتىپلا ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، ئۆز نامىدا ئېلان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قىلمىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقتۇر، ئەسەر ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقتۇر. بۇنداق قىلمىشلارغا قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلماسلىق، قەيەردە بايقىساق، ۋاقتىدا پاش قىلىش، ئىنكاس قىلىش، چەكلىشىمىز كېرەك. بەزى تورداشلار توردا ئەسەر كۆچۈرۈش ناھايىتى ئاسان دەمدۇ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆزىنىڭ نامىدىلا يوللىشىدۇ.
يۆتكەپ ئىشلىتىش دېگەندە، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ، ئاپتۇرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ۋە ئەسەرنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
يۆتكەپ ئىشلىتىش تور بەتتىكى ئەسەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، گېزىت-ژۇرنال ياكى كىتابتىكى ئەسەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرمۇ كىتاب، گېزىت-ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرگە ئوخشاشلا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئەسەر ئاپتۇرى ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
    گېزىت-ژۇرنال ۋە باشقا تور بەتتە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ-يوق؟ بۇنىڭ جاۋابىنى يەنىلا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
    دۆلىتىمىزنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى شۇنداقلا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسەر ئاپتورى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلمىغان ئەسەرلەرنى، ئاپتورنىڭ ياكى ئېلان قىلغان گېزىت-ژۇرنال، تور بېكەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە قانۇندا ئىجازەت بېرىلگەن. بۇنداق بەلگىلىنىشى ئەسەرنىڭ كەڭ تارقىلىشى، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننىڭ بەھىرلىنىشىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن.
    يۆتكەپ ئىشلىتىشتە مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
    بىرىنچى، ئەسەر ئاپتۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى ياكى تور بېكەت ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چوقۇم يۆتكەپ ئىشلەتمەكچى بولسا، ئەسەر ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىجازىتىنى ئېلىش كېرەك.
    ئىككىنچى، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەرنى ئاپتۇرنىڭ ياكى ئېلان قىلغان گېزىت-ژۇرنال، تور بېكەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپمۇ يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ قانۇندا ئىجازەت قىلىنغان ئەھۋالغا تەۋە بولىدۇ.
    ئۈچىنچى، يۆتكەپ ئىشلەتكەندە، ئاپتۇرغا مۇناسىپ ھەق بېرىش كېرەك. ھەق ئۆلچىمىدە دۆلەتنىڭ قەلەم ھەققى ئۆلچىمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. ئەگەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلاشمىسا، قەلەم ھەققىنى دۆلەتلىك نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىنىڭ ۋاكالىتەن بېرىپ قويۇشىغا تاپشۇرسا ياكى ئاپتۇر ھەق تەلەپ قىلغاندا بىۋاستە بەرسىمۇ بولىدۇ.
    تۆتىنچى، يۆتكەپ ئىشلەتكەندە، ئەسەر ئاپتۇرىنى، ئەسەر مەنبىئىنى ئىزاھلاش كېرەك.
    بەزى تور بېكەتلەر ياكى ژۇرناللار تورىمىزدا- مۇنبىرىمىزدە ياكى ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان يازمىلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى تور بېكىتىمىزگە، ژۇرنىلىمىزغا تەۋە، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، خىلاپلىق قىلسا، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ دەپ يېزىپ قويۇشىدۇ. بۇ باياناتنىڭ چەكلەش كۈچى قانداق بولىدۇ؟
    يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئاپتۇرغا تەۋە بولىدۇ. ئاپتۇر يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلمىغان ئەسەرلەرنى ياكى
تور بېكەت ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلماي تۇرۇپ، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى ئاپتۇرنىڭ ياكى ئېلان قىلغان گېزىت-ژۇرنال، تور بېكەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپمۇ يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ قانۇندا ئىجازەت قىلىنغان ئەھۋالغا تەۋە بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تور بېكەت ياكى ژۇرناللارنىڭ ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسىنى ئالمىغان ئەھۋالدا ئېلان قىلغان يۇقۇرىقىدەك باياناتى ئەگەر ئەسەر ئوغرىلاش-كۆچۈرمىكەشلىككە ئەمەس، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە قارىتىلغان بولسا، ئۇ بايانات قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، ئادەتتە ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ.
ئاپتور: ئۆزۈم
مەنبە: ئەلبەھرە تورى
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
تەڭرىتاغ + 10 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10 تىللا + 10  باھا خاتىرىسى



ئەلبەھرە تورى
http://www.elbehre.com

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
173
تۆھپە
46
UID
12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانام كىچىكىمدىلا باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى سوراپ ئىشلەت دەيدىغان...
Rock'N Roll!
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:55
باشقىلارنىڭكىنى ئۆزىنىڭكى قىلىۋىلىش شەكلى ئۆزگەرگەن ئوغرىلىقتۇر،  باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلىمەي،جاپا چەكسىڭىزمۇ تىرىشىپ ئۆزىڭىزنىڭ چاپىنىدا تەرلەڭ ، چۈنكى باشقىلار چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى بولمايدۇ-ئەمەسمۇ .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1045
تۆھپە
330
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيياھ 120.68.12.x يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 13:55
باشقىلارنىڭكىنى ئۆزىنىڭكى قىلىۋىلىش شەكلى ئۆزگەرگەن  ...


كۆچۈرمىكەشلىك  باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى شۇ پېتى ياكى ئازراق ئۆزگەرتىپلا ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، ئۆز نامىدا ئېلان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قىلمىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقتۇر، ئەسەر ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقتۇر. بۇنداق قىلمىشلارغا قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلماسلىق، قەيەردە بايقىساق، ۋاقتىدا پاش قىلىش، ئىنكاس قىلىش، چەكلىشىمىز كېرەك.


ئەلبەھرە تورى
http://www.elbehre.com

Rank: 2

ئىسمى
تۇرسۇنئاي سۇلتان
تىللا
56
تۆھپە
24
UID
246
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئامال بار ئىجازىتى بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەتسە دەيمەن.مەن مۇشۇنداق گەپ قىلماي ئەسەرلىرىمنى ئۇ تور بەت بۇ تور بەتلەرگە يۆتكەپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوجۇمىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغۇچى بولسام كېرەك دەيمەن. ئېنىق ئىزاھات بېرىلگەن ئەلكۈيىگە يوللانغان ئەسەرلىرىمنىڭ پۈتۈن تور بەتلەردە ئېقىپ يۈرۈپمۇ مەيدىسىگە ئۇرغان تور بەت قۇرغۇچىسىنىڭ ئامال قىلمىغانلىقى قاتتىق غۇرۇرىمغا تەگكەن مېنىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bargiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-16 16:42  

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قۇربان سايىم
تىللا
154
تۆھپە
108
UID
558
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كۆچۈرمىچىلىككە قارشى تۇرايلى!

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2006
تۆھپە
1229
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىسۇن كۆچۈرمەسلىك، ياشىسۇن يۆتكەپ كەلمەسلىك!
نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 1

تىللا
25
تۆھپە
14
UID
1858
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمى http://www.salamurumqi.com/sayna/read.php?tid=29
ئاپتور ۋە ئەسلى مەنبە ئەسكەرتىلمايلا ماۋۇ يەرگە چاپلىنىپتۇ : تېخى ئالتۇن ئەزاكەن ...
جازا بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن ...

/forum.php?mod=viewthread&tid=6209

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1045
تۆھپە
330
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuz يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 22:27
ماۋۇ تېمى http://www.salamurumqi.com/sayna/read.php?tid=29
ئاپتور ۋە ئەسلى م ...


قايسى تېمىنى دەۋاتىسىز؟
مەنبە ۋە ئاپتور ئېنىق ئەسكەرتىلدى. ئۆزۈم يازغان ماقالىنى ئۆزۈمنىڭ تور بېتىدىن يۆتكەپ كەلسەم، جازا بەرمەيدىغانسىلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-17 18:00  



ئەلبەھرە تورى
http://www.elbehre.com

Rank: 1

تىللا
25
تۆھپە
14
UID
1858
يوللىغان ۋاقتى 4 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2011-11-17 17:59
قايسى تېمىنى دەۋاتىسىز؟
مەنبە ۋە ئاپتور ئېنىق ئەسكەر ...

ياق ، ئا ئۈستىدكى تېما كۆچۈرلۈپ كەپتۇ ، سىزنىڭ تىمىڭىز كۆچۈرمەسلىككە دەۋەت قىلىدىغان تېما ئىكەن ، شۇڭا ئاۋۇ تېما ئوغىرىسغا رەدىيە بىرىپ قويامتىكى دەپ بۇ ئىنكاسنى قالدرۇپ قويدۇم

Rank: 4

تىللا
248
تۆھپە
149
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 4 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالا بۇرۇن نۇرغۇن توربىكەت باشلىقلىرىدىن كۆڭلۈم سوۋۇپ كەتكەن . تەڭرىتاغ تورىدىكى ھەر قانداق بىر تېمىنى yahoo ياكى google ئارقىلىق ئىزدەپ باقىدىغان بولسىڭىز ئوخشاش تېمىنى ئۇچۇرتىسىز . ئىشەنمىسڭىز مەن بىر تېمىنى مىسال قىلاي :
http://bbs.misranim.com/read.php?tid=63032 مان ، مىسرانىمدىكى ماۋۇ تېما ئىگىسى بۇ مىنىڭ تېمام ، ئىجادىيىتىم دەپ نۇمۇسىزلارچە ئېلان قىلۋاپتۇ ، بۇ تېىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى http://www.xjtsnews.com/normal/c ... /content_173361.htm مانا ماۋۇ ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ نەرسىنى ئىككىلەنمەنلا ئۆزنىڭ قىلىۋاپتۇ ...  ئەمدى بۇ قانداق مەدىنىيەت مەن بىلمىدىم ...  ئىككى تېمىنىڭ يوللىنىش ۋاقىتدا 10 كۈن پەرىق بار ئىكەن . راس ئۆزنىڭ ئىجادىيتى ئوخشايدۇ دىسەم مەزمۇن ئوپمۇ ئوخشاش ؟
   خالىغان بىر تېمىنى ئاختۇرۇپ بىقىڭ ...
  ھەمىڭلارنىڭ قۇربان ھىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . مۇساپىر بالا

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-17 23:39, Processed in 0.063275 second(s), 22 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش