- تىزىملاتقان
- 2013-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-12
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 27
- نادىر
- 0
- يازما
- 1

- تۆھپە
- 1
- مۇنبەر پۇلى
- 23
- ئىشەنىچ
- 1
| قازاقىستان زوڭتۇڭى نەزەربايۇفنىڭ قازاق قىزلارتوغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى : بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەزەلدىن ئۆزقىزلىرىنىڭ يۈزىنى ياپقۇزمىغان، شۇڭا بىز ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى ئىسلام ئەقىدىلىرنى ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئوخشاشلا ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىمۇ ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك.ھازىر بىرقىسىم كىشىلەر بەزى خاتا تونۇۋالغان نەزىرىيەلەر بىلەن ياشلىرىمىزنى ئازدۇرۋاتىدۇ، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى ماھىيتى ئەمەس. ئەگەر بىز ئۇلارغا ئەگەشسەك ئاقىۋەتتە بىز ئۆز قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يۈزىنى يىپىشتىن سىرىت، يەنە بىر داستىخاندا بىللە تاماق يىيىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالىمىز، ئۇلار ئۆزى يالغۇز قاتناش قۇراللىرىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن سىرىتقا چىقالمايدۇ، نورمال مائارىپ تەربىيىسى ئالالمايدۇ، ئۇنداقتا بىز پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيلەيمىز؟!بىر بۇنداق ناتوغرا ئىدىيەلەردىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بۇرچىمىز ياشلىرىمىزنى 21-ئەسىرگە باشلاپ كىرىش، ھەرگىزمۇ بۇ خاتا ئىدىيە سەۋەپلىك ئۇلارنى ئوتتۇرا ئەسىرگە قايتۇرمايمىز. ئەرەپچە ھىجاپلىق كىينىش بىزنىڭ ئەنئەنىمىز ئەمەس، بىز ھەقىقەتەن تەقۋا مۇسۇلمان، ئەمما بىزنىڭ ئەلمىساقتىن تارتىپ ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىمىز بار. بىز باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرۈپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىمىز، بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ۋە ئالدىنقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ قانداق كىيىنىشى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، بىراق ئۇقۇۋاتقان ياشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ھىجاپلىنىشقا تەلەپ قىلماڭلار.بىز قازاقلار يايلاق مىللىتى، ئات ئۈستىدىكى مىللەت، ئات ئۈستىدە جەڭ قىلىۋاتقان باتۇرلارنىڭ ھەمراھى دەل ئۇلارنىڭ ئايالى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇغۇل-قىزلىرى، مانا بۇ ھەقىقي قازاق مىللىتى، مانا بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىمىز! مەنبە:باسباس تورى |
|